تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 76 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 76 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2020 - يىللىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ 2020 - يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2020 - يىللىق نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر ۋە تەربىيەلەش خىزمىتى پىلانىنى تەتقىق قىلدى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ 2019 - يىللىق خىزمەت خۇلاسىسىنى ئاڭلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 2019 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە يېڭى قەدەم تاشلاپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشكە ۋە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار بۇ يىللىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، ئەستايىدىل رەتلەپ، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كەم - كوتسىز ياخشى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي نەتىجە بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پىلانلىق بولۇشنى كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش ۋە مۇھىم، زور ئىشلاردا تەدبىر بەلگىلەش قاتارلىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن تەتقىق قىلىپ، ياخشى پىلانلاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى