تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سۇڭ خۇڭۋېي: كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ بېيىش يولىغا ئورتاق ئاتلىنىش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن

«ئائىلىمىزنىڭ 15 مو يېرى بار، ئىلگىرى بىر يىللىق كىرىمىمىز 10 مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى، 2018- يىلى يەرنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قىلىپ قوشقاندىن كېيىن، مەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلىدىم، يىل ئاخىرىدا تەقسىملەنگەن پايدىغا مائاشىم قوشۇلۇپ، يىللىق كىرىمىم 50 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، بۇنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم.» 10- ئاينىڭ 15- كۈنى دۆربىلجىن ناھىيەسى شاڭخۇ بازىرى كوربۇلاق 2- كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئاباي قۇسايىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ھەممىسى ناھىيەمىزنىڭ نۇڭلې گازىر تاۋۇزى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كېڭەش باشلىقى سۇڭ خۇڭۋېينىڭ تۆھپىسى».

بۇ يىل 41 ياشقا كىرگەن سۇڭ خۇڭۋېي دۆربىلجىن ناھىيەسى شاڭخۇ بازىرى كوربۇلاق 4- كەنتىدە تۇغۇلغان. 2007- يىلى 10- ئايدا ئېتىزلىقتىكى گازىر تاۋۇزى ۋە مايلىق ئاپتاپپەرەس ئارقا - ئارقىدىن پىشقان بولسىمۇ، كەنت ئاھالىلىرى مول ھوسۇلدىن شادلىنالمىغانىدى. چۈنكى سېتىش يولى بولمىغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى تاغار - تاغار تاۋۇز گازىرى، مايلىق ئاپتاپپەرەس گازىرلىرىنى ئۆيىگە دۆۋىلەپ قويۇشقا مەجبۇر بولاتتى، مول ھوسۇل ئالغان بولسىمۇ پۇل تاپالمىغاچقا، كۆپچىلىك ھەر كۈنى چوڭقۇر غەمگە پېتىپ يۈرەتتى.

سۇڭ خۇڭۋېي بۇنى كۆرۈپ تىت - تىت بولدى، ئۇ ئۆزى پۇل خەجلەپ ئۈرۈمچى، شىخەنزە قاتارلىق جايلارغا بېرىپ سېتىش يولى ئىزدىدى. ئىككى ئاي پايپېتەك بولۇش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدە دۆۋىلىنىپ تۇرغان 400 توننىدىن ئارتۇق تاۋۇز گازىرى ۋە مايلىق ئاپتاپپەرەس گازىرى ئاخىر سېتىلدى. سېتىش يولى تېپىش جەريانىدا، سۇڭ خۇڭۋېي يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلماي قېلىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى بىلمەسلىكى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى، سېتىش يولىنىڭ بىرلا خىل بولۇشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

«پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ بىللە بېيىشنى ئويلايمەن.» موشۇنداق ئوي بىلەن، سۇڭ خۇڭۋېي دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى بىر شەخسىي تاۋۇز گازىرى سېتىۋېلىش نۇقتىسىغا بېرىپ قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىشچىسى بولۇپ ئىشلىدى، ئۇ بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ، بىر تەرەپتىن كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىپ، تاۋۇز گازىرىنىڭ سۈپىتىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە بازاردا سېتىش توغرىسىدا نۇرغۇن تەجرىبە توپلىدى.

سۇڭ خۇڭۋېي كەنتكە قايتىپ كېلىپ دۆربىلجىن ناھىيەلىك نۇڭلې گازىر تاۋۇزى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، 17 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنى يېتەكلەپ بىللە ئىشلەپ، سورتنى ياخشىلاش، ئىلمىي تېرىش ئارقىلىق گازىر تاۋۇزى ۋە مايلىق ئاپتاپپەرەسنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى. بىرىنچى يىلى، ھەربىر ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ مو بېشى كىرىمى 300 يۈەندىن ئارتۇق ئاشتى.

كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ كىرىمى ئاشتى، كوپىراتىپقا كىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. ئىككىنچى يىلى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى پۈتۈن كەنتتىكى 80دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ يېرىنىڭ ھەممىسىنى ئوبوروت قىلدى، «ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېرىنى مەركەزلەشتۈردى، كەنت ئاھالىلىرى يېرىنى پاي قىلىپ قوشقاندىن كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرتۇتاش تېرىدى، بىرتۇتاش باشقۇردى، پايدا ئالغاندىن كېيىن پايدىنى تەقسىملەپ بەردى» دېدى سۇڭ خۇڭۋېي. يەرنى كوپىراتىپ بىرتۇتاش باشقۇرغاندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى كۆلەملەشتۈرۈپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى ئازاد قىلىندى، كەنت ئاھالىلىرى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرالايدىغان بولدى.

كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۇڭ خۇڭۋېي ئۆز مەسئۇلىيىتىنى باشتىن - ئاخىر ئۇنتۇپ قالماي، بېيىش يولىدا بىرمۇ كىشىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىقنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.

قوشنا كەنت كوربۇلاق 2- كەنتى نامرات كەنت ئىدى، كەنت ئاھالىلىرىدە يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ۋە يەر باشقۇرۇش تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا، يېرى بولسىمۇ كىرىمى يۇقىرى ئەمەس ئىدى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇدا نەچچە قېتىم تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقتىن، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى قەرزگە بوغۇلۇپ قالغانىدى.

كوربۇلاق 2- كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 2012- يىلى، سۇڭ خۇڭۋېي بۇ كەنتتىكى 96 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ 3000 مو يېرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئۈچ يىلغىچە ئۆزگەرمەيدىغان پۈتۈن مۇساپىلىك «بالا باققۇچى شەكلى»دىكى مۇلازىمەت توختامى ئىمزالىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن 1 مىليون 700 مىڭ يۈەن قەرز پۇلنى ماسلاشتۇرۇپ بەردى.

«سۇڭ شۇجىنىڭ ياردىمىدە، مەن قەرزىمنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ بولدۇم، يەنە خوتۇنۇم بىلەن بىللە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەۋاتىمەن، ھازىر ئامانەت پۇلىمىز بار بولدى، بۇ يىل يېڭى ئۆي سالدۇق، كېلەر يىلى مەن يەنە يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.» ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشى تىلغا ئېلىنسا، كوربۇلاق 2- كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئادىلبېك سۇلتاننىڭ خۇشاللىقتىن ئېغىزى يۇمۇلمايلا قالىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشقان كەنت ئاھالىلىرى قۇرۇلغان چاغدىكى 17 ئائىلىلىكتىن ھازىرقى يەتتە كەنتتىكى 612 ئائىلىلىككە تەرەققىي قىلدى، پاي قىلىپ قوشۇلغان يەر دەسلەپكى 2000 موغا يەتمەسلىكتىن بۈگۈنكى كۈندە كۆپىيىپ 70 مىڭ مودىن ئېشىپ، ئەتراپتىكى 1253 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ پايدا ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى.

سۇڭ خۇڭۋېي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك يېزا ياشلىرىنىڭ بېيىش باشلامچىسى، شىنجاڭ 4- ماي ياشلار مېدالى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى. شان - شەرەپ ئالدىدا سۇڭ خۇڭۋېي مۇنداق دېدى: «مەن ھېچ ئىش قىلمىدىم، ھازىرقى ھەممە نەرسە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن ئايرىلمايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلمايدۇ.» كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، سۇڭ خۇڭۋېي مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن مەن يەنە ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، ئۆزۈمنىڭ پارتىيە ئەزاسىغا خاس ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەيمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى