تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق ساياھەت پائالىيىتى يولغا قويۇلدى

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: قىش كىرگەندىن بۇيان، كۆپلىگەن ساياھەتچى شىنجاڭغا كېلىپ قار-مۇز خۇشاللىقىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قىش ۋە ئەتىياز  پەسىللىك تۈرلۈك ساياھەت پائالىيەتلىرى ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلدى.

    2019-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست بىرلىكتە يولغا قويغان «قىشتىكى ئىللىق قۇياش جەنۇبىي شىنجاڭنى ئىللىتتى» ناملىق چاڭجياڭ دەريا دېلتىسى ساياھەتچىلىك بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست تۇنجى نۆۋەتلىك قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى پائالىيىتى باي ناھىيەسىدە باشلاندى، بۇنىڭ مەقسىتى ھەممە يەردە ساياھەت قىلغىلى بولىدىغان شۇنىڭدەك تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەت قىلغىلى بولىدىغان پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.

    باشلىنىش مۇراسىمىدا، چاڭجياڭ دەريا دېلتىسى ساياھەتچىلىك بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى 150 مىليون نوپۇسى بار چاڭجياڭ دەريا دېلتىسى شەھەر توپى ۋە جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت مەنبەسى بازىرىنى قىش پەسلىدە جەنۇبىي شىنجاڭغا كېلىپ قاردىن ھۇزۇرلىنىشقا، ئەتىياز پەسلىدە گۈل تاماشاسى قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ دەريا-ئېقىنلاردىن، قۇملۇقلاردىن، مۇزلۇقلاردىن ھۇزۇرلىنىدىغان ئەڭ ياخشى مەنزىل ھېسابلىنىدۇ. 
  2019-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى بۇرچىن ناھىيەسى 2019-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى: 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، ئۆي ئاپتوموبىل بىلەن ساياھەت قىلىش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشتا ئۆمەك تەشكىللەشكە قارىتا، ھەربىر ئۆمەكتىكى ئادەم سانى 60 تىن ئاشقان ھەمدە ھەر قايسى ناھىيە تەۋەسىدىكى بارلىق مېھمانساراي ياكى پۇقراۋى قونالغۇدا بىر كېچىدىن ئارتۇق تۇرغان ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىكى ھەر بىر ئۆمەككە 10 مىڭ يۈەن تەشۋىقات خىراجىتى ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ ساياھەت ئۆمىكى تەشكىللەپ بۇرچىن ناھىيەسىدىكى مېھمانخانىلاردا مېھمان قوندۇرغان ساياھەت كوپىراتىپلىرى مېھمانخانىلاردا %50 ئېتىبار باھادىن بەھرىمەن بولىدۇ. پۇقراۋى قونالغۇ مۇلازىمەت نۇقتىلىرىدا ئىستېمال قىلغان ساياھەت كوپېراتىپلىرى كوللېكتىپ ئىستېمالدا %70 ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ 200 دىن ئارتۇق ئادەمنى تەشكىللەپ مەخسۇس پويىز بىلەن بۇرچىنغا كەلگەن ھەمدە بىر كېچە قونىدىغان كوللېكتىپ ياكى ساياھەت كوپېراتىپىغا ھەر قېتىملىق مەخسۇس پويىز خىراجىتى ئۈچۈن 50 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ.
    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇرچىن ناھىيەسى يەنە «جۇڭگو · شىنجاڭ · بۇرچىن 4-نۆۋەتلىك سۆڭگە بايرىمى» ئۆتكۈزىدۇ. سۆڭگە بايرىمى مەزگىلىدە، «قار-مۇز كارنىۋالى»، سۆڭگە فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، چاغانلىق ماللار توپلىمى، ئىسىل تائاملار كاتتا مەرىكىسى، مىڭ كىشىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش، مۇزىكىلىق گۈلخان كېچىلىكى قاتارلىق ئون نەچچە تۈرلۈك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت پائالىيىتى  ئېلىپ بېرىلىدۇ.

    مايتاغ چوڭ جىلغا مەنزىرە رايونى بۇ يىل قىشتا تۇنجى قېتىم سىرتقا ئېچىۋېتىلدى. مەنزىرە رايونىدا قار ۋە مۇز ئويما باش تېما قىلىنغان باغچا قۇرۇلدى، قار تېيىلىش، ئات بىلەن چاڭغا سۆرەش، قار تېيىلىش چەمبىرىكى، قارلىق موتوسىكلىت، ئۈچ كىشىلىك بانان كېمىسى، لەھەڭ ئاپتوموبىلى قاتارلىق قار-مۇز تۈرلىرى تەسىس قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قار بوۋاي ياساش مۇسابىقىسى، قار-مۇز رىقابەت مۇسابىقىسى قاتارلىقلار تەسىس قىلىندى. مايتاغ چوڭ جىلغىسى مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل تاشيول سانىلىدىغان مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى تۇنجى مەنزىرە نۇقتا.
       ( مۇخبىر ياۋ گاڭ، جاڭ جېلى، سۈن يۈەنيۈەن، پىراكتىكانت مۇخبىر ۋاڭ جىڭيۈ، ئىختىيارىي مۇخبىر نيۇ خەييەن، يۈ لىسەي خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى