تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئۇرۇشۇپ قالغاندىن كېيىن ئۆزەڭگىدىن قانداق چۈشۈش كېرەك؟

      مۇنداق بىر يۇمۇر بار: %70 ئەرلەر خوتۇنىنىڭ نېمىشقا ئاچچىقلانغانلىقىنى بىلمەيدۇ، يەنە %30 ئەرلەر خوتۇنىنىڭ ئاچچىقلانغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. بۇ قارىماققا يۇمۇردەك قىلسىمۇ، ئەمما ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدىكى پىسخىكىلىق پەرقنى ئىپادىلىگەن. نۇرغۇن ئەر – خوتۇنلار كىچىك ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئۇرۇشۇپ باققان.

  مۇنداق بىر مىسال ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. خوتۇنى ئىشقا كېتىۋاتقان ئېرىگە ئۈندىداردا ئۆزىنىڭ خىزمەتتە يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى، ئەنسىرەشلىرىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ، ئېرى بولسا «مەن ھازىر ئىشقا كېتىۋاتىمەن، تېلفوندا سىز بىلەن پاراڭلىشىشقا ئەپسىز» دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ. خىزمەتنىڭ بېسىمى بىلەن ناھايىتى چارچاپ كەتكەن خوتۇنى ئېرىنى ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشەنمىدى، ھەتتا، مەن بىلەن پاراڭلاشقۇسى يوقكەن دەپ چۈشىنىپ، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئېرىگە گەپمۇ قىلمايدۇ. ئېرى ئۇۋالچىلىق ھېس قىلدى، ئۇنىڭ خوتۇنى بىلەن پاراڭلاشقۇسى يوق ئەمەس، پەقەت ئەينى چاغدا شارائىت يار بەرمەيتتى.

  ئەر – خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا دائىم مۇنداق ھادىسە يۈز بېرىدۇ: ئاياللار كەيپىيات تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنىپ، ھېسسىيلىكنى ئاساسىي يېتەكچى قىلىدۇ؛ ئەرلەر نەتىجىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىش ئۈستىدە پاراڭلىشىدۇ، ئەمما بۇ خىل ئەقلىي پوزىتسىيە ئەكسچە خوتۇنىنى تېخىمۇ ئاسان ئاچچىقلاندۇرىدۇ، چۈنكى ئايالىنىڭ دەۋاتقىنى كۆڭۈل بۆلۈنمىگەن كەيپىيات. شۇڭلاشقا ئەر – خوتۇن ئىككىسى قارىماققا ئوخشاش بىر ئىش ئۈچۈن ئۇرۇشۇۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىككەيلەن ئوخشاش بىر لوگىكا ئۈستىدە ئۇرۇشمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇرۇشۇش ئۈنۈمسىز ئالاقە قىلغانغا باراۋەر.

  ئۇرۇشۇپ قالغاندىن كېيىن ئىككەيلەن بەلكىم سوغۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشى مۇمكىن، يىرىك مۇناسىۋەتنى قانداق قىلىپ ئوڭشاش كېرەك؟ بۇنداق چاغدا تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئۇسۇلنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

  بىرىنچى، بىۋاستە ئىپادىلەش. مەسىلەن، قارشى تەرەپنىڭ كەيپىياتىنى ھېس قىلغىنى بويىچە ئىپادىلەش. ئەرلەر مۇنداق دېسە بولىدۇ، «مېنىڭچە سىزنىڭ ناھايىتى ئاچچىقىڭىز كەلدى، ئاچچىقلىنىشىڭىزدا چوقۇم بىر سەۋەب بار، بىراق نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمىدىم، ماڭا دەپ بېرەلەمسىز؟» ياكى ئوبيېكتىپ ھەم سەمىمىي ھالدا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئوچۇق دەپ «يولدا ماڭغاندا سىزگە ئۇچۇر قايتۇرسام ناھايىتى خەتەرلىك، مەن شىركەتكە بېرىپ ئۇچۇر قايتۇرايمۇ؟» مۇشۇنداق ئۈنۈملۈك ئالاقە ئارقىلىق ۋەزىيەتنى ئوڭشىۋالغىلى بولىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر خىل ئۇسۇل بار، يەنى ياخشىچاق بولىدىغان ئۇسۇل. بەزى ئاياللار ئۆزىنىڭ مىجەزىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلگەچكە، ئاچچىقىنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن ئىككىنچى كۈنى بىر ئۈستەل ياخشى تاماق ئېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېرى ئامراق تاماقنى ئېتىدۇ. ئېرى بىر قاراپلا خوتۇنىنىڭ خاتالىقىنى تونۇغانلىقىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزىلىك تائاملار ئادەمنىڭ ئىشتاھاسىنى ئاچىدۇ ھەم ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەھۋال يەنە ياخشىلىنىدۇ. بەزى ئەر- خوتۇنلار ئاكتىپلىق بىلەن ياخشىچاق بولۇشنى خالىمايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئاجىز كۆرسىتىشنى خالىمايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ھەر ئىككەيلەنگە ياكى ئائىلىگە نىسبەتەن مۇھىم ئىشلارنى تىلغا ئېلىش قاتارلىقلار ياخشى ئۇسۇل. مەسىلەن، قارشى تەرەپكە چوڭلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىڭ كېلىپ قالغانلىقىنى، تەييارلىق قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىش. يەنە بەزىلەر ئويلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداقلارغا ئۇرۇشۇشقا ئائىت ئەمما مەزمۇنى ئىجابىي ئۇلىنىشلارنى ئەۋەتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئالاقىلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ بولىدۇ.

  خۇلاسىلىگەندە، ئائىلە ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ماسلىشىشقا، مۇرەسسە قىلىشقا تېگىشلىك جاي. يىرىك مۇناسىۋەت كۆرۈلگەندە ئامال قىلىپ ئۇنى ئوڭشاش كېرەك، ھەرگىزمۇ جاھىللىق بىلەن ئۆزىنىڭكىدە چىڭ تۇرۇۋېلىپ، ئازراقمۇ يول قويماي يۈرسە بولمايدۇ. ئەگەر سىز خالىسىڭىزلا نۇرغۇن ئۇسۇل ۋە ئىلھام ئۆزلۈكىدىن سىزگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ جەھەتتە ئەقىل كۆپ بولسا، سوغۇق مۇناسىۋەت ئاز بولىدۇ.

                                                                                                                                                                              خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى