تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

بالىلار قېنىپ ئۇخلىسا ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولىدىكەن

   ئامېرىكا ماسساچۇسېتس داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ياخشى ئۇخلىيالماسلىق بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقان بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋە ئۆگىنىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى باھالاپ چىققان، نەتىجىدە، ئۇيقۇ ناچار بولسا (تەستە ئۇخلاش، ھەر كۈنى كەچتە ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئويغىنىش) بالىلاردا ئۆگىنىشتە قىينىلىش، نەتىجىسى ناچار بولۇشتەك مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەنگلىيەدىكى 3000 نەپەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا قارىتىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، نەتىجىسى ئەلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېچىدىكى ئۇخلاش ۋاقتى ۋە بالدۇر ئۇخلاش ۋاقتى نەتىجىسى بىر قەدەر ناچار ئوقۇغۇچىلاردىن كۆپ ئىكەن. نەتىجىسى ئوتتۇراھال بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نەتىجىسى ياخشى بالىلارنىڭ كەچلىك ئۇيقۇسى 17 مىنۇتتىن 33 مىنۇتقىچە كۆپ ئىكەن، بالدۇر ئۇخلاش ۋاقتى 10 مىنۇتتىن 50 مىنۇتقىچە ئىكەن، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا ئوقۇغۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا، نەتىجىسى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇغۇچىلار ھەپتە ئاخىرىدا ئىككىدىن، ئۈچ سائەت كېچىكىپ ئۇخلايدىكەن.

  تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، چارچاش دىققەتنى يىغالماسلىق، كەيپىياتىنى كونترول قىلالماسلىق ۋە دەرسخانىدا سەگەك بولالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇ، بالىلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى مۇھىم ئامىل ئىكەن. يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلغاندا ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى قېنىپ ئۇخلىتىشى كېرەك ئىكەن.

جۇڭگو ئاياللار گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل