تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

قۇچاقلاش كۈنلەشنى پەسەيتىدىكەن

     قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە «كۈنلەش» ھەمراھلار ئارىسىدا دائىم كۆرۈلىدىغان كەيپىيات. سىز يات جىنىسلار بىلەن قىزغىن سالاملاشقاندا ياكى قاراپ قويغاندا جورىڭىز كۈنلەپ قېلىشى مۇمكىن. كۈنلەش، جورىڭىزنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئەمما ھە دېسىلا ئىچى تارلىق قىلىشنىڭمۇ يامان تەرەپلىرى بار. ئىچى تارلىق ئوي-پىكرى، كەيپىياتى، ھەرىكىتى ھېسسىياتقا زىيان يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، كىچىكرەك بولغاندا ئۇرۇشۇپ ئاچچىقلىنىدۇ، چوڭراق بولغاندا ھېسسىيات بۇزۇلىدۇ. 

  ئامېرىكىدىكى مەلۇم داشۆ بىر تۈرلۈك سىناق ئېلىپ بېرىپ، قانداق قىلغاندا ھەمراھىنىڭ كۈنلىشىنى ئازايتقىلى بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلغان. تەتقىقاتچىلار 64 جۈپ ياش ئاشىق – مەشۇقلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تەرەپتىن بەزى سوئاللارنى سوراپ، ئۇلارنىڭ ئىككى جىنىس مۇناسىۋىتىدىكى تەشۋىشلىنىش دەرىجىسىنى بىلگەن. ئارقىدىن تەتقىقاتچىلار بىر قىسىم جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە كېلىشكەن يىگىتلەر ياكى گۈزەل قىزلارنىڭ سۈرەتلىرىنى بىر تەرەپنىڭ ئالدىغا قويغان ھەمدە ھەمراھىنىڭ ئالدىدىلا بۇ سۈرەتتىكى يات جىنىس بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  نەتىجىدە بايقىلىشىچە، سىناقتا كېلىشكەن يىگىت، چىرايلىق قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشنى  خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر، ئەگەر شۇ ۋاقىتتا ھەمراھىغا يېقىنچىلىق ھەرىكەتلىرى قىلسا، مەسىلەن: قۇچاقلاپ قويغاندا، ھەمراھىدا ئىچى تارلىق قىلىش ھېسسىياتى پەسىيىدىكەن. بولۇپمۇ ئادەتتە مۇھەببەت مۇناسىۋىتىدە تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى بولغانلارغا نىسبەتەن، بەدەن بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ رولى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئاددىيغىنە يېقىنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ تارقاتقان سىگنالى ناھايىتى ئېنىق بولىدۇ، ھەم قارشى تەرەپ بىلەن يېقىن، ئىللىق ئالماشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ھەم قارشى تەرەپنى سۆيىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭلاشقا، ھەمراھى كۈنلەشنى ئىپادىلىگەندە، جىقراق بەدەن ئۇچرىشىشى قىلىشى، مەسىلەن، قۇچاقلاپ، سىلىغاندا، قارشى تەرەپنىڭ كۈنلىشىنى پەسەيتىكىلى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى