تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاممىغا خالىس ياردەم بېرىدىغان ياخشى ليەنجاڭ

− بىڭتۇەن 5- شىسى قوش ئۆگۈز شەھىرى 84- تۇەن 7- ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ليەنجاڭ ۋاڭ پىڭ توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرى جياڭ شياۋۋېي

بۇ يىل يازدا، نۇرغۇن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋاڭ پىڭنى زىيارەت قىلغاندا مۇنداق سورىدى: «سىز ئەينى ۋاقىتتا نېمە ئۈچۈن بىڭتۇندە يىلتىز تارتىشنى ئويلاپ قالغان؟» «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى قانداق قىلىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتىڭىز؟» ۋاڭ پىڭ ھەممىسىگە بىر - بىرلەپ جاراڭلىق ئاۋازدا جاۋاب بەردى.

30 يىلدىن بۇيان، ئەڭ دەسلەپتىكى كۈنلۈك ئىشلەمچىلىكتىن يەر ھۆددىگە ئېلىشقىچە، كۆچمە نوپۇستىن بىڭتۇەننىڭ ئىشچى - خىزمەتچىسى بولۇشقىچە، ئاممىدىن پارتىيە ئەزاسى بولۇشقىچە، ئەمگەك ماھىرىدىن تۇەنچاڭنىڭ بېيىش باشلامچىسى بولۇشقىچە... بۈگۈنكى كۈندە، بىڭتۇەن 5- شىسى قوش ئۆگۈز شەھىرى 84- تۇەن 7- ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ليەنجاڭى بولغان ۋاڭ پىڭ ئاممىغا ئىزچىل رىشتە باغلاپ كەلدى.

 بېيىغاندا ئاممىنى ئۇنتۇماسلىق

2018- يىلى، ۋاڭ پىڭ «مەملىكەت بويىچە ئون ياخشى دېھقان» بولۇپ باھالاندى، ئۇ بىڭتۇەندىكى بۇ شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن بىردىنبىر ئىشچى - خىزمەتچى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، چەكسىز ھاياجانلانغان ۋاڭ پىڭ ئالدى بىلەن تۇەنچاڭدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ياردىمىنى ئەسكە ئالدى.

1988- يىلى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ۋاڭ پىڭ بىرنەچچە يۇرتدىشى بىلەن سىچۇەن ئۆلكىسىدىن بىڭتۇەنگە كېلىپ تىرىشىپ ئىشلىدى. يېڭى كەلگەندە، ئۇ كېسەك ئۆيدە تۇردى، ھەتتا يوتقان - كۆرپىسىمۇ بولمىغاچقا، كارىۋات تاختىيىغا مەنگەن يېيىپ، ئۈستىگە كىرلىكنى يېپىپ كۆرپە قىلدى. ئۇ توڭلىغىنىدىن لاغىلداپ تىترەۋاتقاندا، ليەندۈينىڭ بىر خىزمەتچىسى ئۇنىڭغا يوتقان ئەكىلىپ بەردى. «بۇ ئىش ھېلىمۇ يادىمدا، ئۆمۈر بويى ئۇنتۇيالمايمەن» دېدى ۋاڭ پىڭ تەسىرلەنگەن ھالدا.

ليەندۈي ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ قولمۇقول ئۆگىتىشى، سەمىمىي ياردىمىدە، ۋاڭ پىڭ تەدرىجىي ھالدا بۇغداي، كۆممىقوناق، پىگمېنت جۇخارگۈلىنى تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى... 1995- يىلى، ۋاڭ پىڭ ليەندۈيدە بىرىنچى بولۇپ توختام ئىمزالاپ، نەچچە يۈز مو يەرنى ھۆددىگە ئالدى. ئۇ، ئىشلەشنى خالىسىلا، ھەقىقىي ئىشلىسىلا ھوسۇلغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى، ئۇ بىر تەرەپتىن، سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ ئىشلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ۋاقىت چىقىرىپ ئىلمىي تېرىقچىلىق بىلىملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، يەنە دائىم ليەندۈيدىكى تېخنىكلاردىن تەلىم ئالدى.

ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش، جاپالىق ئەجىر قىلىشقا تايىنىپ، ۋاڭ پىڭنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ليەندۈينىڭ بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى. تەدرىجىي بېيىغان ئۇ، كۆپچىلىككە جاۋاب قايتۇرۇشنى قەلبىگە ئىزچىل پۈكۈپ كەلدى، ئۇ ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىغا مول تەجرىبىلىرىنى ئۆگەتتى، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بېرىپ تۇرغان ئىشلەپچىقىرىش مەبلىغى 1 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

2012- يىلىدىن باشلاپ، ۋاڭ پىڭ ھەر يىلى 50 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، «ۋاڭ پىڭ ياردەم بېرىش - يۆلەش فوندى»نىڭ قوزغىتىش مەبلىغى قىلىپ، ليەندۈيدىكى مەبلەغ ئىشلىتىشكە جىددىي موھتاج بولغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىغا ياردەم بەردى، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ليەندۈيدىكى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئائىلىلىرى بەس - بەستە پۇل ئىئانە قىلدى.

ۋاڭ پىڭ تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئامما ماڭا قىزغىن ياردەم قىلدى، باشقىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، مەنمۇ چوقۇم ياردەم قىلىمەن».

 قىزغىنلىق بىلەن ئاممىۋى پاراۋانلىق، ياردەم بېرىش - يۆلەشكە قاتنىشىش

8- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن كېيىن، 5- شى 84- تۇەنىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى، 13 ياشلىق قازاق قىزچاق ئايسانا ئېرمۇزا بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىشتا ياخشى كۆرىدىغان دومبىراسىنى چالدى، ئۇنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

2013- يىلى، ۋاڭ پىڭ پاراۋانلىق پائالىيىتىگە قاتناشقاندا 84 - تۇەن مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئايسانا بىلەن تونۇشۇپ قالغانىدى. قىزچاقنىڭ ئۆيىدە پەقەت ئانا - بالا ئىككىسىلا بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ۋاڭ پىڭ ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.

ئايسانانىڭ ئانىسى نۇرگۈل شايىغازىنىڭ خىزمىتى يوق ئىدى، ۋاڭ پىڭ ئامال قىلىپ ئۇنىڭغا خىزمەت تېپىپ بەرمەكچى بولدى، ئاخىر تۇەنچاڭ پارتىيە تەشكىلاتى ۋە 84- تۇەن مەكتىپىنىڭ ياردىمىدە، نۇرگۈل مەكتەپنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىگە ئورۇنلاشتى، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمى بار بولدى. «ئۇ خىزمەت مەن ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىدى، ئىشقا چىققان تۇنجى كۈنى ھاياجانلىنىپ يىغلاپ كەتكەنىدىم» دېدى نۇرگۈل كۆپچىلىككە.

بۇلتۇر، ۋاڭ پىڭ نۇرگۈلنى يەنە مەھەللە خىزمىتىگە تونۇشتۇرۇپ قويدى، بۇ خىزمەت ئورنى ئۇنىڭ ئۆيىگە تېخىمۇ يېقىن بولۇپ، ھەر ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايتتى.

ھەر يىلى بېرىش - كېلىش قىلىش جەريانىدا، ئىككى ئائىلە سېنىڭ - مېنىڭ دېيىشمىدى، ھەرقانداق ئىشتا قارشى تەرەپنى ئويلىدى، بايرام - دەم ئېلىش كۈنلەردە بىكار بولسىلا بىللە ساياھەتكە چىقتى.

يېقىندا، نۇرگۈل ئۆي ئالماشتۇرماقچى بولدى، لېكىن ئۆي سودىسى رەسمىيىتىنى پىششىق بىلمىگەنلىكتىن قىينىلىپ قالدى. ۋاڭ پىڭ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئالاقىدار خادىملاردىن مەسلىھەت سوراپ، يېرىم ئاي قاتراپ، ئاخىر نۇرگۈلنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك يېڭى ئۆي سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەردى.

 نەمۇنىچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش

«پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئامما دېمەكچى بولغان سۆز، قىلماقچى بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى تىلغا ئېلىندى، بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدىمىز تولۇپ تاشتى.» 8- ئاينىڭ 23- كۈنى، ۋاڭ پىڭ مۇنداق دېدى: «پارتىيەمىز خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەن دۆلەتنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم».

ۋاڭ پىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام ليەندۈيلىرىدىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى: ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئامما سۇ، توك، پار، ھاجەتخانا، مۇنچا تولۇق يۈرۈشلەشكەن يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، ئاسفالت يوللار ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى، ئورمانلىق ئارىسىدا بىنا ئۆيلەر قەد كۆتۈردى، مەنزىرە دەريالىرى ئورمانلىقتىن كېسىپ ئۆتتى، بوش ۋاقىتلاردا ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئامما مەيداندا بەدەن چېنىقتۇرىدىغان، سەيلە قىلىدىغان بولدى. ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ روھىمۇ بارغانسېرى كۆتۈرۈلدى.

«مەن ھەم ئاممىنىڭ بېيىش ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىمەن، ھەم ئۇلارنىڭ پۇل تېپىش ماھارىتىنى ئۆگىنىۋېلىشىغا، بېيىش يولىنى تېپىشىغا ياردەم بېرىمەن» دېدى ۋاڭ پىڭ. ھازىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئامما بەسلىشىپ ئىشلەۋاتىدۇ، ئىلگىرىكى تۇرالغۇ ئۆي، پىكاپتا بەسلىشىش ھازىر تېخنىكىدا، مەدەنىيەتتە بەسلىشىشكە ئۆزگەردى.

«مەن يەنە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنى بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن» دېدى ۋاڭ پىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى