تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالاتاۋ پورتى يەلكەن چىقىرىپ ئىلگىرىلىدى

  ئالدىراشلىق قوينىدىكى ئالاتاۋ ۋوگزالى (8-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  1991-يىل 7-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئالاتاۋ ۋوگزالىدا تۇنجى خەلقئارا يۈك پويىزى قاتنىدى. (شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمى)

تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاڭ    

   شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى، خەۋىرى): 1990-يىلى 6-ئايدا، دۆلەت ئالاتاۋ پورتىنى رەسمىي قۇرۇشنى تەستىقلىدى؛ 1991-يىلى 7-ئايدا، ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتىدا ۋاقىتلىق يۈك ئۆتكۈزۈش باشلاندى؛ 1995-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئالاتاۋ تاشيول پورتى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى؛ 2011-يىلى 5-ئايدا، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن تەسىس قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا ئايلاندى. 2012-يىل 12-ئايدا، گوۋۇيۈەن ئالاتاۋ شەھىرىنى قۇرۇشنى تەستىقلىدى.

      20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئالاتاۋ پورتىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، شۇنداقلا خۇشال قىلىدۇ.

  ھازىر ئالاتاۋ پورتىدا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئۆي ئىچى كونتېينېر ئالماشتۇرۇش قاچىلاش ئامبىرى بار بولۇپ، ئىككى سائەتتىلا بىر نۆۋەتچى پويىزدىكى كونتېينېرلارنى ئالماشتۇرۇپ بولغىلى بولىدۇ، بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 كونتېينېرنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، يىللىق ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى 200 مىڭ ئۆلچەملىك كونتېينېرغا يېتىدۇ.

  ئالاتاۋ پورتى قانال ئىقتىسادىدىن كۆپ مەنبەلىك پورت ئىقتىسادىغا قاراپ مۇۋەپپەقىيەتلىك تىپ ئۆزگەرتىپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇردى. 6-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئالاتاۋ پورتىنىڭ بۇ يىل ئىمپورت-ئېكسپورت مال توشۇش مىقدارى 11 مىليون 668 مىڭ توننا بولۇپ، ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 37 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتتى. جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتناشقا باشلىغاندىن بۇ يىل 6-ئايغا قەدەر، ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 1351، يۈك توشۇش مىقدارى 593 مىڭ 600 توننا، مال قىممىتى تەخمىنەن 7 مىليارد 639 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولدى. ئالاتاۋ پورتى ئېلىمىزدىكى بىردىنبىر تۆمۈر يول، تاشيول، نېفىت تۇرۇبىسىدىن ئىبارەت ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك پورتقا ئايلانغان بولۇپ، غەربىي شىمال رايونىدىكى مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى ئەڭ كۆپ پورت ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى