تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

كورلىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى مەدەنىيلىك داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندى

تەشكىللىك بولۇش، كەسىپلىشىش، تۈرلىشىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى

كورلىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى مەدەنىيلىك داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شېن ياپىڭ، شۈ چىڭگۇاڭ، ۋاڭ يۈجاۋ خەۋەر قىلىدۇ: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن يازلىق تەتىلدە، بىرتۈرلۈك «قىز بالىلارنى قوغداش» ناملىق پىدائىيلار مۇلازىمەت تۈرى كورلا شەھىرى ھەم ئەتراپتىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۈن - تىنسىز قانات يايدۇرۇلدى. مەخسۇس تەربىيەلەنگەن پىدائىيلار جانلىق، تېتىك، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلگەن نەق مەيدان ئوقۇتۇشى ئارقىلىق، ئەتراپلىق، چوڭقۇر ئىللىقلىق، غەمخورلۇقنى بالىلار ۋە ئاتا - ئانىلارغا يەتكۈزدى.

بۇ يىل كورلا شەھەرلىك ئىللىق قۇياش نۇرى جەمئىيەت خىزمىتى مۇلازىمەت مەركىزى بۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇرغان ئىككىنچى يىل. بۇ مەركەزنىڭ مەسئۇلى لى شياۋخۇڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «قىز بالىلارنى قوغداش» تۈرى جۇڭگو ئۆسمۈرلەر - بالىلار مەدەنىيەت - سەنئەت فوندى جەمئىيىتىدىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ھازىر كورلا شەھىرىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتى.

«كورلا شەھىرىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتى تەشكىللىك بولۇش، كەسىپلىشىش، تۈرلىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، دەۋر يېڭى ئىستىلىنى تارقىتىدىغان، توغرا جەمئىيەت كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان مەدەنىيلىك داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندى» دېدى كورلا شەھەرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ شياۋجۈەن مۇخبىرلارغا.

كورلا شەھىرى ئۇدا تۆت نۆۋەت مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بولدى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى بۇ شەھەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر مۇھىم تۇتقا. بۇ يىللاردا، كورلا شەھىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ھازىر شەھەرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى، شەھەرلىك پىدائىيلار مۇلازىمىتى جەمئىيىتى، مەھەللە پىدائىيلار مۇلازىمەت پونكىتى، ھەرقايسى ساھە، ئورۇنلارنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى، جەمئىيەت پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان باشقۇرۇشى قېلىپلاشقان، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، مۇلازىمىتى مۇكەممەل بولغان تەشكىلىي سىستېما شەكىللەندى. ھازىر، پۈتۈن شەھەر بويىچە تىزىملانغان پىدائىي 62 مىڭغا يېتىپ، دائىملىق نوپۇسنىڭ %12ىنى ئىگىلىدى.

بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 4- كۈنى، دۆلەت پىسخىكا ساغلاملىقى مەسلىھەتچىسى، كورلا شەھەرلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسى پىدائىيلىرىدىن تەركىب تاپقان كورلا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پىسخىكا ساغلاملىقى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇلدى، بۇ كورلا شەھىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىنىڭ كەسىپلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى.

«ئىلگىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى تىلغا ئېلىنسا، بۇ <كونا ئۈچ تۈر>: تازىلىق قىلىش، خالىس چاچ ياساش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش ئىدى. دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە سۈپىتىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستى.» ياڭ شياۋجۈەن مۇنداق دېدى: شەھەرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى ئىچكىرى رايونلارغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللەش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرۇش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. پىسخىكا ساغلاملىقى، قانۇن مۇلازىمىتى، داۋالاش - سەھىيە، مەھەللە مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسپىي ئالاھىدىلىككە ئىگە نۇرغۇن پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىغا ئىنكاس قايتۇردى.

«قىز بالىلارنى قوغداش»قا ئوخشاش پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى تۈرلەشتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈش كورلا شەھىرىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشىنىڭ بىر مۇھىم يولى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەتئىي بوشاشماي تۈر يېتىلدۈرۈش ۋە كىرگۈزۈش ئارقىلىق، پۈتۈن شەھەر بويىچە دائىملاشتۇرۇلۇپ يۈرۈشتۈرۈلگەن پىدائىيلار مۇلازىمەت تۈرى 40تىن ئېشىپ، قاراتمىلىقى ۋە مۇلازىمەتچانلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەمالارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان «سىز مېنىڭ كۆزۈم − قەلب كۆزى كىنوخانىسى پىدائىيلار مۇلازىمەت تۈرى»، ياشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن «دىراما ھېكايىسى − كىشىلىك ھايات تەسۋىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت تۈرى» قاتارلىق مۇنەۋۋەر تۈرلەر يەنە پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقىلەردە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.

تەشكىللىك بولۇش، كەسىپلىشىش، تۈرلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى كورلا شەھىرى ئاھالىلىرى تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپلا قالماي، يەنە پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى، بۇ كورلىنىڭ مەدەنىي شەھەر ۋىۋىسكىسىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرغۇسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى