تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەر ـــ قەشقەر

2019- يىلى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى، قەشقەر شەھىرى دۇڭخۇ باغچىسى مەنزىرە بەلبېغى.   (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

20-ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىكى قەشقەر دۇڭخۇ كۆلى. (شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمى)

قەشقەر شەھىرى قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەر، ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم كۆزنىكى، 1952- يىلى شەھەر قىلىپ قۇرۇلغان. قەشقەر شەھىرى 1984- يىلى دۆلەت B دەرىجىلىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن شەھەر، دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، جۇڭگو مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى بولۇپ باھالانغان. قەشقەر شەھىرى «قەشقەرگە بارمىسا، شىنجاڭغا بارغان ھېسابلانمايدۇ» دېگەن گۈزەل نامغا، دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىلى بەرپا قىلىدىغان سۈپەتكە ئىگە.

يېقىنقى يىللاردا، قەشقەر شەھىرى ساياھەت مەركىزىي شەھىرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلىدى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۈمەن دەرياسىنىڭ شەھەر رايونى بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش، كۆكەرتىش ھەمدە يار باغ كۆۋرۈكى، كوزىچى يار بېشى، تۈمەن باغچىسى، دۇڭخۇ باغچىسى قاتارلىقلارنىڭ مەنزىرە قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. يېڭىدىن قوشۇلغان سۇ رايونى 3000 موغا يېقىنلاشتى. تۈمەن دەرياسى، قىزىل دەرياسى، دايالاڭ، شياۋيالاڭ، دۇڭخۇ كۆلى، بېيخۇ كۆلىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ سۇ سىستېمىسى باغچىسى قۇردى. %30.8لىك قۇرۇلغان رايون كۆكەرتىلىش نىسبىتى ۋە %35.63لىك شەھەرنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى قەشقەر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. ھازىرغىچە، قەشقەر شەھىرىدە A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن جەمئىي توققۇزى بار، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر قەدىمىي شەھىرى دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى تەرىپىدىن 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى.

20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىكى قەشقەر شەھىرىنىڭ كوچىلىرى. (شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمى)

20-ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىكى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۆستەڭبويى كوچىسى. (شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمى)

قەشقەر-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى مەنزىرىسى. (ليۇ جۈن فوتوسى)

2013- يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى، تاموژنىغا كىرگەن بىر يۈك ئاپتوموبىلى تورغاتتا ئىنفىرا قىزىل نۇر سىستېمىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈلمەكتە. (شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمى)

2013- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئىشچىلار قەشقەر يۈەنفاڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت پورتى پولات ماتېرىياللارنى دۆۋىلەش مەيدانىدا پولات ماتېرىياللارنى قاچىلىماقتا. يۈەنفاڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت پورتى مەركىزى تۈرىدە دۆۋىلەش مەيدانى ھەم نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئامبىرى، ئۇچۇر مەركىزى، كۆرگەزمە زالى ۋە دۇكان بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، خېرىدارلار ئەشيا ئوبوروتى، ساقلاش ۋە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. (شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمى)

ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى قەشقەر كونا شەھەر رايونىنىڭ مەنزىرىسى. (2017- يىلى 7- ئاينىڭ 16- كۈنى تارتىلغان) (شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمى)

قەشقەرنىڭ ساپال بۇيۇملىرى. (شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمى)

قەشقەرنىڭ ساپال بۇيۇملىرى. (شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمى)

2017- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنى، قونجىراپ تاموژنىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى ماددىي ئەشيالىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزمەكتە. (شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمى)

2017- يىلى 7- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى قەشقەر كونا شەھەر رايونىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى. (شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمى)

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى. (ۋۇ يۇڭ فوتوسى)

2018- يىلى 8- ئاينىڭ 20 -كۈنى، قەشقەر ۋوگزالىدا، يەكەن، مەكىت قاتارلىق ناھىيە-شەھەرلەرنىڭ كەسپىي مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى خۇنەن چاڭشاغا بېرىپ پىراكتىكا قىلىش، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئۈچۈن پويىزغا چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. (شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمى)

2019- يىلى 8- ئاينىڭ 4- كۈنى، قەشقەر شەھىرى دۇڭخۇ مەنزىرە رايونى. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

2017- يىلى 5- ئاينىڭ 20-كۈنى، قەشقەر تاموژنىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى قەشقەر ئايرودۇرۇمىدا ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنغان ماللارنى تەكشۈرمەكتە. (جۇ مىڭجۈن فوتوسى)

2019- يىلى 7- ئاينىڭ 21- كۈنى، تومۇز ئىسسىقتا، قەشقەر ساياھەتچىلىكنىڭ بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا تاماشا قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

2019- يىلى 8- ئاينىڭ 4- كۈنى، قەشقەر شەھىرى دۇڭخۇ باغچىسىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)
«新疆日报摄影»دىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى