تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننى ئۆيى دەپ بىلىش قويلارنى ھەمراھ قىلىش

− شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى جۇ يۈەنيوۋ توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى جۇ يۈەنيوۋ پۈتكۈل ھاياتى ۋە يۈرەك قېنىنى شىنجاڭنىڭ بىپايان زېمىنىغا سەرپ قىلىپ، ئوقۇتۇشتا تەلەپچان ۋە ئېھتىياتچان بولۇپ، قېتىرقىنىپ ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى پەن تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

 ئىلمىي ماقالىنى بىپايان زېمىنغا يېزىش

«پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن چاغدىكى ئۈچ ئارزۇنىڭ ھەممىسىگە شىنجاڭ دەپ تولدۇردۇم.» 8- ئاينىڭ 6- كۈنى، شىنجاڭغا كېلىشتىكى دەسلەپكى ئىستىكى ئۈستىدە توختالغاندا، 91 ياشلىق جۇ يۈەنيوۋنىڭ گەپ - سۆزلىرى جانلىق ۋە كۈچلۈك بولدى.

1952- يىلى، جۇ يۈەنيوۋ غەربىي شىمال دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق پەن - تېخنىكا داشۆسىنىڭ چارۋىچىلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۈك ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ 20 نەچچە كۈندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، شىنجاڭ «1 - ئاۋغۇست» يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى (ھازىرقى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى) ھايۋانات ئىلمى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولدى.

چارۋىچىلىققا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى بىلەن، جۇ يۈەنيوۋ چارۋىچىلىق رايونىنى 2- دەرسخانا قىلدى. 1955- يىلىدىن 1957- يىلىغىچە جۇ يۈەنيوۋ بېيجىڭدا ئېچىلغان ئۆي ھايۋانلىرىنى كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈش كۇرسىغا قاتناشتى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىلمىي ماقالىسىنى تەييارلاش ئۈچۈن، ئۇ شىنجاڭ كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسىغا بېرىپ، شۇ تۇرغىنىچە يېرىم يىل تۇردى. جۇ يۈەنيوۋ كۈندۈزى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە قاتنىشىپ، دېھقان - چارۋىچىلار ۋە تېخنىك خادىملاردىن كەمتەرلىك بىلەن تەلىم ئالدى، كەچلىرى پانار چىراغ ئاستىدا خاتىرىسىنى رەتلەپ، ماتېرىياللارنى تەھلىل قىلىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىدى. بۇ يېرىم يىل جۇ يۈەنيوۋ ئۈچۈن ئېيتقاندا قىممەتلىك ھەم ئۇنتۇلغۇسىز بولدى: ئۇ شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويىنىڭ تۆل ئېلىش، قوزىلارنى ئەي قىلىش، مال بېقىش، دورىدا ۋاننىلاش، توپقا ئايرىش قاتارلىق تېخنىكىلىق ماھارەت ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىدى ھەم نەسىل يېتىشتۈرۈشتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى بايقىدى. تەتقىقاتنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەلا سۈپەتلىك شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش جۇ يۈەنيوۋنىڭ كۈرەش نىشانى بولدى.

 نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ يېڭى نەسىل يېتىشتۈرۈش

1954- يىلى شىنجاڭ كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسى ئەسلىدىكى شالغۇت ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي نەسلى ئاساسىدا، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي نەسلى − شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قوي نەسلىنى ياخشىلىشىنى نەسىللىك قوي بىلەن تەمىنلىدى.

شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، جۇ يۈەنيوۋ پەن - تېخنىكا خادىملىرى بىلەن بىللە، نەسىللىك قوي فېرمىسىدىكى قوي پادىسىنى تۈرگە ئايرىدى ھەم تەدرىجىي ھالدا 7000 تۇياقتىن ئارتۇق نەسىللىك قوچقار ۋە ئاساسىي ساغلىقنىڭ ئايرىم كارتىسىنى تۇرغۇزدى، «ھەربىر كارتىنىڭ ھەممىسىدە يۇڭ ئۇزۇنلۇقى، يۇڭ زىچلىقى، يۇڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى قاتارلىق ئون نەچچە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ بار ئىدى، دېمەك، ھەربىر تۇياق قويغا <ئارخىپ> تۇرغۇزۇلغانىدى».

ئىنچىكىلىك بىلەن ئايرىم تاللاپ نەسىللەندۈرۈش ئارقىلىق، كېيىنكى بىرقانچە يىلدا، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويىنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرىدە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۆرلەش بولدى، لېكىن ئەسلىدىكى نەسىلنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، نەسىل ياخشىلاش بوغما ھالەتكە دۇچ كەلدى.

«ياخشى نەسىللىك قوي بولسىلا، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويىنى يېتىشتۈرۈشتە ئاندىن ئۈمىد بولىدۇ.» ئەينى چاغدا، دۇنيا مىقياسىدىكى ئەڭ داڭلىق ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي ئاۋسترالىيەدە ئىدى. 1972- يىلى دۆلىتىمىز ئاۋسترالىيەدىن بىر تۈركۈم ئاۋسترالىيە مېرىنوس قوچقىرىنى كىرگۈزۈپ تەتقىق قىلدى، شىنجاڭغا ئالتە تۇياق تەقسىم قىلىندى، بۇ، جۇ يۈەنيوۋنى بەكلا ھاياجانلاندۇردى، ئۇ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى «ياخشى نەسىللىك ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي يېتىشتۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور تېمىغا ھۇجۇم باشلىدى.

نەسىللىك قوي يېتىشتۈرۈش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، جۇ يۈەنيوۋ ۋە خىزمەتداشلىرى يەرلىكتىكى سۈپىتى ئەڭ ياخشى قوي ۋە ئاۋسترالىيە قويىنى تاللاپ كۆپەيتتى. ھەر كۈنى قايتا - قايتا چېتىشتۇرۇپ نەسىللەندۈرۈش سىنىقى قىلدى، جۇ يۈەنيوۋ شۇ ئىشلىگەنچە 13 يىل ئىشلىدى. باشقىلارنىڭ نەزەرىدە بۇ خىزمەت زېرىكىشلىك بولسىمۇ، ئەمما جۇ يۈەنيوۋ بۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپتى. قايتا - قايتا سىناق قىلىش ئارقىلىق، سەككىز يىلدىن كېيىن 4- ئەۋلاد جۇڭگو مېرىنوس قويى ئاخىر مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈلۈپ، خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىلدا، پەقەت شىنجاڭ كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسىلا نەسىللىك قوينى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق 120 مىليون يۈەنلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتى.

 پۈتۈن ئۆمرىنى شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي تەتقىقاتىغا بېغىشلاش

ئەمەلىيەت داۋامىدا تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويىنىڭ تەرەققىياتىنى جۇ يۈەنيوۋ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى سالغان ئاساستىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

1979- يىلى جۇ يۈەنيوۋ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى يازغان تەخمىنەن 110 مىڭ خەتلىك «شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى» دېگەن كىتاب نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا سېتىلىپ بولدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كەڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، چارۋىچىلار بۇ كىتاب ئارقىلىق ئىنچىكە يۇڭلۇق قوينى بېقىش، باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، ئىنچىكە يۇڭلۇق قوينىڭ نەسلىنى ياخشىلاش قەدىمىنى تېزلەتتى.

قوي نەسلىنى ياخشىلاش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى جەھەتتىكى تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، ئەسلىدىكى دۆلەت پەن - تېخنىكا كومىتېتى، يېزا ئىگىلىك كومىتېتى جۇ يۈەنيوۋغا «قوي نەسلىنى ياخشىلاش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش» مۇكاپاتى بەردى.

ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسى، مەملىكەتلىك 1- ماي ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكۈچى بولۇپ باھالىنىش ... كۆپلىگەن شان - شەرەپلەر ئالدىدا، جۇ يۈەنيوۋنىڭ گەپ - سۆزلىرى ئاددىي ھەم سەمىمىي بولدى: «شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويىنى يېتىشتۈرۈش يولىدا، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋە چارۋىچىلار ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، بۇ، كوللېكتىپ كۈچنىڭ جەۋھىرى».

1952- يىلى شىنجاڭغا كەلگەن جۇ يۈەنيوۋ بۇ تۇپراقتا 67 يىل خىزمەت قىلدى، تۇرمۇش كەچۈردى. تۈركۈم - تۈركۈم ياش تالانت ئىگىلىرى ئۇنىڭ تەربىيەلىشى، يېتەكلىشى بىلەن، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ساھەسىدىكى تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى، پەن باشلامچىلىرى بولۇپ يېتىلدى.

«شىنجاڭدا 67 يىل تۇرمۇش كەچۈردۈم، شىنجاڭدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، شىنجاڭ ماڭا نۇرغۇن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق بەردى، مەن شىنجاڭغا كەلگەنلىكىمدىن قىلچە ئۆكۈنمەيمەن» دېدى جۇ يۈەنيوۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ