ئامېرىكا ئوخايو ئىشتاتى داشۆسىدىكى ئىنسانشۇناسلارنىڭ بايقىشىچە، دادا قىزىنىڭ تەنھالىق تۇيغۇسىنى يېڭىپ، مىجەزىنىڭ ئوچۇق-يورۇق بولۇشىدا ھالقىلىق رول ئوينايدىكەن.
تەتقىقاتچىلار ئامېرىكىنىڭ «بالىلارنى دەسلەپكى قەدەمدە پەرۋىش قىلىش ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر تەرەققىياتى تەتقىقاتى» تۈرىدىن 659 ئائىلىنى تاللاپ چىققان. بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-، 3-، 4-، 5- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا، ئاتا-ئانىلار ئۆزى بىلەن بالىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھەمدە بالىلارنىڭ يالغۇزلۇق ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش قاتارلىق روھىي كەيپىياتىنى باھالىغان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بولغان يېقىنلىق دەرىجىسى تۆۋەنلەپ، توقۇنۇشى كۆپىيىشكە باشلىغان. تەنھالىق تۇيغۇسى بالىلارنىڭ تەڭتۇشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەقىقىي قەلبى تەنھالىقتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلالمىغان. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، دادا مېھرىگە قانغان قىزلارنىڭ تەنھالىق تۇيغۇسى باشقىلارغا قارىغاندا بىر قەدەر تۆۋەن بولغان.
تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، تۇرمۇش ۋە پىسىخىكا جەھەتتە بارغانسېرى مۇستەقىل بولۇپ، سىرتتىكى پائالىيەتكە ۋە دوست تۇتۇشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، دادا ئامال بار قىزىغا بولغان مېھرىنى تېخىمۇ كۆپ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بىلدۈرۈشى كېرەك. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، دادىنىڭ قىزىغا بەرگەن مېھىر-مۇھەببىتى ئۇنىڭ ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى