تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

«بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنىڭ شانلىق سەھىپىسى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تۈزۈم، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر ئۇلۇغ ئىجادىيىتى.

ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 5 - نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن 20 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئاۋمېننىڭ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىدىكى ئۆزگىچە رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئاۋمېننىڭ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىدىكى تۆت نۇقتىلىق مۇھىم تەجرىبىنى چوڭقۇر يەكۈنلىدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئىشلىرىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

خاۋجياڭ دەرياسى رەڭدار تۈسكە كىرىپ، نېلۇپەر گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى. ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن 20 يىلدىن بۇيان، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادى تېز ئېشىپ، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلىنىپ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇپ، دۇنياغا ئاۋمېنچە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيىتىنى نامايان قىلدى. پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نى تامامەن يولغا قويغىلى بولىدۇ، قىلغىلى بولىدۇ، ئۇ كىشىلەر قەلبىگە ياقىدۇ! ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاشتا، جەزمەن «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىپ، نېگىزلىك قانۇننى يولغا قويۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۈزۈم ۋە مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە باش مەمۇرنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ئاۋمېندىكى ھەر ساھە زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ، دېموكراتىيەنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللاش كېرەك.

20 يىلدىن بۇيان، ئاۋمېننىڭ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتەلىشىنىڭ ئاساسى رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن «تۆت باشتىن - ئاخىر»نى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدا: باشتىن - ئاخىر «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتتى، كەڭ ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلدى، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نى قەلبتىن ئېتىراپ قىلدى، بۇ ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىش، مۇقىم بولۇشنى ساقلىشىدىكى ئەڭ ياخشى تۈزۈم؛ باشتىن - ئاخىر «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» توغرا يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلىدى، كەڭ ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار «بىر دۆلەت»نىڭ «ئىككى تۈزۈم»نىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى ئىكەنلىكىنى قەلبتىن چوڭقۇر ئېتىراپ قىلىپ، بايرىقى روشەن ھالدا ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇندا بېكىتىلگەن ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپىنى قوغدىدى؛ باشتىن - ئاخىر «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» بۇرچىنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، كەڭ ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئېڭى بىلەن، ئاڭلىق ھالدا دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈن مەنپەئىتى ۋە ئاۋمېننىڭ تۈپ مەنپەئىتى مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلاشتى؛ باشتىن - ئاخىر «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلىدى، كەڭ ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ئەزەلدىن ۋەتەننى سۆيۈش ئەنئەنىسىگە ئىگە، كۈچلۈك بولغان دۆلەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىغا، تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ۋە مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشتە، ئاۋمېننىڭ مۇھىم تەجرىبىسى بىزنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرىدۇ: پەقەت «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»گە قەتئىي ئىشەنگەن ھەم ئۇنى ئەمەلىي يولغا قويغاندىلا، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئەۋزەللىكى تولۇق نامايان بولىدۇ؛ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، قېيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىلا، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئىشلىرىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا، يىراققا بېرىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ؛ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار دەۋرنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتىنى تامامەن زىممىسىگە ئالالايدۇ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننى ياخشى باشقۇرالايدۇ، ياخشى گۈللەندۈرەلەيدۇ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ؛ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي، سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈش بايرىقى ئاستىدا ئەڭ كەڭ ئىتتىپاقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يولنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى تۈپ كاپالەت.

بۈگۈن، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى دۇنيا ئېتىراپ قىلدى. «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرغاندا، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» تۈزۈم سىستېمىسىنى تېخىمۇ ياخشى مۇكەممەللەشتۈرگەندە، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننى تېخىمۇ ياخشى ئىدارە قىلغاندا، ئاۋمېنچە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىدە چوقۇم تېخىمۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشالايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ