تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 73- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 73 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ دائىمىي كومىتېت 13 - يىغىنىنىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار(لايىھە)، «ئاپتونوم رايوننىڭ گېئوئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نىزامىنىڭ تۈزىتىلمىسى (لايىھە)»، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سۇنغان «ئاپتونوم رايوننىڭ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش نىزامى» قاتارلىق بەش يەرلىك نىزامنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپى، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ يېڭىلىق يارىتىشچان شىنجاڭ قۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)»، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2019 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش توغرىسىدىكى لايىھەسى(لايىھە)، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن - تۈزۈم كومىتېتى، مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى، يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا كومىتېتى، مىللەت، دىن، تاشقى ئىشلار، خۇاچياۋلار كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ، تەنقىد، پىكىرلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى؛ «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېزا - كەنت تازىلىقى نىزامى» «بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سايرام كۆلىنى قوغداش نىزامى» «سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەھەر - يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى كۆكەرتىش نىزامى» «قومۇل شەھىرىنىڭ سۇ بايلىقىنى قوغداش نىزامى»نى تەكشۈرۈش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، يۇقىرىقى قارالما (لايىھە) قاتارلىقلارنى دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

يىغىندا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامىنىڭ تۈزىتىلمىسى (لايىھە)» «ئاپتونوم رايوننىڭ <ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى(لايىھە)»نى قاراپ چىقىش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، يۇقىرىقى نىزام (لايىھە) قاتارلىقلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ دەلىللەپ ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېيىنكى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

يىغىندا يەنە دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكلەرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2018 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوت ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم - چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى توپلاپ، رەتلەپ، تەرتىپ بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلارنى سوت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى دېلولىرىنى تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى توپلاپ، رەتلەپ، تەرتىپ بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جۇ خەيلۈن، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل