تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

توققۇز خىل كەيپىيات سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ

    دائىم تالاش – تارتىش قىلىدىغان ئەر – ئاياللارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ھەسسىلەپ ۋاقىت كېتىدۇ

   ئەگەر جورىڭىز بىلەن يېرىم سائەت تالاش – تارتىش قىلغان بولسىڭىز، بەدىنىڭىزنىڭ ئىنكاس ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئاز دېگەندە بىر كۈن ۋاقىت كېتىدىكەن؛ دائىم تالاش – تارتىش قىلىدىغان ئەر–خوتۇنلارغا نىسبەتەن ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى ھەسسىلىنىدىكەن.

    «سۆيۈلۈش» ئادەم بەدىنى، ئىدىيەسىنى تېخىمۇ تەمكىن قىلىدۇ

   ئىتالىيە پاۋىيا داشۆسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، مۇھەببەتلەشكەندە كىشىنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى، بەدىنىدىكى نېرۋا ئۆسۈش فاكتورى سەۋىيەسى ئۆسۈش ھالىتىدە بولىدىكەن، بۇ خىل ھورمونغا ئوخشايدىغان ماددا يېڭى مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى غىدىقلاپ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق ئىكەن ھەم ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدىكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇھەببەتلىشىش جەريانىدىكى «سۆيۈلۈش»تىن شەكىللەنگەن قانائەتلىنىش تۇيغۇسى ئادەم بەدىنى ۋە ئىدىيەسىنى تۇراقلىق ھالەتكە كەلتۈرىدىكەن. بىراق مۇھەببەتلىشىپ بىر يىلدىن كېيىن، نېرۋا ئۆسۈش فاكتورى سەۋىيەسىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلىدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا مۇھەببەتلىشىش جەريانىدىكى رومانتىك تۇيغۇ مەۋجۇت بولمايدىكەن، ئادەم يەنە رىئاللىققا قايتىدىكەن.

    ھەسەتخورلۇق ئوتى قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ

   ئادەملەرنىڭ ھېسسىياتىدا ھەسەتخورلۇق ناھايىتى كۈچلۈك ھەمدە ئازابلىق بىر خىل ھېسسىيات، شۇنداقلا ئۇنى كونترول قىلىش ناھايىتى تەس. ئەنگىلىيەلىك تېببىي ئالىم جيەن فېلمىڭ دوكتورنىڭ دېيىشىچە، ھەسەتخورلۇق بولسا قورقۇش، ئەنسىرەش، غەزەپلىنىش قاتارلىق ھېسسىياتلارنىڭ ئارىلاشمىسى  ئىكەن، بۇ ئۈچ خىل ھېسسىياتتا ئادەم تېگىپ كەتسىلا ئېتىلىدىغان ھالەتتە بولۇپ، ھەسەتخورلۇق ئادەمنىڭ قان بېسىمىنى ئۆرلىتىپ، يۈرەك سوقۇشىنى تېزلەشتۈرۈپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدىكەن، تەشۋىشلىك ھەتتا ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

    جورىسىنىڭ قۇچاقلىشى قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ

    ئامېرىكا كالفورنىيە داشۆسى لوس ئانژىلىس تارماق مەكتىپىنىڭ روھىي كېسەللىكلەر ئىلىمى پروفېسسورى ھىلا كاسس دوكتورنىڭ دېيىشىچە، ئادەم بەدىنىدىكى مېڭە ئاستى بېزى ئارقا ياپراقچىسى بىر خىل «يېپىشىش ھورمونى» دەپ ئاتىلىدىغان ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدىكەن، ئۇ ئەر– خوتۇنلارنىڭ جورىسىنى سىلىشى، قۇچاقلىشىنى خالايدىغان ئارزۇنى شەكىللەندۈرىدىكەن، سىلاش، قۇچاقلاش يەنە بەدەندىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھۈجەيرىسىدە بىر خىل قېرىشنى كېچىكتۈرىدىغان، بېسىمغا قارشى تۇرىدىغان ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىدىكەن.

    كۆڭلىدە مىننەتدارلىق بولۇش بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ

   مەيلى جورىسىغا بولسۇن ياكى خىزمەتتىكى ئېرىشكەن ياخشى نەتىجىلەر بولسۇن، بەزىلەر تۇرمۇشتا ئېرىشكەن نەرسىلەرگە كۆڭلىدە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىدا بولىدۇ، بۇ خىل ھېسسىيات بەدەننىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن ھەمدە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، شۇنداقلا بەدەننىڭ ھەر قايسى سىستېمىلىرىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

    ئۇزۇن مەزگىل بېسىمدا تۇرسا ئاسان چارچاش ھېس قىلىدۇ

    ئۇدا خىزمەت قىلىش، تۇرمۇش بېسىمى قاتارلىقلار ئاستىدا، قان تەركىبىدىكى گلوكوزا بىلەن ياغ كىسلاتاسى ئۆرلەيدىكەن، دىيابېت كېسىلى بىلەن يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تەبىئىيلا ئاشىدىكەن.

    قاقاھلاپ كۈلۈش ئادەم بەدىنىنىڭ جىددىيلەشكەن مۇسكۇللىرىنى بوشىتىدۇ

  كالىفورنىيە داشۆسى ئالىملىرىنىڭ بايقىشىچە، كۈلۈش ئادەم بەدىنىنىڭ جىددىيلەشكەن مۇسكۇللىرىنى بوشىتىپ، بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان ھورموننىڭ ئاجرىتىلىپ چىقىرىشىنى تۆۋەنلىتىپ، قاندىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى ئاشۇرىدىكەن. ئادەم قاقاھلاپ كۈلگەندە، بەدەندىكى 400دىن ئارتۇق مۇسكۇلنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن، شۇڭلاشقا ئۈنۈملۈك ھالدا ئىسسىقلىقنى تارقاتقىلى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 100 قېتىم كۈلۈش 10 مىنۇت قولۋاق ھەيدىگەن ۋە 15 مىنۇت ۋېلىسىپىت ھەيدىگەندىكى ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتكە تەڭ ئىكەن.

    غەزەپلىنىش، ئالدىراڭغۇلۇق، ئاسان ئاچچىقلىنىش، غودۇڭشىش سالامەتلىككە زىيانلىق

    ئادەم غەزەپلەنگەندە، قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك ھالدا غەزىپىنى باسالايدۇ، ئاچچىقىنى چىقىرىش كېرەكمۇ ياكى ئامال بار بېسىۋالغان ياخشىمۇ، بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ ھەممىسىنىڭ ناچار تەسىرى بار. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار جورىلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندا ئۆزىنىڭ غەزىپىنى بېسىۋالسا، يۈرەك كېسىلى، سەكتە ياكى راكقا گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

     يىغلاش ناچار كەيپىياتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

   سىز يىغلىغاندا بەدىنىڭىزدىكى ناچار كەيپىيات قويۇپ بېرىلىدۇ. يىغلاش بەدەندىكى بۇرۇقتۇرمىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خىمىيىلىك تەركىبنى يوقىتىشقا پايدىلىق، ئەگەر دائىم چىداپ يىغلىمىغاندا، ئادەم جىددىي ھالەتتە بولۇپ، بەدەن تېخىمۇ ئاسانلا تەشۋىشلىنىش قاتارلىق ناچار كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ