تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەسىلىنى بىر تۈر، بىر تۈردىن ھەل قىلىش ئەمەلىي ئىشنى بىر - بىرلەپ ياخشى قىلىش

− دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر

«ئون كۈن ئىلگىرى كەنتىمىزگە ئاممىۋى ئاپتوبۇس قاتنىدى. يېزىمىزدا ئىشقا ئورۇنلاشقان 50 نەچچە كەنت ئاھالىسى ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئىشقا بېرىپ كېلىدىغان بولدى، بەكمۇ قولاي» دېدى 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى يېڭىسار ناھىيەسى قىزىل يېزىسىنىڭ ئىناقلىق كەنتىدىكى داشۆسېڭ كەنت ئەمەلدارى مەمەت توختى خۇشال ھالدا.

2 - تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، يېزا - بازار، مەھەللىلەر «2+8» مەخسۇس تۈزەشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «3+3+1»نى ياخشى قىلىپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى چۆرىدەپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پەرقلەرنى تېپىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاممىنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، غەمخورلۇق ۋە ئىللىقلىقنى ئاممىغا ۋاقتىدا يەتكۈزدى.

باش تېما تەربىيەسىدە، يېڭىسار ناھىيەسى چەت، يىراق يېزا - بازارلاردىكى ئاممىنىڭ يول يۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مەخسۇس تۈزەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، «شەھەر - يېزا ئاممىۋى قاتنىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، قىزىل يېزىسىدىكى 18 كەنتنىڭ ھەممىسىگە ئاممىۋى ئاپتوبۇس قاتناپ، ئاممىنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىلدى.

تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرىنى داۋالاپ ساقايتىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشقا قارىتا، قاغىلىق ناھىيەسى ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەل شۆبە دوختۇرخانىسى، ناھىيەلىك تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسى تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرىنى مەركەزلىك قوبۇل قىلىپ داۋالاپ، ھەرىكەت ھالىتىدە پەرۋىش قىلدى؛ «ئالاقە تورى+» باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق كېسەللىك مىسالى، كېسەللىك تىزىملىكى قاتارلىق ئۇچۇر ئامبارلىرىنى قۇردى؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈر مەبلىغىنى كىرگۈزۈپ، تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرىنىڭ «مەركەزلىك دورا يېيىش + ھەقسىز ئوزۇقلۇق ناشتىلىقى»نى ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قوللاشقا ئىشلەتتى؛ ئاغرىقلار رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ، ئامبۇلاتورىيە، دوختۇرخانىدا يېتىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. بىر قاتار ئۇنىۋېرسال تەدبىر ئارقىلىق، ئالدىنى ئېلىش ئاساس قىلىنغان، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاش بىرلەشتۈرۈلگەن پۈتۈن تەرتىپلىك داۋالاش، باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرىنىڭ ساقىيىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

يېڭىشەھەر ناھىيەسى باش تېما تەربىيەسىدە، «ئەمەلىي» بولۇشنى ئاساس قىلىش، «ئىنچىكە» نۇقتىلاردىن كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى باش تېما تەربىيەسىگە سىڭدۈردى. «باش تېما تەربىيەسىنى قەلبكە سىڭدۈرۈش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن دىققەتنى ئامما ئالدىرىغان، غەم قىلىدىغان، ئارزۇ قىلىدىغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. بىز مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، 24 سائەت ئاممىنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ئامما غەم قىلىدىغان ئىشلار، باش قاتۇرىدىغان ئىشلار، ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلارنى ھەقىقىي ياخشى قىلدۇق» دېدى يېڭىشەھەر بازىرى چېڭدۇڭ يېڭى رايونى مەھەللە باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ چيەنكۇن.

شيې جۈنمېي يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىشەھەر بازىرى چېڭدۇڭ يېڭى رايونى مەھەللىسى خەنلىن شىجيا ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى، ئۆيدىكى توك سائىتىنىڭ كەيگۈەنى دائىم سەكرەپ كېتىپ ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنىدى، مەھەللە باشقۇرۇش كومىتېتى ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ توك يولىنى رېمونت قىلىپ بەردى. شيې جۈنمېي مۇنداق دېدى: «مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، مەن ئىنتايىن رازى بولدۇم».

كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسى باش تېما تەربىيەسىدە تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى تۈزەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىپ، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ دېھقانلار بىلەن يۈزتۇرا سىردىشىش، ئائىلىلەردە تۇرۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي تۈزىتىپ، تارىختىن قېپقالغان 107 ئائىلىنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدىكى «ئايىغى چىقمىغان» قۇرۇلۇشلارنى گۈزەل، رەتلىك، پاكىز، ياشاشقا باب كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

«مەن دائىم سىرتتا ئىشلەيمەن، ئەمىن ئۆي پۈتكەندىن كېيىن كىرىپ ئولتۇرۇپ باقمىغانىدىم. بۇ بىرنەچچە كۈندە، كەنت كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ ئۆيۈمنىڭ سۇ، توكىنى ئۆزگەرتىپ، ھويلا - ئارانلارنى رەتلەپ بەردى، ناھايىتى تەسىرلەندىم» دېدى تېرىم يېزىسى يۇلغۇنبوغرا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابلەت سادىق خۇشال ھالدا.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، شيا چىڭ، قەشقەر مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭ جىخېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ما لۇڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى