تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

ئالدىنقى سەككىز ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى

شەھەر - بازارلاردا 429 مىڭ 300 ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 2 مىليون 237 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، ئاپتونوم رايونىمىز مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلىغان، ئاساسلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچلىرى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلانغان، شەھەر - بازارلاردىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلىشىشتا يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %90تىن ئارتۇقى ئورۇندالغان، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %80تىن ئارتۇقى ئورۇندالغان، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر سانىدا، ساياھەت كەسپىنىڭ تۈرتكە بولۇشى بىلەن يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىدا يىللىق نىشان - ۋەزىپە نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان.

ئالدىنقى سەككىز ئايدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 429 مىڭ 300 ئادەم بولۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %95.4ى ئورۇندالغان؛ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 2 مىليون 237 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %82.8ى ئورۇندالغان؛ شەھەر - بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلاردىن 36 مىڭ 800 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %92.06ى ئورۇندالغان، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى 24 سائەت ئىچىدە ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش ھالىتى ساقلانغان.

ئالدىنقى سەككىز ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلغان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن 62 مىڭ 247 ئادەم تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە %155.6 ئورۇندالغان. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ شەھەر - بازارلىرىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 117 مىڭ 300 ئادەم بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ %27.32ىنى ئىگىلىگەن.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يۆلەش سىياسەتلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ياخشى ئىگىلىك تىكلەش كەيپىياتى ياراتتى. ئالدىنقى سەككىز ئايدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىگىلىك تىكلىگەنلەر 58 مىڭ 600 ئادەم بولۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە %195.3 ئورۇندالغان؛ 115 مىڭ 100 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە %127.9 ئورۇندالغان.

3- كەسىپنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچىيىپ، سىجىل ھالدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىدىغان ئاساسىي كۈچكە ئايلانغان. ئالدىنقى سەككىز ئايدا شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىچىدە 296 مىڭ 100 ئادەم 3- كەسىپتە ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇپ، شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ %68.97ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ساياھەت كەسپىدە «يەتتە بىر تۈركۈم» يولى ئارقىلىق يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 42 مىڭ ئادەم بولۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە %104.99 ئورۇندالغان. بۇ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن، ساياھەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئەمگەكچىلەرنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى. ئالدىنقى سەككىز ئايدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا تۈرلۈك كەسپىي تەربىيەلەشتىن 871 مىڭ 200 ئادەم قېتىم قانات يايدۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە %79.20 ئورۇندالغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە 490 مىڭ 700 ئادەم قېتىم تەربىيەلىنىپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە %138.74 ئورۇندالغان؛ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە 181 مىڭ 300 ئادەم قېتىم تەربىيەلىنىپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە %194.08 ئورۇندالغان. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىچىدە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 283 مىڭ 600 ئادەم بولۇپ، شەھەر - بازارلاردىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنىڭ %66.06ىنى ئىگىلىگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىلى» پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، شەھەر - يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى، سىجىل ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئۇزاق مۇددەت ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمگەك ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى