تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بىز چوقۇم غەلىبە قىلىمىز

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، شىنجاڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ.

يېقىندا شىنجاڭ گېزىتخانىسى تاللاپ ئەۋەتكەن پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىدىن تەركىب تاپقان تۆت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 12 ناھىيە، شەھەرگە بۆلۈنۈپ بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. مەيلى قەيەرگە بارسۇن، مۇخبىرلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئاڭلىغىنى «ھەر كۈنى كۈچۈم ئۇرغۇپ تۇرىدۇ» «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچىمىز بار» دېگەن مەردانە سۆزلەر بولدى. ئۇلارنىڭ كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇردى، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى.

مۇخبىرلار كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىدىكى دېھقانلار ئارامگاھىدا دېھقانلارنىڭ جاي - جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى خۇشال كۈتۈۋالغانلىقىنى؛ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ قۇمۇشئېرىق يېزىسى قۇمۇشئېرىق كەنتىدە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ياشلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلىپ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا يار - يۆلەك بولغانلىقىنى؛ خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى شاق مەھەللە كەنتىدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ خاس كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسەتكەنلىكىنى؛ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش - ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شېنجېن كارخانىلىرىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلغانلىقىنى كۆردى... قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن بۇ كۆرۈنۈشلەر، پەلەككە يەتكەن غەيرەت - جاسارەت دەل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش ئىشەنچىنى، كۈچىنى نامايان قىلدى.

ئىشەنچ پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن كەلگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىر تۈرلۈك تارىخىي خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، دەپ تەكىتلىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادە پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلماقتا. 2014 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە، شىنجاڭ جەمئىي 2 مىليون 314 مىڭ 700 نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 2131 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش، 13 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى تاشلاتقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ ئارقىسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بار، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇش، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيلىشىشى بار. مۇخبىرلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، مەيلى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەشكىللەش، تەرتىپلىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا بولسۇن ياكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى قانات يايدۇرۇشتا بولسۇن، ھەممىسىدە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئەزالىرىنىڭ ئالدىراش سىيماسىنى كۆردى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مەسئۇلىيەتنى كۆڭلىگە پۈكسىلا، زىممىسىگە ئالسىلا، نامراتلىقتىن ئىبارەت بۇ چوڭ تاغنى يۆتكەشتىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟

ئىشەنچ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىدىن كەلگەن. «كۆپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ھەممە ئىشتا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.» كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى ئەڭگۈشتەرىمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ نامراتلارنى يۆلەش، نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىش - يۆلەش، رايون ئىچىدە ھەمكارلىشىپ نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەشتىن ئىبارەت «تۆت بىر گەۋدە» قىلىنغان زور كۆلەملىك نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا شەكىللەنگەنلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل 8 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدا 1232 پۇقراۋى كارخانا «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، جەمئىي 1278 نامرات كەنتكە ياردەم بەرگەن، يۆلىگەن، 270 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئامما نەپكە ئېرىشكەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن نامراتلارنى يۆلەشكە سەرپ قىلىنغىنى 12 مىليارد 268 مىليون يۈەنگە يەتكەن، نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 970ى يولغا قويۇلغان. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدا، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق، ھەممە ئادەمنىڭ بۇنىڭغا قاتنىشىشىغا، ھەممە ئادەمنىڭ كۈچىنى تەقدىم قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراستى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملىسەك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز.

ئىشەنچ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان بوشاشماي ئىنتىلىشىدىن كەلگەن. خەلق تارىخنى ياراتقۇچى، ھەقىقىي قەھرىمان. ئۇزاقتىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ھەر مىللەت ئاممىغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىققا ئىگە قىلدى، چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش يولىدا باتۇرلارچە ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، بىز ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئىرادىسىنىڭ ئىنتايىن مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. ياكى ئىلمىي تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى تىرىشىپ ئۆگىنىش، ياكى ئاكتىپلىق بىلەن «تور ئارقىلىق» سېتىش بازىرىنى ئېچىش، ياكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېتىزدىن چىقىپ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەيدىغان، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىدىغان دەۋر ئېقىمىغا سىڭىشىش... ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىللە، يەنە تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئاكتىپ كۈچكە ئايلاندى.

قەتئىي ئىشەنچ بولغاندىلا، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان جاسارەت بولىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى كۆرۈش بىلەن بىللە، بىز يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ يەنىلا ناھايىتى مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى، قېپقالغانلارنىڭ نامراتنىڭ نامرىتى، قىيىننىڭ قىيىنى ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. «چىققىلى بولمايدىغان ئېگىز تاغ، مېڭىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئۇزۇن يول يوق.» شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىدىغان قەتئىي ئىشەنچى ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپىتى بىلەن، چوقۇم بارلىق قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشتا قالتىس شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى