شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 74 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى، خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر خىزمىتى، خەلق قۇرۇلتىيى نەزەرىيە تەتقىقات خىزمىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ ھەرقايسى خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ مۇھىم نىزام لايىھەسىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسى «قوش گۇرۇپپا باشلىقى» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇئاۋىن رەئىسى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشىغا ماسلىشىپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نىزام چىقىرىشقا تەرتىپلىك قاتنىشىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى كېڭەيتىپ، دېموكراتىك كېڭىشىپ نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىشتا ئاشكارا پىكىر ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دېموكراتىك نىزام چىقىرىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ رايونلار ماسلىشىپ نىزام چىقىرىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئوخشاش قارالمىلار توغرىسىدا نىزام چىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئورتاق تەتقىق قىلىش كېرەك؛ ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، نىزامنى تەستىقلىتىشقا يوللاش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مىللەتلەر خىزمىتىدىكى قانۇن، قانۇن - نىزام ۋە سىياسەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر خىزمىتى جەھەتتىكى قانۇن، قانۇن - نىزاملارنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى» قاتارلىق قانۇن، قانۇن - نىزاملارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا قارىتا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ كۆپ خىل شەكىلدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيەسى ۋە ھېسسىياتنى يۇغۇرۇش بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا كەڭ تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى نەزەرىيە تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىغا بىر يىل بولدى، تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتىدە ئوڭۇشلۇق باشلاش، تەدرىجىي كېڭەيتىش، ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى نەزەرىيە تەتقىقات جەمئىيىتىنى قۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى نەزەرىيە تەتقىقات جەمئىيىتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، تەتقىقات يۆنىلىشى ۋە نۇقتىلىق تەتقىقات تېمىسىنى تۈزۈشى كېرەك؛ دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپرەك نەتىجە يارىتىش، نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشقا كۈچەپ، خىزمەت سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك نەتىجىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى نەزەرىيە تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك.