تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالتۇن رەڭ كەچ كۈز، گۈزەل توغراق

10-ئاينىڭ 15- كۈنى، ساياھەتچىلەر مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ توغراقلىق مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا. مۇخبىرىمىز لى رۇي فوتوسى

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى دەريا بويى كەنتىدىكى قۇملۇقتىكى توغراقلىققا نەزەر ( 10- ئاينىڭ 15- كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). مۇخبىرىمىز جېن شىشىن فوتوسى

10-ئاينىڭ 15 - كۈنى، ساياھەتچىلەر ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدىكى توغراقلىق ئېكولوگىيە باغچىسى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا.  پولات نىياز فوتوسى

 10- ئاينىڭ 12- كۈنى، توپ-توپ ئاق قوتان لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇر دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا ماكانلاشتى. لى فېي فوتوسى

چىڭگىل ناھىيەسى چىڭگىل دەرياسى بويى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىپ، چۈشتىكىدەك گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈردى (10- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). ليۇ شىخې فوتوسى

10- ئاينىڭ 3- كۈنى، ساياھەتچىلەر باغراش كۆلىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىرغىقىدىكى خوشۇت ناھىيەسى  تەۋەسىدىكى توغراقلىقتا سەيلە قىلماقتا. چۆ . خۇرە فوتوسى

10- ئاينىڭ 16- كۈنى، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ كۈمۈش بازىرى قىرغىز تام كەنتىنىڭ بەش كىلومېتىر جەنۇبىدىكى تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان ئالتۇن رەڭ توغراقلىق خۇددى بىر پارچە ماي بوياق رەسىمگە ئوخشايدۇ. لى جىڭخەي فوتوسى

10- ئاينىڭ 15- كۈنى، ساياھەتچىلەر ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ئورتاقساي دەرياسى ۋادىسىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.  يۈسۈپ غېنى فوتوسى

10- ئاينىڭ 6- كۈنى، ساياھەتچىلەر بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ تارىم توغراقلىق دۆلەت ئورمان باغچىسىدا سەيلە قىلماقتا. جاڭ خۇييۇڭ فوتوسى

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋېن جيەنلۇڭ خەۋىرى): ئىللىق باھار، رەڭگارەڭ يازنى ئۆتكۈزۈپ، كەچ كۈزمۇ يېتىپ كەلدى، ئەگەر، قەيەرنىڭ كۈز مەنزىرىسى ئەڭ گۈزەل؟ دەپ سورىسڭىز، ئېنقىكى، شىنجاڭنىڭ دەپ جاۋاب بېرىمىز، تېخىمۇ ئېنىق جاۋاب شۇكى دەل كەچكى كۈزدىكى توغراقلىق .
   توغراق 60 مىليون يىللار ئىلگىرىلا يەر شارىدا بار بولۇپ، جۇڭگودىكى %90 تىن كۆپرەك توغراق شىنجاڭغا تارقالغان. توغراق بىخ چىقىرىپلا جان تىكىپ يىلتىز تارتىپ، پىژغىرىم ئىسسىق، قۇرغاق مۇھىتتىمۇ 30 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسەلەيدۇ. دەرەخ قېرىشقا باشلىغاندا، ئۇ ئۆزلۈكىدىن غول ۋە شاخلىرىنى تاشلاپ، پاكارلىشىدۇ. پاكارلاشقاندىن كېيىنكى توغراق يەنە بىر قېتىم ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، شاخ - يوپۇرماق چىقىرىپ، باراقسانلاپ، قەد كۆتۈىدۇ.
 كىشىلەر توغراق: «مىڭ يىلغىچە قۇرۇمايدۇ، قۇرۇسىمۇ مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدۇ، يىقىلسىمۇ مىڭ يىلغىچە چىرىمايدۇ» دېيىشىدۇ.
   تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىپايان زېمىندا كەڭ كەتكەن توغراقلىقلار بار، مەسىلەن، شىمالىي شىنجاڭدىكى قاراماي شەھىرىنىڭ بەيياڭخې چوڭ جىلغىسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى توغراقلىق مەنزىرە رايونى، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ئورتاقساي دەرياسى ۋادىسى، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ چىڭگىل دەرياسى بويى، جەنۇبىي شىنجاڭدا لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇر دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، شۇنداقلا شايار، مارالبېشى، پوسكام، خوتەندىكى توغراقلىقلار...
    كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مىڭ چاقىرىملىق ئالتۇن رەڭ گۈزەل مەنزىرە. مانا بۇ شىنجاڭغا خاس ئالتۇن كۈز، مانا بۇ قۇملۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى __توغراق.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ