تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرىدىغان سۆزلەر

  ياخشى سۆزلەر ئەر-خوتۇننى ئۆزئارا يېقىنلاشتۇرىدۇ، ماھىيەتلىك مەزمۇن ۋە باش تېمىلىق سۆھبەتلەر ئەر- خوتۇنلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ھېس قىلدۇرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر بەختلىك ئەر-خوتۇنلار پاراڭلاشقاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك سەككىز ئىشنى خۇلاسىلاپ چىقتى.

  ھاياتتىكى ئوڭايسىز مىنۇتلاردىنمۇ بەھىرلىنىش. جۆرىڭىزگە ئۆزىڭىز ئۇچرىغان ئوڭايسىز ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بېرىڭ، يەنى نۇتۇق سۆزلىگەندىكى سۆزلەرنى ئۇنتۇپ قېلىش، ۋېلىسپىت ھەيدەپ يىقىلىپ كېتىش قاتارلىق ئىشلارنى سۆزلەش ئارقىلىق خۇشاللىققا ئېرىشكىلى بولۇپلا قالماستىن، ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

  ئېقىم مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش. نۆۋەتتە قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان ئېقىم مەسىلىلىرى ئۈستىدە پاراڭلاشقاندا، گەرچە ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ نۇقتىئنەزىرى ئوخشىمىغان تەقدىردىمۇ، قارشى تەرەپنى ھۆرمەتلىگەن ئاساستا پاراڭلىشىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئارىلىق تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ.

  بىر بىرىنىڭ غەملىرى ئۈستىدە پاراڭلىشىش. سىز ئەڭ ئەنسىرەيدىغان، تەشۋىشلىنىدىغان ئىشلارنى قارشى تەرەپكە سۆزلەپ بېرىڭ، بۇ خىل ئاجىزلىقنى سۆزلەش ئۇسۇلى ئادەتتە باشقىلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشىپ، تېخىمۇ يېقىن ھېس قىلدۇرىدۇ.

  بالىلىقتىكى ئىشلارنى ئەسلەش. بالىلىقتىكى ئىشلار ئۈستىدە پاراڭلىشىش ئارقىلىق، قارشى تەرەپنىڭ قانداق بولۇپ بۈگۈنكى ھالەتكە كەلگىنىنى بىلگىلى بولىدۇ.

  ئۆتكەن مۇھەببەت ھېكايىلىرى توغرىسىدا پاراسەتلىك پاراڭلىشىش. بۇ بىر نازۇك مەسىلە بولسىمۇ، ئەقىللىق كىشىلەر ئىلگىرىكى ھەمراھى بىلەن قانداق بولۇپ ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆپرەك سۆزلەيدۇ، شۇڭا بۇنىڭدا ئىلگىرىكى مۇھەببىتىنى ئەسلەشتەك ھېسسىيات ئىپادىلەنمەيدۇ.

  ئائىلە مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش. بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىش جەريانىنى، ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرىنى چۈشىنىش، قارشى تەرەپنىڭ ئائىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ قانداق چوڭ بولغانلىقىنى بىلىش ئارقىلىق، ئىككەيلەن ئارىلاشقان مەزگىلدىكى بىر قىسىم ئىشلارنى چۈشىنىپ، ئىككەيلەننىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.

  مەلۇم كىنو ياكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھەققىدە پاراڭلىشىش. بۇ نىسبەتەن كەسكىن پاراڭلىشىش تېمىسى بولۇپ، بۇ تېما قارىماققا ناھايىتى ئاددىي كۆرۈنسىمۇ، ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ. بۇ ئارقىلىق مەلۇم مەسىلىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، بىر خىل ئىدىيە بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.

  كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلىشىش. كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلىشىش قارشى تەرەپنى «بالا تۇغۇش» ياكى كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشقا مەجبۇرلاشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى بىر-بىرىنىڭ غايىسى، ئارزۇسىنى چۈشەنگەندە، چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، ئۆزئارا قوللاپ، بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى