تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاھالىلەر ئېتىراپ قىلىش  ئىشلەپ ھارماسلىق

− قاراماي شەھىرى يىڭخې يولى كوچا باشقارمىسى بېيدوۋ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى فېڭ شيۇيۈن توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن

«ئۇ دائىم ئالدىراشلا يۈرىدۇ، بىكار يۈرىدىغان چاغلىرى ناھايىتى ئاز.» مەھەللە ئاھالىسى جى سەيخۇانىڭ نەزەرىدە، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى يىڭخې يولى كوچا باشقارمىسى بېيدوۋ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى فېڭ شيۇيۈن پۈتمەس - تۈگىمەس كۈچكە ئىگە بولۇپ، مەيلى كىمنىڭلا ئۆيى بولسۇن، ئىشنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىدىن قەتئىينەزەر، تېلېفون جىرىڭلىسىلا، ھەمىشە بىرىنچى ۋاقىتتا نەق مەيدانغا يېتىپ بارىدۇ.

«بەزىلەر مەندىن، <كۈندە مۇشۇنداق چېپىپ يۈرسىڭىز ھارمامسىز؟> دەپ سورايدۇ. مەن، <ئاھالىلەر ئېتىراپ قىلسىلا، ئىشلەپ ھارمايمەن> دەپ جاۋاب بېرىمەن.» فېڭ شيۇيۈن مۇنداق دېدى: «ئاھالىلەرنىڭ ئىشىغا ئالدىراش ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، شۇنداقلا بىر خىل رىغبەت. مەھەللىدە سىزگە ئىشىنىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتسا، كۆپچىلىك سىزنى ئېتىراپ قىلىۋاتسا، خىزمىتىڭىزنى قوللاۋاتسا، ياخشى ئىشلىمەسلىككە يەنە قانداق باھانىڭىز بولسۇن!» مانا مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە رىغبەتنىڭ تۈرتكىسىدە فېڭ شيۇيۈن مەھەللىدە شۇ ئىشلىگىنىچە 20 نەچچە يىل ئىشلىدى.

ئاھالىلەرنىڭ ئىشىدا كىچىك ئىش يوق

«پەقەت ئاھالىلەر بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاراڭلاشسىڭىز، يېقىن سىرداشلاردىن بولسىڭىزلا، ئاھالىلەر سىزگە ئىچ - باغرىنى تۆكۈشنى خالايدۇ» دېدى فېڭ شيۇيۈن كۈلۈپ تۇرۇپ.

فېڭ شيۇيۈننىڭ يان تېلېفونى 24 سائەت «جىرىڭلاپلا تۇرىدۇ»، «ئىش بولسىلا فېڭ شۇجىنى ئىزدەيمىز» بۇ، بېيدوۋ مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئادەت سۆزىگە ئايلانغان، بۇ يەنە فېڭ شيۇيۈننى پەخىرلەندۈرىدىغان ئىش.

2018 - يىلىنىڭ بېشىدا، مەھەللىدىكى بىر بىنانىڭ سۇ تۇرۇبىسى توڭلاپ قېلىپ سۇ توختاپ قالغان. بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، فېڭ شيۇيۈن ئاھالىلەردىن تېلېفون كېلىشىنى ساقلىمايلا، بىر چۆگۈن قايناق سۇ ۋە بىر چېلەك سوغۇق سۇنى كۆتۈرۈپ، مەھەللىدىكى 72 ياشلىق ئاھالە يۈەن جۇڭلىننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بوۋايغا «جىددىيلەشمەڭ، تۇرۇبا جىددىي رېمونت قىلىنىۋاتىدۇ» دېدى.

فېڭ شيۇيۈن، مەھەللىدىكى ياشانغانلار ۋە بالىلار كۆيۈنۈشكە كۆپرەك موھتاج، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىنسا، ياشلار خاتىرجەم خىزمەت قىلالايدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەر كۈنى ۋاقتى بولسىلا، فېڭ شيۇيۈن مەھەللىدە ئايلىنىپ، ياشانغانلارنى كۆرۈپ كېلەتتى. مەھەللىدە 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلاردىن بىرنەچچىسى بار، بۇرۇن ئۇلارنىڭ نېمە خىزمەت قىلغانلىقى، قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە قىزىقىشى بارلىقىنى ئۇ ئېنىق ئېيتىپ بېرەلەيدۇ.

يېقىندا، بىرەيلەن فېڭ شيۇيۈنگە تېلېفون بېرىپ بىنانىڭ كارىدورىغا ئەخلەت قويۇپ قويۇلغانلىقىنى، مۇھىتقا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ تېلېفوننى قويۇپلا، مەھەللە كادىرلىرىنى باشلاپ بىر - بىرلەپ تەكشۈردى، شۇنداقلا ناھايىتى تېزلا مەھەللىدىكى ھەربىر بىنانىڭ ئىشىك ئالدىغا سەمىمىي ئەسكەرتىش چاپلاپ قويدى.

مانا مۇشۇنداق ئىشلار ھەر كۈنى يۈزبېرىپ تۇراتتى، «ئاھالىلەرنىڭ ئىشىدا كىچىك ئىش يوق» دېدى فېڭ شيۇيۈن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ شەرەپ بىلەن مەملىكەت بويىچە مەھەللە مۇلازىمىتىدىكى ئىلغار شەخس، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازار ئاياللىرىنىڭ ئاياللار تۆھپە يارىتىش ئۈلگىسى قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا كۆپرەك كاللا ئىشلىتىش

ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا، فېڭ شيۇيۈن مەھەللىدىكى نۇرغۇن خىزمەتچىنىڭ ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن مەھەللىگە ئىش بېجىرگىلى كەلگەندە ئادەم تاپالمايدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، فېڭ شيۇيۈن مەھەللىدە «ۋاقىتنى تەڭشەپ خىزمەت قىلىش تۈزۈمى»نى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى ھەم ئەتراپتىكى مەھەللىلەرگىچە ئومۇملاشتۇردى.

خىزمەت جەريانىدا، فېڭ شيۇيۈن ئاھالىلەر ئوتتۇرىغا قويغان كۈندىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالمىدى، ئۇ ھەمىشە قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى قىلغىلى بولىدىغانلىقى، تېخىمۇ قولاي، ئەپچىل ئۇسۇل بار - يوقلۇقى ئۈستىدە ئويلاندى. «ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا كۆپرەك كاللا ئىشلىتىپ، ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلنى تېپىش كېرەك» دېدى فېڭ شيۇيۈن.

2008 - يىلى قاراماي رايونى «100 ئائىلىنى ئارىلاش، 100 ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش، 100 ئائىلىنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، 100 ئائىلىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، 100 ئائىلىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش»تىن ئىبارەت «بەش 100 خىزمەت مېخانىزمى»نى ئومۇملاشتۇرغاندا، بۇنى بىر مەھەللىدە ئاۋۋال نۇقتىدا سىناق قىلىشقا توغرا كەلدى، فېڭ شيۇيۈن بىرىنچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى.

«بەش 100 پائالىيىتى»نى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئۇ مەھەللە خىزمەتچىلىرىدىن خىزمەتنى ئىنچىكە ئىشلەپ، بەزى ئاسان ھەل قىلغىلى بولىدىغان ماجىرالارنى بىخ ھالىتىدە تۈگىتىشنى، بەزى ئاھالىلەرنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى ئىشىك ئالدىدىلا ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلىلەرنى بىرىنچى ۋاقىتتا ھەل قىلدى، ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىرىنى تەپسىلىي تىزىملاپ، ۋاقتىدا ئىز قوغلاپ ھەل قىلدى.

«چىن قەلب بىلەن كۆڭۈللەرنى ئۇتۇپ، مۇلازىمەت خىزمىتىنى جايىدا ئىشلىگەندىلا، ئاھالىلەر تەبىئىيلا سىزگە ئىشىنىدۇ، مەھەللىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىدۇ.» فېڭ شيۇيۈن مۇنداق دېدى: ھازىر، مەھەللە مەيلى قانداق پائالىيەتنى قانات يايدۇرسۇن، ئاھالىلەر دائىم بەس - بەستە قاتنىشىدۇ.

ئاھالىلەرنى ئورتاق قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش

فېڭ شيۇيۈن تۇرۇشلۇق بېيدوۋ مەھەللىسىدە جەمئىي 1413 ئائىلىلىك 3689 ئادەم بار. ئاھالىلەرگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، يالغۇز مەھەللە خىزمەتچىلىرىگىلا تايانغان بىلەن بولمايدۇ، ئاھالىلەرنى ئورتاق قاتنىشىشقا كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

لېكىن نەچچە مىڭ ئاھالىنى قانداق سەپەرۋەر قىلىش كېرەك؟ «كۆپچىلىكنى باشلاپ ئىش قىلىدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك.» پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، فېڭ شيۇيۈن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەھەللىدە نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئېنىق بىلەتتى.

خىزمەت تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش... فېڭ شيۇيۈننىڭ باشلامچىلىقىدا، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاھالىلەر ئىچىدىكى پارتىيە ئەزالىرى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن «ئۇچقۇن ئائىلىسى» پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بارلىققا كەلدى.

«بىز <ئۇچقۇن ئائىلىسى> ئۈندىدار توپىدا ئاھالىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى ئارزۇلىرىنى ئېلان قىلدۇق، پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئاھالىلەرگە ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۇنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى فېڭ شيۇيۈن. ھازىرغا قەدەر، پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدە 178 كىشى بولۇپ، جەمئىي 586 ئادەم قېتىم ئاھالىنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

مەھەللە ئاھالىسى جى سەيخۇا تاسادىپىي كۆيۈپ يارىلىنىش سەۋەبىدىن پۈتۈنلەي چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنىدى، فېڭ شيۇيۈن ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن دائىم ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلدى، يەنە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئەزالىرىنى ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلدى. جى سەيخۇانىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بارلىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، فېڭ شيۇيۈن ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ قايتىدىن ئەدەبىيات - سەنئەت سەھنىسىگە چىقاردى ھەم مەھەللە ئۇسسۇل ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى قىلدى، ھازىر جى سەيخۇانىڭ ئۆزى تەييارلاپ ئۆزى ئورۇنلىغان ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىنتايىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. مۇشۇ ئىككى كۈندە جى سەيخۇا ناھايىتى خۇشال ئىدى، چۈنكى ئۇ شەرەپلىك ھالدا كاندىدات پارتىيە ئەزاسى بولغانىدى. «مۇشۇ يىللاردا، مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى مېنىڭ تۇرمۇشتا يېڭىباشتىن ئىشەنچ تۇرغۇزۇشۇمغا ياردەم بەردى، مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەزاغا ئايلىنىپ، ياردەمگە موھتاج تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرىمەن» دېدى جى سەيخۇا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى