تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرى خەلقنى كۆزلەش ھېسسىياتىنى پۇختىلىدى  پۇقرالارنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇردى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا

2 - تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى، نەتىجىسىنى پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، ئىستىلنى ياخشىلاش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى تاۋلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش داۋامىدا خەلقنى كۆزلەش ھېسسىياتىنى كۈچەيتتى.

ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش    ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش

باش تېما تەربىيەسىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لار، تارماقلار، ئورۇنلار دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يېتىشىپ ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئېڭىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتى.

باش تېما تەربىيەسىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تىيانشان رايونى مۇھىم نۇقتا بىلەن ئومۇمىي دائىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ئۈچۈن ئۆگىنىش ۋاسىتىسى يارىتىپ، تەربىيە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيەنىڭ تولۇق قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئەسلىي مەقسەت بىلەن قەتئىي ئىرادىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى مۇستەھكەملەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنىڭ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئاشۇردى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى: باش تېما تەربىيەسى غايە - ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملىدى، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئاڭلىقلىقىمىز ۋە قەتئىيلىكىمىزنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئىدىيەۋى تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلدى. «ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، كۈرەش قىلغۇچىلار» ئىلغار تىپىدىن ئوننى تاللاپ تۇرغۇزۇپ، ئىلغارلاردىن ئۆگىنىش، تىپلاردىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى دائىملاشتۇرۇپ، ئەتراپتىكى كىشىلەر، ئەتراپتىكى ئىشلار ئارقىلىق، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى تەربىيەلىدى؛ «يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى كېچىلىك سۆھبەت» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، ئامما بىلەن «بىر ئورۇندۇق»تا ئولتۇرۇپ، ئەڭ ھەقىقىي ئوي - پىكىرلەرنى ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىنى ھەقىقىي تۈردە ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش جەريانىغا ئايلاندۇردى. باش تېما تەربىيەسى مەزگىلىدە، بۇ رايون ئاممىنىڭ پىكىر - تەكلىپىدىن جەمئىي 1954 نى توپلىدى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا ياردەملىشىپ، 9887 ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى. پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش تېما تەربىيەسىدە بىز قانداق مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى، كەمتۈكلۈكلەرنىڭ قەيەردىلىكىنى تاپتۇق، شۇنداقلا، ھەقىقىي تۈردە ئاممىغا ياردەملىشىپ، بىر تۈركۈم باش قاتۇرىدىغان ئىشلارنى ھەل قىلىپ بەردۇق.

مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش    قىيىن مەسىلە ئالدىدا چېكىنمەسلىك

باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لار، تارماقلار، ئورۇنلار «مەن كىم، كىم ئۈچۈن، كىمگە تايىنىمىز»دىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش روھى بىلەن ئۆز تارمىقى، ئورنىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلىرى ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى تەكشۈرۈپ تېپىپ، سۆڭەكنى قىرىپ يارىنى داۋالايدىغان جاسارەت، ئېگىلمەس - سۇنماس غەيرەت بىلەن تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى.

بىر تەرەپتە ئاممىنىڭ ئىنتىزارلىق نەزەرى، بىر تەرەپتە غايەت زور مەبلەغ كەمچىللىكى. ئۇزاقتىن بۇيان، مىدۇڭ رايونىدىكى شەھەر رايونىدىن سەنداۋبا بازىرىغىچە بولغان (X138 لىنىيەسى) تاشيولنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش شۇ جايدىكى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىش ئىدى. بۇ تاشيول لىنىيەسى بويىدىكى ئۈچ يېزا - بازاردا 50 مىڭدىن ئارتۇق ئامما بار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يولنىڭ ياخشىلىنىشىغا تەقەززا ئىدى.

مىدۇڭ رايونى باش تېما تەربىيەسى جەريانىدا كۆپ تەرەپتىن خىراجەت غەملەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قۇرۇلۇش قىلىش پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەربىر خىراجەتنى دەل جايىغا ئىشلىتىپ، نازارەت قىلغۇچى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە قۇرۇلۇش سۈپىتىنى پۈتۈن ۋاقىتلىق، ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلدى. قۇرۇلۇش پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، لىنىيە بويىدىكى ئامما ئۆزلۈكىدىن ئۆيلىرىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى مۇھىتنى تۈزەپ، ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان بۇ يولنى خەلق رايى يولى، خەلق تۇرمۇشى يولى، بېيىش يولىغا ئايلاندۇردى.

داۋانچىڭ رايونىدا بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ياشانغانلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىش ئىزچىل بىر بوشلۇق بولۇپ، ئاممىنىڭ ساداسى كۈچلۈك ئىدى. داۋانچىڭ رايونلۇق پارتكوم ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەت باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئەسلىدە بار بولغان ياشانغانلار ساناتورىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىپ، ياتاق بىناسى شەكلىدىكى ئۆلچەملىك ياتاقتىن 21نى سەپلىدى، بىرلا ۋاقىتتا 42 ئادەم كۆچۈپ كىرەلەيدۇ. نۆۋەتتە، بېقىش مەركىزى 60 ياشتىن ئاشقان بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئوبيېكتتىن 24 ئادەمنى ئورۇنلاشتۇردى، مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىش نىسبىتى %80كە يەتتى.

«مەن ھەر كۈنى ئوزۇقلۇقى مول ئىسسىق تاماقلارنى ۋاقتىدا يېيەلەيمەن، دوختۇر - سېسترالار كېلىپ سالامەتلىكىمىزنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ، چارشەنبە، پەيشەنبە، جۈمە كۈنلىرى يەنە خىزمەتچى خادىملار بىزنى باشلاپ ئەتراپتىكى مەھەللە، كەنت تەشكىللىگەن بىر قىسىم پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرىدۇ، تۇرمۇش سۈپىتىمىز ئۆستى، كۆڭلىمىزمۇ ئارام تاپتى!» دېدى ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە تۇرۇۋاتقان ما جىنخۇا.

ھەقىقىي نەتىجە يارىتىش    ئەمەلىيەتچىل بولۇپ خەلقنى كۆزلەشتە نەتىجە - ئۈنۈمنى نامايان قىلىش

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئەسلىي مەقسەت، بۇرچقا سېلىشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى كۆزلەپ، مەسىلىلەرگە يۈزلىنىپ، قاتتىق تەكشۈردى، چوڭقۇر تۈزەتتى، ئەمەلىي ئىشلىدى.

«ھازىر تەرتىپ ئاددىيلاشتى، ئىش بېجىرىش تېخىمۇ قولايلاشتى، مۇلازىمەت پوزىتسىيەسىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى.» 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، شىنجاڭ دۇڭجيا دادى كانچىلىق تېخنىكا مەسلىھەتچىلىكى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ليۇ كېۋېي ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىدىكى كۆزنەكتە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ناھايىتى تېزلا بېجىرىپ بولدى.

بەزى كۆزنەكلەرنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمەس، بەزى كۆزنەكلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى مۇۋاپىق ئەمەس... ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى باشقۇرۇش ئىدارىسى دىققەتنى ئامما ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆزنەكلەرنىڭ مۇلازىمەت ئۈنۈم ئىقتىدارى، ئىستىل قۇرۇلۇشىغا قارىتا دەل جايىدا باھالاش ئېلىپ بېرىپ، توردىكى، تور سىرتىدىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىگە «ياخشى ياكى ناچار باھا بېرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى، مۇلازىمەت ئۈنۈمىگە ئىش بېجىرگەن ئامما، كارخانىلار باھا بېرىدىغان بولدى. مۇلازىمەت سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈش بىلەن بىللە، ئىش بېجىرگەن ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى يەنىمۇ كۈچەيدى.

تەكشۈرۈشنى ساقلاش ۋاقتى ئۇزاق، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كونا، قالاق ... ئىلگىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى گۇمۇدى بازىرىنىڭ 15 مەمۇرىي كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى ئاغرىپ قالسىلا يېقىندىكىنى قويۇپ، يىراققا بېرىپ، مىدۇڭ رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانىلاردا داۋالىناتتى.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مىدۇڭ رايونى ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى قاتتىق تۇتۇپ، يەتتە يېزا - بازارلىق شىپاخانا، سەككىز مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ئۈچۈن بىر تۈركۈم تەكشۈرۈش، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تولۇقلاپ سېتىۋېلىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دىياگنوز قويۇش ۋە تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

«ھازىر ئىشىكىمىز ئالدىدىلا ئىشەنچلىك شىپاخانا بار، ئەمدى ئاغرىپ قالساق چوڭ دوختۇرخانىلارغا قاترىمايدىغان بولدۇق!» دېدى مىدۇڭ رايونى گۇمۇدى بازىرىنىڭ گودىكېڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى چۆ فۇلىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى