تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

كۆڭۈل قويۇپ دەرس ئۆتۈش  مۇھەببەت بىلەن ئادەم تەربىيەلەش

− بايىنغولىن ئوبلاستلىق 3- ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق يىللىقلارنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى سەي رېن توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

«9- ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى، يان تېلېفونۇمغا كەلگەن قىسقا ئۇچۇر ئەسكەرتىشلىرى زادىلا توختىمىدى، قىزىمنىڭ ئىدارىسىدىكىلەرمۇ ماڭا بەخت تىلىدى، مەن ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك كىشى، دەپ ھېس قىلدىم!» دېدى 9- ئاينىڭ 12- كۈنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 3- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سەي رېن يەنىلا بەختلىك ئەسلىمىلەرگە چۆمۈلگەن ھالدا.

1985- يىلى 8- ئايدا، سەي رېن ئىچكى موڭغۇل سىفەن داشۆسىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بايىنغولىن ئوبلاستلىق موڭغۇل مىللىتى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى(كېيىن بايىنغولىن ئوبلاستلىق 3- ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئۆزگەرتىلگەن)گە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، شۇ ئىشلىگەنچە 34 يىل ئىشلىدى.

سەي رېن باشتىن - ئاخىر «ئوقۇتقۇچى يېتەكلىگۈچى، ئوقۇغۇچى سۇبيېكت» دېگەن ئوقۇتۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى لايىھەلەپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ 2- دەرسخانا ئاچتى، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى ھەر خىل قىزىقىش گۇرۇپپىلىرىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى.

ئوقۇغۇچى سەيرېندەيلىگنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بار ئىدى، ئۇ 2- دەرسخانىنىڭ يېتەكلىشىدە تېز ئۆسۈپ يېتىلدى، كېيىن ئىچكى موڭغۇل سىفەن داشۆسىنىڭ تەنتەربىيە فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندى؛ ئوقۇغۇچى تۆمۈرباتېر ئىچكى موڭغۇل مىللەتلەر داشۆسىنىڭ مۇزىكا فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندى...

شىنجاڭدا يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغان تۇنجى يىلى، سەي رېن دادىللىق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئوقۇتۇش نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىپ، ياخشى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشتى.

ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىتايلى» قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى ئىلمىي ماقالە مۇسابىقىسىدە، ئۇنىڭ ئوقۇتۇشقا دائىر «ماتېماتىكا ئاساسىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۇسۇلى» «ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا» دېگەن ئىلمىي ماقالىلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1 - دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق 3- ئوتتۇرا مەكتەپ ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ بولۇپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى چەت، يىراق چارۋىچىلىق رايونلىرىدىن كېلەتتى. ئوقۇغۇچىلارنى خاتىرجەم ئۆگىنىدىغان قىلىش ئۈچۈن، سەي رېن ھەر كۈنى ئەتىگەندە مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئەتىگەنلىك گىمناستىكا ئوينىدى، كەچتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاقلىرىغا كىرىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىرداشتى، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىدىيە ئەھۋالى، ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. قايسى ئوقۇغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقى بولسا، سەي رېن ھەمىشە بىرىنچى ۋاقىتتا ياردەم قولىنى سۇندى.

ئوقۇغۇچى چياۋلۇڭباتۇ خوشۇت ناھىيەسىنىڭ چەت، يىراق تاغلىق رايونىدىن كەلگەن بولۇپ، ئائىلىسى نامرات ئىدى. بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، سەي رېن ھەر ئايدا ئامال قىلىپ چياۋلۇڭباتۇغا ياردەم بېرىپ، ئۇنى خاتىرجەم ئۆگىنىدىغان قىلدى. چياۋلۇڭباتۇ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە ياردىمىدە تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئەلا نەتىجە بىلەن ئىچكى موڭغۇل داشۆسىگە قوبۇل قىلىندى. سەي رېن يەنە خوشۇت ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى تارمىقى بىلەن ئالاقىلىشىپ، چياۋلۇڭباتۇنىڭ داشۆدە ئوقۇيدىغان قىسمەن ئوقۇش پۇلىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

«ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن چېغىمدا، سەي رېن مۇئەللىم بىلەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ ماڭا بولغان كۆيۈنۈشى ۋە قوللىشىنى ئويلىساملا، مەن ئىشەنچكە تولىمەن» دېدى ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزۈپ بۈگۈنكى كۈندە خىزمەتكە چىققان چياۋلۇڭباتۇ.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، گاڭگىراپ قالغاندا، سەي رېننىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمىگە ئېرىشىپ كەلدى. ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپتا خاتىرجەم ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاپ، گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان قىلىش ئۈچۈن، سەي رېن ئۆزىنىڭ مائاشىنى ئىشلىتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېسىلىنى كۆرسەتتى، دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىرداشتى.

«بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى مول بىلىمگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ياخشى ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى ھازىرلىشى كېرەك، مەن ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش جەھەتتە نەتىجىگە ئېرىشىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىشى كېرەك» دېدى سەي رېن.

34 يىللىق ئوقۇتۇش خىزمىتىدە، سەي رېن باشتىن - ئاخىر سادىقلىق بىلەن ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك 1 - ماي ئەمگەك مېدالىغا، شىنجاڭنى ئېچىش - گۈللەندۈرۈش مېدالىغا، مەملىكەتلىك ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ئۈلگىسى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى