تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

دەريا - ئېقىنلارنىڭ تىك يارلارنى غولىتىپ، ئۆتكەللەردىن بۆسۈپ ئۆتەلىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدە ئۆركەشلەپ ئېقىپ، سانسىز جىلغىلاردا قايتما ئېقىن ھاسىل قىلىش جەريانىدا تەڭداشسىز زور كۈچ توپلىغانلىقىدا. ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى توپلىغان قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە تولۇق پارتلاپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ۋەتەننىڭ ئىچكىرى رايونلىرى بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىش، ئورتاق گۈللىنىش يولى مۇقەررەر ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ!» ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 5 - نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاۋمېنچە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ئېنىق جاكارلاپ، بىزنىڭ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىمىزغا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى.

«بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى نۇرغۇن - نۇرغۇن ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈردى، نۇرغۇن - نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بەردى، نۇرغۇن - نۇرغۇن كۈرەشلەرنى قىلدى، نامرات - ئاجىز بولۇش، پارچىلىنىپ كېتىشتەك ئېچىنىشلىق تارىخ مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان خاتىرە بولغاچقا، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت پارلاق كەلگۈسى توغرىسىدا توختاۋسىز ئىزدەندى. «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تۈزۈم، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر ئۇلۇغ ئىجادىيىتى. ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن 20 يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلىنىپ، جەمئىيىتى مۇقىم، ئىناق بولۇپ، دۇنياغا ئاۋمېنچە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن، يەنە شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو خەلقىنىڭ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇش، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» تۈزۈم سىستېمىسىنى تېخىمۇ ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننى تېخىمۇ ياخشى ئىدارە قىلىشقا تامامەن ئەقىل - پاراسىتى، كۈچ - قۇربىتى يېتىدىغانلىقىنى كۈچلۈك ئىسپاتلاپ بەردى.

«ياخشىلىقنى بىلىشىدىغانلارنى سىرداش دېيىشكە بولىدۇ؛ ئوي - پىكرى بىر يەردىن چىقىدىغانلارنى قەلبداش دېيىشكە بولىدۇ.» شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ۋەتەننىڭ ئىچكىرى رايونلىرى بىلەن تەقدىرى باشتىن - ئاخىر زىچ باغلانغان. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ۋەتەننىڭ ئىچكىرى رايونلىرى بىلەن ئەۋزەللىكلەرنى ئۆزئارا تولۇقلاپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىغا موھتاج، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ ئىچكىرى رايونلاردىكى خەلق بىلەن ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلىشىگە موھتاج. دەل شۇنداق بولغاچقا، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا «<بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم>دە چىڭ تۇرۇش ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش» يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي تەدبىرلەرنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلدى؛ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «<بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم>دە چىڭ تۇرۇش، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكلىرىنىڭ بىرى دەپ يىغىنچاقلاندى. «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە، ئۇنىڭدىن تەۋرەنمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىلا، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، قېيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇقەررەر ھالدا مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، بۇ ئىككى ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ كەلسە - كەلمەس قول تىقىشىنىڭ ھاجىتى يوق. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىرادىسى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، بىز ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز! «بىزنىڭ ئىشىمىز ھەققانىي ئىش. ھەققانىي ئىشنى ھەرقانداق دۈشمەن بۇزۇۋېتەلمەيدۇ». بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە ئىشەنچىمىز كامىل، بىزنىڭ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئىشلىرىغىمۇ ئوخشاشلا ئىشەنچىمىز كامىل. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، ھېچقانداق كۈچ بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئورنىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ھېچقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ! شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ۋەتەن خەلقى بىلەن بىرلىكتە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىسىگە ئالىدۇ، ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى، باي، قۇدرەتلىك بولۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ شەرەپتىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ