تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۇخلاش ئادىتى بالىلارنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

ياپونىيە ئۇيقۇ باھالاش تەتقىقات ئاپپاراتىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاسىيالىقلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ناھايىتى قىسقا ئىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۇخلاش ئادىتى بالىلارنىڭ ئۇخلاش ئادىتىگە بىۋاستە تەسىر قىلىدىكەن، مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، ئاتا – ئانىلار كەچ ئۇخلىسا، بالىلارمۇ بالدۇر ئۇخلىمايدىكەن.

ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. بالىنىڭ ئۇيقۇسى قانمىغاچقا ناشتا قىلمىسا ياكى ئىشتىھاسى ياخشى بولمىسا، كەچتە تاماقنى كۆپ يەۋېلىپ، ئاسان سەمرىپ كېتىدۇ؛ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغاچقا ياكى كېچىكىپ قالغاچقا بالا دەرسخانىدا يېتىشىپ بولالمايدۇ، نەتىجىسى چۈشۈپ كېتىدۇ. تەكشۈرۈشلەردە ئېنىقلىنىشىچە، بالىلارنىڭ ئوقۇشنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قېلىشى، ئۇرۇشۇشى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆپىيىشىمۇ ئۇزۇن مەزگىل ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ساغلام ئۇيقۇسى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئون نۇقتىنى قىلىشى كېرەك.

1. بالىسى ۋە ئۆزىنىڭ بىر ھەپتىلىك ئۇيقۇ تەجرىبىسىنى يەكۈنلەپ، قانۇنىيەتلىك ئۇخلاش ۋاقتى ۋە ئۇخلاش ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، بالىلارنىڭ يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    2. كېيىن ئۇخلايدىغانلار، ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغانلار يېرىم سائەت بۇرۇن ئۇخلىشى كېرەك. ئەگەر سەھەردە كەيپىياتى ياخشى بولمىسا يەنە يېرىم سائەت بۇرۇن ئۇخلاش كېرەك. كەيپىياتنىڭ ياخشى، ناچارلىقىغا قاراپ ئۇخلاش ۋاقتىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئەگەر كەيپىيات ياخشى بولسا ناشتىنىمۇ ياخشى قىلغىلى بولىدۇ. دەم ئېلىش كۈنلىرى بىلەن ئادەتتىكى ئۇيقۇ ۋاقتىدا بىر سائەتتىن ئارتۇق پەرق بولمىسا بالىنىڭ زۆرۆر ئۇيقۇ ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

      3. ئاتا – ئانىلارمۇ بالدۇر ئۇخلاشقا دىققەت قىلىشى، ئۆزى ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

      4. بالىغا چوقۇم ناشتا قىلدۇرۇش ھەم ناشتا قىلىش ۋاقتى قانۇنىيەتلىك بولۇشى كېرەك.

    5. ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشىنى قوللىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى تېخىمۇ سۈپەتلىك بولىدۇ.

     6. بالىنىڭ ياتاق ئۆيى تىنىچ، چىراغ نۇرى غۇۋا، تېمپۇراتۇرىسى، نەملىكى مۇۋاپىق بولۇشى، ھاۋاسى ساپ، كارىۋات بۇيۇملىرى پاكىز بولۇشى كېرەك.

     7. بالىلارنىڭ ياتىقىغا تېلىۋىزور، كومپىيوتۇر، ئەقلىي يان تېلېفون قاتارلىقلارنى قويماسلىق كېرەك.

    8. ئاتا – ئانىلار باللىرى بىلەن كۆڭۈللۈك ئۇخلاش كەيپىياتى يارىتىش كېرەك، مەسىلەن، كىتابچە كۆرۈش، خۇشاللىق ئىشلار ئۈستىدە پاراڭلىشىش قاتارلىق.

     9. بالىلارنىڭ كوففېئىن قوبۇل قىلىشىنى چەكلەش كېرەك، چۈشتىن كېيىن 3:00تىن كېيىن بالىلارنى تەركىبىدە كوففېئىن بار ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن چەكلەش كېرەك.

     10. بىر كۈننىڭ ئەتىگەندىن ئەمەس، بەلكى ئالدىنقى كۈندىكى ئۇخلاش ۋاقتىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك.                 

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ