تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاۋمېننىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولايلى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

مىڭ يىللىق دولقۇن تېخى پەسەيمىدى، شامال چىققاندا يەنە يەلكەن چىقىرىمىز. ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن 20 يىللىق تارىخىي تۈگۈندە تۇرغاندا، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا كىرگۈسى، يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغۇسى.

«ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلاپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاساسىدا ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.» ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 5 - نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيادىكى 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاۋمېننىڭ ئىچكى - تاشقى مۇھىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا تۆت نۇقتىلىق ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىش مۇجەسسەملەنگەن، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئاۋمېننىڭ مەۋقەنى يېڭى ئورۇنغا قويۇشى، يېڭى كوردىناتنى توغرا تېپىشى، يەنە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشى ئۈچۈن، تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، ئىشەنچ ۋە كۈچ بېغىشلىدى.

«زۇمرەتتەك كۆل يۈزىنى قاپلىدى نېلۇپەر يوپۇرمىقى، قۇياش نۇرىدا قىزىرىپ ئېچىلدى نېلۇپەر گۈلى». 20 يىلدىن بۇيان، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە ۋەتەننىڭ ئىچكىرى رايونلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، خې خوۋخۇا، سۈي شىئەن ئىككى باش مەمۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلار بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئاۋمېن تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ياراتتى، ئاۋمېنچە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى. «مۇشكۈل ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ ئۇلۇغ ئىشلارغا ئاتلانغان كىشى ئىش ئاخىرلاشماي تۇرۇپ توختاپ قالمايدۇ، راھەت - پاراغەت تۇرمۇشنى تاللىمايدۇ». نەتىجىلەرگە قانچىكى يۈزلەنگەنسېرى، شۇنچە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن 20 يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت يول توغرا، سىياسەت ياخشى، ھەرىكەت جانلىق، كۆپچىلىك بىر نىيەتتە بولسىلا، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. بىز ھەم ئاۋمېن تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەش ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەردىن ئىشەنچنى چىڭىتىشىمىز، كۈچ قوشۇشىمىز، ھەم ئاۋمېننىڭ ئىچكى - تاشقى مۇھىتىدا بولغان يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىشىمىز، بىرتۇتاش پىلانلاش، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرۇش، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ماھىر بولۇشىمىز كېرەك.

«بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئىشلىرىدا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئەمەلىي ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. «دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش» «يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش» «ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى يەنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش» «سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش»، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تۆت نۇقتىلىق ئۈمىدتە، دەۋر تومۇرى ئىگىلەنگەن، ئاۋمېننىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار يۆنىلىش خاراكتېرلىك ۋە تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلگەن. ھەمكارلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆزگىرىش ياساپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئاۋمېننىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئەستايىدىل پىلانلاشتا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى ئەۋزەللىكلەرنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈش كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار نى - نى ئىشلارنى قىلالايدۇ، ھەم مۇقەررەر ھالدا ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ. بۈگۈن، ئاۋمېنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى ئەڭ چوڭ سەھنە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى يېڭى مۇھىم، زور پۇرسەت. چوڭ ۋەزىيەتنى قەلبكە پۈكۈپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، خې يىچېڭ باش مەمۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا چۈشىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇننىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈش يادرولۇق قىممەت قارىشىغا ۋارىسلىق قىلىپ، «بىر دۆلەت» ئاساسىنى چىڭ ساقلاپ، «ئىككى تۈزۈم»نىڭ پايدىسىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانساقلا، بىز ئاۋمېنچە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاۋمېندىن ئىبارەت بۇ گۈزەل نېلۇپەر گۈلىنى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ جەلپكار قىلىپ ئېچىلدۇرالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى