تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېنېرگىيە جاۋاب قەغىزىنى جاسارەت بىلەن پۈتمەكتە

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

بۇ يىل جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتى تارىم ئويمانلىقىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش - ئېچىشنىڭ بەشىنچى ئون يىلىغا قەدەم قويدى. 8- ئاينىڭ 13- كۈنى غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتىنىڭ ئاساسلىق رايون بۆلىكىدىكى تارىم دەرياسى نېفىتلىكىنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى جەمئىي 100 مىليون توننىنى بۆسۈپ ئۆتتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، نېفىتچىلار «مەن ۋەتەنگە نېفىت تەقدىم قىلىمەن» دېگەن ئۇلۇغۋار ئىرادە بىلەن، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە ئارقا - ئارقىدىن مۆجىزە يارىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئاجايىپ تۆھپىلەرنى قوشتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار غەربىي رايون ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيە بازىسى قۇرۇش نىشانىنى كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېنېرگىيە جاۋاب قەغىزىنى جاسارەت بىلەن پۈتمەكتە.

 باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

8- ئاينىڭ 23- كۈنى، غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتى نېفىت ئېلىش 2- زاۋۇتىنىڭ TK694 قۇدۇقىدا، تېخنىك خادىم زۇ گوجۈن ھەمراھى بىلەن سۇيۇق نېفىت ئارىلاشتۇرۇش ئىشلەپچىقىرىشى قىلىۋاتقان قومۇرۇلما قۇراشتۇرۇش تىپىدىكى تولۇق ئاپتوماتىك سۇيۇق نېفىت ئارىلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى. «ئازوت گازى كىرگۈزۈش، سۇ كىرگۈزۈش تەدبىرلىرىدىن كېيىن نېفىت قۇدۇقىنىڭ يۇقىرى بېسىمىنى ئاشۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىۋاتقاندا سىستېمىغا كىرەلمەسلىك مەسىلىلىرىگە قارىتا، بىز كۆچمە سىگنالنى يىراقتىن كونترول قىلىش ئارقىلىق، <ئەقلىي ئىقتىدارلىق راۋانلاشتۇرۇلغان> يۇقىرى بېسىملىق ئاپتوماتلاشقان سۇيۇق نېفىت ئارىلاشتۇرۇش تەرتىپ پىروگراممىسىنى تۈزۈپ، كۈنىگە 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن تەننەرخنى تېجەپ قالدۇق» دېدى زۇ گوجۈن.

پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىشتەك جاسارەت ۋە ئىزدىنىش روھى بىلەن نېفىت، تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش - ئېچىش داۋامىدا دۇچ كەلگەن توسالغۇلارنى ئۈزلۈكسىز يېڭىش غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتىنى قىيىنچىلىقنى يېڭىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەتتى.

نېفىت ئېلىش 2- زاۋۇتى غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتىنىڭ قويۇق نېفىت قېزىشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى بولۇپ، 700دىن ئارتۇق نېفىت قۇدۇقى بار، %90تىن ئارتۇق نېفىت قۇدۇقىنىڭ ھەممىسىدە سۇيۇق نېفىت ئارىلاشتۇرۇش ئىشلەپچىقىرىشى ئېلىپ بېرىلىدۇ. يېقىندا، نېفىت ئېلىش 2- زاۋۇتى خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتا جەمئىي 50 مىليون توننىلىق چوڭ ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىن ئادەتتىن تاشقىرى قويۇق نېفىت ئېلىشتەك مۇقىم سانائەت ئېچىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىكى ئادەتتىن تاشقىرى قويۇق نېفىت زاپىسىنى ئېچىشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتى نېفىت، تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈشتە ئارقا - ئارقىدىن بىر قاتار زور بۆسۈشكە ئېرىشتى، «ھالاكەت دېڭىزى»دا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تارىم دەرياسى نېفىتلىكى، شۈنبېي نېفىتلىكى - گازلىقىدىن ئىبارەت ئىككى 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك كاربوناتلىق نېفىتلىك، گازلىقنى بايقىدى، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قەدىمىي ھايات ئېراسى دېڭىز فاتسىيەسىدىكى كاربوناتلىق تاغ جىنسلىرى يېرىق ئۆڭكۈرى تىپىدىكى نېفىتلىك، گازلىق بەرپا قىلدى، دۆلەتكە جەمئىي 100 مىليون توننىدىن ئارتۇق خام نېفىت، 24 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز تەقدىم قىلدى.

2017 - يىلى، غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتى نېفىتلىك كارخانىلىرى ئىچىدە ئالدى بىلەن «قەھرىتان قىش مەزگىلى»دىن قۇتۇلۇپ، تىجارەت پايدىسىدا زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2018- يىلى، قىدىرىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى سىجىل زورىيىپ، تىجارەت پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئاشتى؛ پايدا - زىيان تەڭپۇڭلىشىپ، نېفىت باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 دوللار تۆۋەنلەپ، تارىختىكى يېڭى تۆۋەن نۇقتا يارىتىلدى؛ شۈنبېي نېفىتلىكى، گازلىقىدا 700 مىڭ توننىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بازا قۇرۇلدى، تارىم دەرياسى نېفىتلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ تەبىئىي كېمىيىش نىسبىتىدە تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلدى.

 ئومۇميۈزلۈك تىپىنى ئۆزگەرتىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق نېفىتلىككە قەدەم قويۇش

بۇنداق قاقاس، چەت قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىنىڭ ئىككى تۈرلۈك 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتى ۋۇجۇدقا كېلىپ، نېفىتلىكنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش - ئېچىشتىكى دۇنياۋى دەرىجىلىك قىيىن مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى كىممۇ تەسەۋۋۇر قىلالىسۇن؟

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمىي ھايات ئېراسى دېڭىز فاتسىيەسىدىكى كاربوناتلىق تاغ جىنسلىرىنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسى ھاسىل قىلىش نەزەرىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇردى، مۇكەممەللەشتۈردى، يېرىق ئۆڭكۈرى تىپىدىكى نېفىت زاپىسىنى ئېچىش نەزەرىيەسىنى بەرپا قىلىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كاربوناتلىق تاغ جىنسلىرى يېرىق ئۆڭكۈرى تىپىدىكى نېفىت زاپىسىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش - ئېچىشتىكى بىر يۈرۈش يادرولۇق تېخنىكىنى شەكىللەندۈردى. 2010- يىلى، 2014- يىلى غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتى دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بويىچە ئىككى قېتىم 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 2016- يىلىدىن بۇيان، غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتى شۈنبېي يېڭى رايونىدا نېفىت، تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈشتە مۇھىم، زور سودا بايقىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۈزۈلمە قاتلامدا كونترول قىلغىلى بولىدىغان زاپاس شەكىللىنىش نەزەرىيەسىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى.

ماشىنىلارنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى ئىچىدە، قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك تەركىبىدە نېفىت بار لاي - لاتقىلاردىن قىزىتىپ پارچىلاش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق نېفىت ئايرىپ چىقىلماقتا، پاكىز لاي كېيىن يول ياساشتىكى ئۇل توپا قىلىنىپ، نېفىتلىكنىڭ قۇدۇق مەيدانىدىكى يوللارنى تۈزلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. 8- ئاينىڭ 23- كۈنى، مۇخبىر غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتىنىڭ چىلانغان لاي توپىنى قىزىتىپ پارچىلاپ بىر تەرەپ قىلىش تۈرى نەق مەيدانىغا كەلدى. نېفىتلىك قۇرۇلۇشى مۇلازىمەت مەركىزى مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بىخەتەرلىك خادىمى گۇەن جۈن 500 مىللىلىتىرلىق بىر بوتۇلكا خام نېفىتنى ئېلىپ مۇنداق دېدى: «پەقەت 40 مىنۇتتىلا، بىز چىلانغان لاي توپىدىن خام نېفىت ئايرىپ چىقىپ، بىر يىلدا 2000 توننا خام نېفىتنى يىغىۋالالايمىز».

غەربىي شىمال نېفىتلىكىدە، مەيلى شىنجاڭدىكى تۇنجى يۈرۈش قىزىتىپ پارچىلاش ئۈسكۈنىسى بولسۇن ياكى مۇستەقىل، ئاپتوماتىك ھالدا تىرانسفورموتور پونكىتىدىكى بارلىق چارلاش ۋەزىپىسىنى تاماملىيالايدىغان «ئۆتكۈر كۆز» ماشىنا ئادەم بولسۇن، ھەمدە توپلام ۋەزىپە زەنجىرىنى ئاپتوماتىك ئايلاندۇرۇش، ئاپتوموبىللارنى ئاپتوماتىك جىڭلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن ئادەمسىز جىڭلاش دىجورنىخانىسى بولسۇن... ھەممىسى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇراتتى. ئەمەلىيەتتە، بۈگۈنكى غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتى ئومۇميۈزلۈك ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشقا قاراپ تىپنى ئۆزگەرتىپ، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىغا تايىنىپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئاپتوماتلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق نېفىتلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

 تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن پايدا خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى

8- ئاينىڭ ئاخىرىدا، غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتىنىڭ چياۋگۇ پونكىتىدىن كۇچا ناھىيەسىگىچە بولغان خاۋتەي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، 3- تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ يىل ئاخىرىدا تاماملىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. شۇ چاغدا، چياۋگۇ رايون بۆلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرەلەيدۇ، بۇ، تېخىمۇ كۆپ تەبىئىي گازنىڭ شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

چياۋگۇ گاز يىغىش، بىر تەرەپ قىلىش پونكىتى ئىككى قېتىم كېڭەيتىلىپ قۇرۇلۇش ئارقىلىق، CNG (پىرېسلانغان تەبىئىي گاز)نىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارى 80 مىليون كۇب مېتىردىن ئېشىپ، جۇڭگو نېفىت خىمىيەسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۆزگىچە CNG قاچىلايدىغان يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش بازىسىغا ئايلاندى.

غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش بازىسىنى قۇرۇشى تېز تەرەققىيات جەريانىدا، كارخانا تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ يەرلىكنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان نۇرغۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى بولىدۇ. 2003- يىلىدىن بۇيان، غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتى يۇقىرىغا تاپشۇرغان تۈرلۈك باج - ھەق جەمئىي 14 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىگە سېلىنغان تۈرلۈك مەبلەغ 600 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

«شىنجاڭ نېفىتىنى شىنجاڭدا ئايرىش، شىنجاڭنىڭ گازىنى شىنجاڭغا ئىشلىتىش»تە چىڭ تۇرۇپ، بايلىقتىن ئۆز يېرىدە پايدىلىنىش ئارقىلىق شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. «12- بەش يىل»دىن ھازىرغىچە، غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتىنىڭ يەرلىكنى خام نېفىت بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 30 مىليون توننىغا يەتتى، خام نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلغان يەرلىكتىكى كەسىپ ئىستېمالچىلىرى ئوندىن ئاشتى؛ يەرلىكنى 4 مىليارد 600 مىليون كۇب مېتىر گاز بىلەن تەمىنلەپ، سېتىش مىقدارىنىڭ ئالتە ئۈلۈشتىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. «12- بەش يىل»دىن بۇيان، نېفىتلىك شىركىتى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق 220دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى، بۇ، شۇ قاراردا قوبۇل قىلىنغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %72ىنى ئىگىلىدى، يەرلىكنى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تەمىنلىدى.

«غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتى ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان <نېفىت شىركىتى> قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى.» غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ليۇ باۋزېڭ مۇنداق دېدى: «2018- يىلىدىن 2023- يىلىغىچە، غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، 10 مىليون توننا دەرىجىلىك چوڭ نېفىتلىك - گازلىقنى قۇرۇپ چىقىدۇ. 2035- يىلىدىن ئىلگىرى، <نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 10 مىليون توننىغا، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 10 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈش> نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە چوڭ نېفىتلىكلەر قاتارىغا كىرىدۇ. مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى غەربىي قىسىم بايلىق ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئورنىنى ئېلىشنى تاماملاپ، دۇنيا نېفىت كەسپى ۋە <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەردە مۇھىم تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ