تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆكتات سېتىۋېلىش ئارقىسىدىكى تەرەققىيات لوگىكىسى

− پۈتۈن شىنجاڭدا تۇنجى مېۋە - كۆكتاتلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېتىش بوتكىسى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يې شياۋمىن

8- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ياڭزىجياڭ يولى شەرقىي مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى خې يۈلەن مېۋە - كۆكتاتلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاللا سېتىش بوتكىسىغا كىرىپ، يان تېلېفوننى ئېلىپ كودنى سىكاننېرلاپ تىزىملىتىپ، ئاندىن يەنە كودنى سىكاننېرلىغانىدى، يېڭى پېتى ساقلاش ئىشكاپىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى. ئۇ بىر شوخلا، ئىككى لازا ۋە بىر كاللەك خۇاسەي ئالدى، ئىشكاپنىڭ ئىشىكىنى ئېتىۋېدى، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا پۇل تۇتتى.

«ئىشىك ئالدىدىكى مېۋە - كۆكتاتلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاللا سېتىش بوتكىسى ئۆيىمىزدىكى توڭلاتقۇغا ئوخشايدۇ، قايسى خىل كۆكتاتنى يېگۈم كەلسە، قانچىلىك ئالغۇم كەلسە، خالىغانچە تاللايمەن، بەك قولايلىق» دېدى خې يۈلەن خۇشال ھالدا.

8- ئاينىڭ 8- كۈنى بۇ مېۋە - كۆكتاتلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاللا سېتىش بوتكىسى «ئىش»قا كىرىشكەندىن كېيىن، مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات سېتىۋېلىش ئۇسۇلىدا ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىش بولدى.

 خوتەننىڭ ئېكولوگىيەلىك مېۋە - كۆكتاتلىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ دىيالوگى

سېتىش بوتكىسىنىڭ بىر ئۇچى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆكتات ئېتىزىغا، بىر ئۇچى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە تۇتىشىدۇ.

8- ئاينىڭ 29- كۈنى، مۇخبىر 15 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان مېۋە - كۆكتاتلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاللا سېتىش بوتكىسىغا كىرىپ، 20 نەچچە خىل كۆكتات قويۇلغان يېڭى پېتى ساقلاش ئىشكاپىنى كۆردى، ھەرخىل كۆكتاتلار رەتلىك، تەرتىپلىك ھالدا ئوخشاش بولمىغان تارتمىلارغا تىزىلغانىدى. كۆكتات سېتىۋالغاندا كودنى سىكاننېرلىسىلا ئىشكاپنىڭ ئىشىكى ئېچىلاتتى، كۆكتاتنى تاللاپ ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىشىكنى ياپقان ھامان سىستېما ئاپتوماتىك ھېسابات قىلاتتى.

بۇ مىكرو ئېغىرلىق ھېسابلاش ئالاقە تورى تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، كۆكتات ساتقاندا، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا ئېغىرلىق ئۆلچىيەلەيدۇ. شىنجاڭ «تيەنتيەنشيەن» سودا چەكلىك شىركىتى بازار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى چېن لىنجياڭ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە دەل جايىدا مىقدار، ئېغىرلىق ئۆلچەيدىغان، ساتقۇچىسىز مېۋە - كۆكتاتلارنى سېتىش بوتكىسىدىن ھازىر مۇشۇ بىرسىلا بار.

سېتىش بوتكىسىنىڭ سىرتىغا «سايباغ رايونىنىڭ كېرىيەگە نىشانلىق ياردەم بېرىش كۆكتات بازىسىنىڭ بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى. ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ماۋ يۈەنمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، سايباغ رايونى كېرىيە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىش تورىنى قۇردى.

چېن لىنجياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ كېرىيەدە 31 مىڭ مولۇق كۆكتات تېرىقچىلىق بازىسى بار، يىلىغا 50 مىڭ توننىدىن 80مىڭ توننىغىچە ھەر خىل كۆكتات ئىشلەپچىقىرىدۇ، ھەر كۈنى 20 توننا كۆكتات كېرىيەدىن مەخسۇس توشۇش ئاپتوموبىلى ئارقىلىق شىركەتنىڭ ئايرىش مەركىزىگە توشۇلىدۇ، تاللاش، باغلاش، بۆلۈپ قاچىلاپ خالتىغا سېلىش ئارقىلىق بىر قىسىم كۆكتاتلار مېۋە، كۆكتاتلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاللا سېتىش بوتكىسىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

مېۋە، كۆكتاتلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاللا سېتىش بوتكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى مېۋە، كۆكتاتلارنى ئاھالىلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىگە يەتكۈزۈشتىكى ئوتتۇرا ھالقىنى ئۈنۈملۈك ئازايتتى، ھەر خىل كۆكتات ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسى بويىچە سېتىلىپ، تەننەرخى ۋە سېتىلىش باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى.

 كۆكتات سېتىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇش

8- ئاينىڭ 28- كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبەبازار بازىرىدا، دېھقانلار ئېتىزلىقتىكى پىيازنى تېڭىپ، ئېتىز بېشىدىكى سوغۇق، يېڭى پېتى ساقلاش ئاپتوموبىلىغا توشۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. لىق كۆكتات قاچىلانغان سوغۇق، يېڭى پېتى ساقلاش ئاپتوموبىلى قۇملۇق تاشيولىنى كېسىپ ئۆتۈپ، 1500 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، 8- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 5تە ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ تيەنتيەنشيەن سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئايرىش مەركىزىگە يېتىپ كەلدى. سائەت 6 لەردە، تەقسىملەپ بەرگۈچى كاڭ خۇڭئەن بىر قىسىم كۆكتاتلارنى دەرھال تەقسىملەش ئاپتوموبىلىغا قاچىلاپ، سائەت 7دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە مېۋە،كۆكتاتلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاللا سېتىش بوتكىسىغا ئاپىرىپ بەردى.

بازىدىن مەھەللىدىكى سېتىش بوتكىسىغىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىدە سوغۇق پېتى توشۇلۇپ، كۆكتاتلارنىڭ يېڭى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

«بىز سىستېما ئۆلچىگەن سېتىش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، كۆكتات باھاسىنى ۋاقىتقا بۆلۈپ چۈشۈرۈپ، سېتىشنى تېزلىتىمىز.» چېن لىنجياڭ مۇنداق دېدى: ئاھالىلەر ئۆزىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئاساسەن كۆكتات تاللايدىغان بولغاچقا، كېيىنكىلەر تاللىغان كۆكتاتلارنىڭ سۈپىتىدە ئازراق تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا، باھانى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىستېمالغا تەسىر كۆرسىتىمىز، بۇنداق قىلىش كۆكتاتلارنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىنى تۆۋەنلىتىشتە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولدى.

سېتىش بوتكىسى ھەر كۈنى تەخمىنەن 400 كىلوگىرام كۆكتات ۋە مېۋە بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، سېتىش سوممىسى 1000 يۈەندىن كۆپرەك بولىدۇ. «20 نەچچە كۈن سېتىش ئارقىلىق، كۆكتات باھاسىدا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %50 ئېتىبار قىلىنىپ، كۆكتاتنىڭ كۈندىلىك زايە بولۇش مىقدارى %2تىن %3كىچە كونترول قىلىندى» دېدى چېن لىنجياڭ.

مېۋە، كۆكتاتلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاللا سېتىش سىستېمىسىنىڭ ئارقا سۇپا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياڭزىجياڭ يولى شەرقىي مەھەللىسىدە تەخمىنەن 1500 ئائىلىلىك بار ئىكەن، نۆۋەتتە ئىككى ئۆلچەملىك كود ئارقىلىق كۆكتاتلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاللا سېتىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك رويخەتكە ئالدۇرغان خېرىدار 945كە، ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىدىغان خېرىدار 200دىن 300 كىشىگىچە، كۆكتات ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ يېشى 30 ياشتىن 70 ياشقىچە، مېۋە ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ يېشى 20 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان.

 چوڭ سانلىق مەلۇمات مېۋە، كۆكتاتلارنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى ئىنتايىن ئېنىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ

«بىز بەزىلەرنىڭ بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا ئالتە قېتىم كۆكتات سېتىۋالغانلىقىنى، لېكىن مىقدارىنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى بايقىدۇق. بىز تەھلىل قىلىپ، بۇ خېرىدارنىڭ نېمە يېگۈسى كەلسە شۇنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى، قانچىلىك يېسە شۇنچىلىك سېتىۋالىدىغانلىقىنى، ھەقىقىي يېڭى پېتى يەيدىغانلىقىنى بىلدۇق» دېدى چېن لىنجياڭ.

ئاھالە ساۋ يۈفېي مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ھەر قېتىم تاللا بازىرىغا بېرىپ كۆكتات سېتىۋالغاندا، بىر ھەپتىلىك يەيدىغان كۆكتاتنى سېتىۋېلىپ توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلاپ يېيىشكە توغرا كېلەتتى، دائىم يەپ بولالماي بۇزۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇراتتى. ھازىر ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندا سېتىش بوتكىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتىمەن، شۇ كۈنى يېيىشكە يېتەرلىكىنى سېتىۋالساملا بولىدۇ».

چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ، چېن لىنجياڭ مەھەللىدىكى 70 ياشتىن 90 ياشقىچە بولغان ياشانغانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بايقىدى، بۇ بىر قىسىم كىشىلەر توپىنىڭ سېتىش بوتكىسى ئارقىلىق كۆكتات سېتىۋېلىشىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ «كارتا سىيرىش.» چېن لىنجياڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ئۈچۈن كېيىنكى مەزگىلدە كۆكتاتلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاللا سېتىش بوتكىسىدا كارتا سىيرىش ئىقتىدارىنى كۆپەيتىمىز، ياشانغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بىلەن كۆكتات سېتىۋېلىش كارتىسىغا قىممەت تولۇقلاپ بەرسە بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا كۆكتات سېتىۋالىدىغان كىشىلەر توپىنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش ئارقىلىق، مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىنى تولۇق ئىگىلىگەندىن كېيىن، مېۋە، كۆكتاتلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاللا سېتىش سىستېمىسى بۇ ئولتۇراق رايوننى ئېھتىياجلىق كۆكتاتلار بىلەن تېخىمۇ دەل، ئېنىق تەمىنلەيدۇ.

 ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىغا كىرىشى ئېلىپ كەلگەن ئىلھام

ماۋ يۈەنمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېۋە، كۆكتاتلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاللا سېتىش بوتكىسى كېرىيەگە ياردەم بېرىش - يۆلەش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇمۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى. مېۋە، كۆكتاتلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاللا سېتىش بوتكىسى ئەمەلىيەتتە ئېغىرلىقنى دەل، توغرا ئۆلچەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشىنىسى بولۇپ، بۇ خىل پۈتۈنلەي يېڭىچە پارچە سېتىش سودا شەكلى يەنە 24 سائەت تىجارەت قىلىدىغان مىكرو تاللا بازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ھازىر، ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشىنىسى ساھەسى بىلەن ئالاقە تورىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىمۇ كۈنسېرى كۆپ خىللىشىۋاتىدۇ. چېن لىنجياڭ مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋى ئىگىلىك، بىرلەشمە تور ئىگىلىكى، كۆچمە ئالاقە تورى ئىگىلىكى، ھەمبەھرە ئىگىلىكىدىن كېيىن، يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن پارچە سېتىشتا ئالاقە تورى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش كىشىلەرنى ئەقلىي ئىقتىدار دەۋرىگە باشلاپ كىرىپ، خەلققە قولاي بولۇش، خەلققە پايدا يەتكۈزۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ھېس قىلىش داۋامىدىكى بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈردى.

«بۇ، ئالاقە تورى + خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتتىكى بىر تۈرلۈك ئىجادىي قوللىنىش، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ئىش تەقسىماتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشتىكى ئىجادىي تەدبىر.» ماۋ يۈەنمىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، مېۋە، كۆكتاتلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاللا سېتىش بوتكىسى ئىستېمالچىلارنىڭ نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشىنىسىنى IP خۇسۇسىيىتىگە ئىگە مەھەللىدىكى پىرىكازچىكسىز يېڭى پېتى مال سېتىش دۇكىنىغا ئۆزگەرتتى. كەلگۈسى ئىككى يىل ئىچىدە، سايباغ رايونى مەھەللىلەردە مېۋە، كۆكتاتلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاللا سېتىش بوتكىسىدىن 200 نى تەسىس قىلىپ، سەرخىل «پىرىكازچىكسىز كۆكتات بازىرى» بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى