تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

كېچىكىپ پەرزەنت كۆرۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

گوللاندىيەدىكى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كېچىكىپ پەرزەنت كۆرۈشنىڭ ئويلىمىغان ئەۋزەللىكلىرى بار ئىكەن.

يېڭى تەتقىقاتنى گوللاندىيەدىكى ئامىستىردام ئەركىن داشۆسى ۋە ئوردىچ داشۆسى قاتارلىق داشۆنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ھەمكارلىشىپ تاماملىغان بولۇپ، تەتقىقات 32 مىڭدىن ئارتۇق بالىغا چېتىشلىق ئىكەن. 10 ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى (ئانىنىڭ تۇغۇت يېشى 16ياشتىن 48 ياشقىچە، ئاتىنىڭ تۇغۇت يېشى 17ياشتىن 68 ياشقىچە) بىلەن ئوقۇتقۇچىلىرى تەكشۈرۈش سوئال-جاۋاب قەغىزى تولدۇرۇپ، كېچىكىپ پەرزەنت كۆرۈش بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەھلىل قىلغان. تەكشۈرۈش قەغىزىدە بالىلاردا ساقلىنىش مۇمكىن بولغان مەسىلە ھەرىكىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئۇ ئىچكى مەسىلە ھەرىكىتى (مەسىلەن: خامۇشلۇق كېسىلى ياكى تەشۋىشلىنىش كېسىلى) ۋە تاشقى مەسىلە ھەرىكىتى(مەسىلەن: باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىش مايىللىقى بار)نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، بىر قەدەر ياش ۋاقىتتىلا بالىلىق بولغان ئاتا–ئانىلارغا سېلىشتۇرغاندا، يېشى چوڭايغاندا پەرزەنتلىك بولغان ئاتا–ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىدە ھەرىكەت مەسىلىسى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى تۆۋەن بولىدىكەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياشقا بىر قەدەر چوڭراق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىقتىسادى تېخىمۇ مۇقىم، بايلىقى تېخىمۇ كۆپ، مائارىپ دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى، بالىلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ سەۋرچان، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ياش ئاتا-ئانىلار تېخىمۇ ئاسان ھاياجانلىنىدىغان بولغاچقا، بالىلار ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئاسان دورىغاندىن سىرت، ئۇلارغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلمەيدىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل