تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13 - قېتىملىق يىغىنى يېپىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13 - قېتىملىق يىغىنى يېپىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملاردىن 54 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار، «ئاپتونوم رايوننىڭ گېئوئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نىزامى» ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، «ئاپتونوم رايوننىڭ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش نىزامى» قاتارلىق بەش يەرلىك نىزامنى بىكار قىلىشنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ يېڭىلىق يارىتىشچان شىنجاڭ قۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى قارارى» ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېزا - كەنت تازىلىقى نىزامى» «بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سايرام كۆلىنى قوغداش نىزامى» «سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەھەر - يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى كۆكەرتىش نىزامى» «قومۇل شەھىرىنىڭ سۇ بايلىقىنى قوغداش نىزامى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2019 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى، مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، مىللەت - دىن - تاشقى ئىشلار - خۇاچياۋلار كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىشلىرى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرىغا تەيىننامە تارقىتىلدى ھەم ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تۈزۈم ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جۇ خەيلۇن، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېت خىزمەت تارماقلىرىدىكى مەسئۇل كىشىلەر، ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل كىشىلەر، قىسمەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل كىشىلەر قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى