تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېلېكتىر تورى «بوشلۇق يولى» پامىر ئېگىزلىكىگە يەتكۈزۈلدى

  خەلق تورى خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى مارياڭ يېزىسى دېسۈن كەنتى بىلەن نۇشدۆڭ كەنتىگە چوڭ ئېلېكتىر تورى يەتكۈزۈلۈپ، 153 ئائىلىدىكى 700چە چارۋىچى توك يېتىشمەسلىك مەسىلىسى بىلەن رەسمىي خوشلاشتى.

  مارياڭ يېزىسى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي قىسمىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 130 كىلومېتىر كېلىدۇ، ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىققاندا 4300 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تاڭلى داۋىنىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئاپتوموبىل بىلەن تەخمىنەن تۆت سائەت يول يۈرگەندە ئاندىن يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. بۇ يېزىدىكى دېھقان، چارۋىچىلار كۆپىنچە چارۋىچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. پامىر ئېگىزلىكىنىڭ تەبىئىي شارائىتىنىڭ تەسىرىدە مارياڭ يېزىسى ئىزچىل كىچىك سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە فوتو ۋولت تاختىسىغا تايىنىپ ئېلىكتىر مەسىلىسىنى تەسلىكتە ھەل قىلىپ كەلگەن، كىچىك سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى پەسىل خاراكتېرلىك توك چىقىرىدىغان بولغاچقا، سۇ قۇرۇش مەزگىلى يېتىپ كەلسىلا ئىشلەتكىلى بولمايتتى، يەنە، فوتو ۋولت تاختىسىنى ئاسراش يېتەرلىك بولمىغاچقا، بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ فوتو ۋولت توك چىقىرىش ئۈسكۈنىسى پەقەت بىر نەچچە سائەتلىك يورۇتۇشقا يىتەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى