تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىگەن «دورا» دوكتورى

−شىنجاڭ تېببىي داشۆسى دورىگەرلىك شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى گاۋ شياۋلى توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يې شياۋمىن

ئۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى دورىگەرلىك ئىلمى دوكتورى ۋە شىنجاڭ دورىگەرلىك ئىلمىنىڭ باشلامچىسى، ئۇ شىنجاڭنىڭ دورا تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى دەپ بىلدى، ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان پەن - تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش چەت ئەل كارخانىلىرى 70 نەچچە يىل مونوپول قىلىپ كەلگەن ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى دورىگەرلىك شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى گاۋ شياۋلى.

2000 - يىلى، شىنجاڭ تېفېڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گاۋ شياۋلى دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش تېمىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى باشلاپ، ئالىي مەكتەپ دەرسخانىسىدىن چارۋىچىلارنىڭ ئات ئېغىلىغا كىرىپ، قەتئىي تەۋرەنمەس، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشتەك ئىرادە بىلەن، قەتئىي بوشاشماي، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىش قىزغىنلىقى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈش يولىنى تېپىپ چىقتى.

2009 - يىلى بىرىككەن ئانىلىق ھورمۇن يۈرۈشلۈكىدىكى بەش دورا دۆلەت ئىچىدە بازارغا سېلىنىپ، 25 دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلىنىپ، كۈنەس ناھىيەسىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى 70 مىليون يۈەن ئاشۇردى.

 ئۈزلۈكسىز يۇقىرىغا ئۆرلەش    تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش

بوغاز بايتالنىڭ بىرىككەن ئانىلىق ھورمۇنى بىلەن ئادەم بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمۇن ئەڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، خىمىيەلىك بىرىكتۈرۈلگەن ئانىلىق ھورمۇن تەڭدىشى يوق خام ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭدا ئات بايلىقىنىڭ مول بولۇشى گاۋ شياۋلىنى ئىشەنچكە تولدۇردى.

2003 - يىلى قىشتا، گاۋ شياۋلى تەتقىقات كوللېكتىپىنى باشلاپ كۈنەس ناھىيەسىدە ئارىلىق سىناق تەتقىقاتىنى قانات يايدۇردى، ئۆرنەك قىلغۇدەك كۆپ تەجرىبە بولمىغاچقا، دۇچ كەلگەن تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەر كەينى - كەينىدىن كۆرۈلدى.

گاۋ شياۋلى مۇنداق دېدى: «بىز شىنجاڭ دورا تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنى، يەنە دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن بىللە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ئورتاق ھۇجۇم قىلدۇق».

دۆلەت سىرتىدىكى بىرىككەن ئانىلىق ھورمۇن دورىلىرىنىڭ دورىشۇناسلىقتىكى تەڭ ئۈنۈملۈكلۈكى ۋە بىيولوگىيەلىك تەڭ ئۈنۈملۈكلۈكىگە يېتىش ئۈچۈن، گاۋ شياۋلى تەتقىقات ئۆمىكى بىلەن 100دىن ئارتۇق رېتسېپنى تاللاش تەجرىبىسى ئارقىلىق ئاندىن تەلەپكە يەتتى.

«ئۆتكەل قانچە قىيىن بولسا، مېنى ھۇجۇم قىلىشقا شۇنچە ئىلھاملاندۇرىدۇ. رىقابەت قانچە كۈچلۈك بولسا، مەن شۇنچە قىزىقىمەن». گاۋ شياۋلى پەن ھالقىغان كىتابلارنى ئوقۇپ، چارۋىچىلىق بىلىملىرى، ئاياللار كېسىلى بىلىملىرى، ئىچكى ئاجراتما بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرنى باسقۇچقا بۆلۈپ بىر - بىرلەپ ھەل قىلدى.

دەل مۇشۇنداق يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان پەن تەتقىقات روھى بولغاچقا، بىرىككەن ئانىلىق ھورمۇن دورىلىرىنى تېخنىكىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا تۈرلۈك مۇھىم، زور بۆسۈشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 2004 - يىلى، بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ باشلامچىلىقىدا، بىرىككەن ئانىلىق ھورمۇن دۆلىتىمىزنىڭ ئون شەھىرىدىكى 19 دوختۇرخانىدا كىلىنىكىلىق كۆزىتىلىپ، ئۇنىڭ چەت ئەلنىڭ ئەسلىي تەتقىقاتىدىكى بىرىككەن ئانىلىق ھورمۇننىڭ داۋالاش ئۈنۈمى بىلەن تەڭ ئۈنۈملۈكلۈكى ئىسپاتلاندى.

«شۇ قىشلىق تەتىلدە، مەن 20 كۈندە ئون شەھەرگە باردىم، ئىچ - ئىچىمدىن ھەم تەشۋىشلىنەتتىم، ھەم خۇشال بولاتتىم، دائىم كېچىسى ئۇخلىيالمايتتىم» دېدى گاۋ شياۋلى.

ئەڭ ئاخىرىدا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بىرىككەن ئانىلىق ھورمۇننىڭ داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئەسلىدىكى دۆلەت يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىپ بازارغا سېلىنىپ، دۆلەت ئىچىدە كىلىنىكىدا كەڭ قوللىنىلدى، كېيىن يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ياۋروپا ئىتتىپاقى، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق رايونلاردىكى 20گە يېقىن دۆلەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سۈپەت سىستېمىسى ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى.

 تاشلاندۇقنى گۆھەرگە ئايلاندۇرۇش    چارۋىچىلارغا ئىلىم - پەننىڭ كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇش

بىرىككەن ئانىلىق ھورمۇن خام ماتېرىيال دورىسىنىڭ سۈپىتىنى كونترول قىلىشتا، ئاتنى ئىلمىي بېقىش ئىنتايىن مۇھىم.

گاۋ شياۋلى پەن تەتقىقات ئەترىتى بىلەن بىللە چارۋىچىلىق رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، چارۋىچىلارنى تەربىيەلەپ، بوغاز بايتاللارنى بېقىش ۋە يىغىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتتى. لاياقەتلىك بوغاز بايتال سۈيدۈكىنىڭ ھەر كىلوگىرامى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش يۈەندىن سېتىۋېلىنىدىغان بولۇپ، كالا سۈتىدىنمۇ قىممەت، نۇرغۇن چارۋىچىلار بوغاز بايتال بېقىش ئارقىلىق بېيىش يولىغا ماڭدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يەنە شۇ جاينىڭ ئاتچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

گاۋ شياۋلى مۇخبىرغا مۇنداق بىر ھېساباتنى قىلىپ بەردى: بىر بوغاز بايتالنى باققاندا، بىر تۇغۇت پەسلىدىكى بوغاز بايتال سۈيدۈكىنى 2000 يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، چارۋىچىلار ئادەتتە ئوندىن ئارتۇق بايتالنى باققاندا، پەقەت بوغاز بايتال سۈيدۈكىدىن ئىبارەت بۇ بىر تۈردىنلا ھەر يىلى 20 مىڭ يۈەن تاپالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىمىز، ئات گۆشى، تاي قاتارلىقلاردىن بىر باقمىچى ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.

 غايىگە سادىق بولۇش    پەن - تېخنىكا نۇرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى يورۇتۇش

ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان 35 يىلدىن بۇيان ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر سائەتلىك دەرسىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمىدى، ھەم پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، گاۋ شياۋلى تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ۋاقىت چىقىرىپ، باشتىن - ئاخىر دەرس مۇنبىرىدە چىڭ تۇردى.

گاۋ شياۋلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھەر خىل قاتلامدىكى، ئوخشاش بولمىغان كەسىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا دورىشۇناسلىقتىن دەرس سۆزلىدى. كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇ مەسئۇل بولغان دورىگەرلىك ئىلمى تەرەققىي قىلىپ ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق پەنگە ئايلاندى، ئۇ بىر يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تېببېي دورا، سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

گاۋ شياۋلى دەرسخانا ئوقۇتۇشى بىلەن پەن تەتقىقاتنى، ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى بىلەن ئوقۇتۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوچۇق شەكىللىك ئوقۇتۇشنى تەشكىللىدى. ئۇ دائىم دەرس ئۆتۈش جەريانىدا دورىگەرلىك پەن تەتقىقات تەپەككۇرى بىلەن ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى. پەن تەتقىقات تەجرىبىخانىسىدا كۆزدىن كەچۈرۈپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقاتنى ئىگىلىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزىقىشىنى كۈچەيتتى. دورىگەرلىك ئىلمىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق دورا ياسالمىلىرى قۇرۇلۇشى تېخنىكا مەركىزىنى قۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشنىڭ بىر مەشغۇلات سۇپىسىنى قۇرۇپ بەردى. بۇ خىل دورا ياسالمىلىرى ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ئوچۇق شەكىلدىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ياخشى ئوقۇتۇش نەتىجە - ئۈنۈمى قولغا كەلتۈرۈلدى.

گاۋ شياۋلى مۇنداق دېدى: «ئوقۇتۇش توختاپ قالمايدۇ، يېڭىلىق يارىتىشمۇ توختاپ قالمايدۇ. ئوقۇتقۇچىلاردا پەقەت كۆپرەك يىراقنى كۆرەرلىك، كۆپرەك مەسئۇلىيەت بولسىلا، ئوقۇتۇش بىلەن پەن تەتقىقاتتا بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بارلىق مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە پەن تەتقىقاتنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا ھەربىر سائەتلىك دەرسنى ياخشى ئۆتۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك».

گاۋ شياۋلى دورىگەرلىك ئىلمى كەسپىدە ئىزچىل جان تىكىپ ئېلىشىپ، ئاجايىپ نەتىجىلەرنى يارىتىشقا تىرىشىش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ پارتىيەگە كىرگەندە بەرگەن قەسىمى ۋە ئەسلىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، پارتىيە بايرىقىغا شەرەپ كەلتۈردى، پارتىيە ئىشلىرىنىڭ شەرىپىنى ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى