تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شۆھرەت زاكىر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

شۆھرەت زاكىر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا بېرىلگەن پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ ئۆتتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدا ئايرىم - ئايرىم كادىرلار، ئىشچىلار، دېھقانلار، ئوقۇتقۇچىلار قاتارلىق ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى ھەمدە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار، مۇتەخەسسىس مەسلىھەتچىلەر، مەسلىھەتچىلەر، دۆلەت كارخانىلىرى ۋەكىللىرى ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

سۆھبەت يىغىندا كۆپچىلىك كەڭ - كۇشادە پىكىر بايان قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى يولغا قويۇش، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسپىي مائارىپنى ئالغا سىلجىتىش، مەھەللە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ھاۋا - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتىنى تېزلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: بىر ياخشى دوكلات ھەر ساھە زاتلار كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قاتناشقان دوكلات بولۇشى، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتى، ئارزۇسى ۋە تەلىپىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرگەن دوكلات بولۇشى كېرەك. كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر - تەكلىپلەردە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئائىت تۈرلۈك ئىشلاردىكى چوڭقۇر ئويلىنىشلىرى گەۋدىلەندى، بۇ بىزنىڭ دوكلاتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىزگە، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى سىجىل ياخشىلىشىمىزغا پايدىلىق. بىز ئەستايىدىل رەتلەپ، تەتقىق قىلىپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر ياخشى دوكلاتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرىمىز.

شۆھرەت زاكىر دوكلاتنىڭ تەييارلىنىش ئەھۋالى ھەم بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، كېلەر يىللىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئويلىنىشنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2019 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1 + 3 + 3 + ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھەقىقىي تۈردە مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد يۈكسەلگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان، خاتىرجەم ياشايدىغان ياخشى ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2020 - يىلى «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل، شۇنداقلا «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات ۋە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياخشى ئاساس سېلىنىدىغان يىل، بۇنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنىڭ پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى، قوللىشىنى، پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىشىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى