تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

خوتەن كەلكۈننى باشلاپ سۇغىرىپ مىليون مو توغراقلىقنىڭ «ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇردى»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شۈ بو، رېن جياڭ، ياۋ گاڭ، جاۋ يۆ، جوۋ پېڭ خەۋەر قىلىدۇ: قۇم بارخانىلىرى ئارىسىدا توساتتىن بىر دەريا پەيدا بولۇپ، يىلاندەك سوزۇلۇپ يىراقلارغا قاراپ ئاقتى. بۇ يەر لوپ ناھىيە بازىرىغا 60 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان بوستانلىقنىڭ گىرۋىكى بولۇپ، «دەريا يولى» كەلكۈننى باشلاپ توغراقلارنى سۇغىرىدىغان كەلكۈن باشلاش ئۆستىڭى ئىدى. كەلكۈن يىغىلىپ ھاسىل بولغان «كۆل بويى»دا، تۇتاش كەتكەن توغراقلىق مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، بۈك - باراقسان ئىدى، سۇ قۇشلىرى سۇ يۈزىدە ئۇچۇپ يۈرۈشەتتى. يېقىنلا جايدا، پايانسىز ساپسېرىق قۇم سوزۇلۇپ ياتقان بولۇپ، ھەممە يەردە قۇرۇپ كەتكەن توغراقلاردىن شەكىللەنگەن ئېگىز قۇم دۆۋىلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. بۇ، 8- ئاينىڭ 19- كۈنى، مۇخبىرلار لوپ ناھىيەسىدىكى ھاڭگىيا دارۋان دۆلەت دەرىجىلىك ئاممىۋى مەنپەئەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش - قوغداش پونكىتى ئەتراپىدىكى توغراقلىقتا كۆرگەن مەنزىرە.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز يۇرۇڭقاش دەرياسى، قاراقاش دەرياسىغا كەلكۈن كەلگەن پەيتتىن پايدىلىنىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كەلكۈن توسۇش توسمىسى ياساش، كەلكۈن باشلاش ئۆستىڭى چېپىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ توغراقلىقنى سۇغاردۇق، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق. يېقىنقى ئىككى يىلدا، خوتەن ۋىلايىتى كەلكۈننى باشلاپ سۇغارغان توغراقلىق كۆلىمى 1 مىليون مودىن ئاشتى» دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن باۋجۈن تونۇشتۇرۇپ.

بۇ يىل، خوتەن ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى تارىم دەرياسى ئېقىن رايونى خوتەن باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، تارىم دەرياسى ئېقىن رايونى توغراقلىق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى قوزغىتىپ يولغا قويۇپ، خوتەن دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان يۇرۇڭقاش دەرياسى، قاراقاش دەرياسىغا كەلكۈن كەلگەن مەزگىلدىن پايدىلىنىپ، ئېقىن رايونىدىكى سۇ كەمچىل توغراقلىققا سۇ باشلاپ، كەڭ كەتكەن توغراقلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا رايون ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

«بىز 8- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن تارتىپ كەلكۈننى باشلاپ سۇغاردۇق، ھازىر ئۈنۈمى ناھايىتى روشەن بولدى» دېدى لوپ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى توغراقلىق باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى ئىمىنتوختى مەمتىمىن تونۇشتۇرۇپ. لوپ ناھىيەسىدىكى ھاڭگىيا دارۋان دۆلەت دەرىجىلىك ئاممىۋى مەنپەئەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش - قوغداش پونكىتى باشقۇرۇپ، قوغداپ كېلىۋاتقان كۆپ جايدىكى توغراقلىقتا، كەلكۈن سۈيى دەرەخلىكتىن ئېقىپ ئۆتكەنىدى؛ بۇلتۇر كەلكۈن باشلاپ سۇغىرىدىغان كەلكۈن باشلاش ئۆستىڭىنىڭ ئەتراپىدىكى توغراق، يۇلغۇنلار بۈك - باراقسان ئۆستى، بۇلتۇر كەلكۈندىن پايدىلىنىپ يېتىشتۈرۈلگەن يۇلغۇن كۆچەتلىرى ھازىر ئادەمنىڭ تىزىغىچە ئۆستى.

بۇ يىل، لوپ ناھىيەسى كەلكۈننى باشلاپ 55 مىڭ مودىن ئارتۇق توغراقلىقنى سۇغىرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىلگىرىلەش ئوڭۇشلۇق بولماقتا. قاراقاش ناھىيەسى بۇ يىل كەلكۈننى باشلاپ 100 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرنى سۇغىرىشنى پىلانلىدى. نۆۋەتتە، ھەرقايسى جايلار كەلكۈن مەزگىلىدىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەلكۈننى باشلاپ سۇغىرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەلكۈن سۈيىنى توغراقلىق رايونىغا باشلاش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

چېن باۋجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: كۆپ يىلدىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى كەلكۈن سۈيىدىن پايدىلىنىپ توغراقلىقنى سۇغىرىشتا ئىزچىل چىڭ تۇردى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ، تېخنىكا مەدىتىگە ئېرىشكەچكە، خىزمەتتە ئىلگىرىلەش تېز بولدى، ئۈنۈم تېخىمۇ روشەن بولدى. بەزى رايونلاردا توغراق، يۇلغۇن، ياۋا ئوت - چۆپ قاتارلىقلار بىرقەدەر تولۇق بولغان ئېكولوگىيە سىستېمىسى شەكىللەندى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشىلانغاندىن كېيىن، ھەر خىل ياۋايى ھايۋانلارمۇ ئارقا - ئارقىدىن پەيدا بولدى، بەزى كەنتلەرنىڭ ئەتراپىدا ھەتتا تەبىئىتى قورقۇنچاق، سەزگۈر قىرغاۋۇل توپلىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى