شىنخۇا تورى خەۋىرى: بۇ 10- ئاينىڭ 22- كۈنى ئەنگلىيە لوندون شەھىرىدە سۈرەتكە تارتىلغان فۇيېل كىتابخانىسىدىكى «جۇڭگو كىتاب جازىسى». جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر كىتابلىرىنى چەت ئەلدە ئومۇملاشتۇرۇش تۈرى بولغان «جۇڭگو كىتاب جازىسى»نىڭ ئەنگلىيەدىكى ئېچىلىش مۇراسىمى 10- ئاينىڭ 22- كۈنى ئەنگلىيە لوندوندىكى فۇيېل كىتابخانىسىنىڭ بايراقدار دۇكىنىدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ۋە ئەنگلىيەنىڭ نەشرىيات، تارقىتىش، ئىلىم-پەن، مائارىپ، ئاخبارات ساھەلىرىدىن كەلگەن ئون نەچچە مېھمان مۇراسىمغا قاتناشتى. (سىتىفېن.چېڭ فوتوسى)
10- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئەنگلىيە لوندوندا، مېھمانلار «جۇڭگو كىتاب جازىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.