− شىنجاڭ تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋلۇڭ، ئا مەن، لى جىخاۋ
سىز دەرياغا سۇ كەلگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟
شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم دەرياسى ساھىلىدە، ئالدى بىلەن ئاڭلىنىدىغىنى شارقىرىغان ئاۋاز بولۇپ، قۇرۇپ كەتكەن دەريا قىنى خۇددى بوۋاققا ئوخشاش ئەڭ بالدۇر كەلگەن سۇنى سۈمۈرىدۇ. دەريا قىنى سۇنى سۈمۈرۈپ سۇغا قانغاندىن كېيىن، دەريا سۈيى يەر شەكلى تېخىمۇ تۆۋەن بولغان دەريا يولىغا قاراپ ئاقىدۇ. ھەربىر چۈشۈش پەرقى چوڭراق بولغان يانتۇلۇقتا ئەسلىدە تىنچ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى بىردىنلا شىددەتلىك ئېقىنغا ئايلىنىپ، گۈركىرىگەن غەربىي شىمال شامىلىغا ئەگىشىپ، بۇژغۇن چىقىرىپ، يىراقلارغا ئاقىدۇ.
نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پۇقرالار مۇشۇ دەريانى بويلاپ مال چارۋا بېقىپ، دېھقانچىلىق قىلىپ ياشاپ كەلگەن، مۇشۇ دەريا ئوزۇقلاندۇرغان دەل - دەرەخلەر بىلەن يۇرت - ماكانىنى بەرپا قىلغان، مۇشۇ دەريا سۇغارغان بوستانلىقتا شەھەر - بازار قۇرغان، ئۇلار بۇرۇنلا تارىم دەرياسىنى «ئانا» ئورنىدا كۆرگەن. دەريا بويىدا ياشىغان پۇقرالار ئۈچۈن ئېيتقاندا، دەرياغا كەلگەن سۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش تەبىئەتنىڭ ئۇلارنى تارتۇقلىشى ئىدى.
■ دەريا ئېقىنى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن
ياز كۈنلىرى، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا، تەكلىماكان قۇملۇقىغا قوشنا بوستانلىقلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا قۇرغاقچىلىق، پىژغىرىم ئىسسىق بولىدۇ. ئېتىزلىقتىكى زىرائەتلەر سولىشىپ خۇددى ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەن ئادەمدەك باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرىدۇ. قويلار ئۇسساپ ئېغىزلىرى قۇرۇپ كەتكەچكە، خۇددى ئىگىسىنى توغراقتىن ياسالغان ئوقۇرغا تېزدىن سۇ قۇيۇشقا ئالدىرىتىۋاتقاندەك توختىماي مەرەيدۇ.
تەجرىبىلىك دېھقان ۋە چارۋىچى بۇنىڭغا ئالدىرىمايدۇ. ئۇلار قۇياش نۇرى قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، قار - مۇزنىڭ ئېرىشىگىمۇ ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ھاۋا ئەڭ ئىسسىغان ۋاقىت دەرياغا سۇ كېلىشكە ئاز قالغانلىقىنىڭ بېشارىتى.
1972- يىلى، ئۇلارنىڭ ساقلىغىنى بىكار بولدى.
ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1321 كىلومېتىر كېلىدىغان تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ يۇقىرى - تۆۋىنىدە، كىشىلەر كەڭ كۆلەمدە بوز يەر ئاچتى، بۇ، ئېقىن رايونى ئىچىدە سۇ ئىشلىتىشنىڭ جىددىيچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەن ئېقىندىكى كىشىلەر يەنە داشىخەيزى سۇ ئامبىرىنى ياساپ سۇ ساقلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، تېخىمۇ تۆۋەن ئېقىنغا بارىدىغان سۇ بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى، ئاخىر ئېقىن ئۈزۈلۈپ قالدى.
«سۇ بولمىغاچقا، كىشىلەر قۇدۇق قازدى، ئەڭ ئاخىرىدا قۇدۇقلارمۇ قۇرۇپ كەتتى...» دېدى تۆۋەن ئېقىندىكى بىر كىچىك بازاردا ئولتۇرۇشلۇق 74 ياشلىق بوۋاي ۋاڭ جيەنبېن ئەسلەپ.
چارۋىچىنىڭ ئوغلى مەمەتتۇردى روزىنىڭ ئېسىدە شۇنداق ئېنىقكى، تارىم دەرياسى قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، دەريا يوللىرىدا سۇ يىغىلىپ قالغان نۇرغۇن چوڭ - كىچىك كۆلچەكلەر پەيدا بولۇپ، ئاپتاپتا سۇنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن. دادىسى باققان 300 قوي بۇ سۇنى ئىچىپ، بىر يىلدىلا 40- 30 قوي ئۆلگەن.
داشىخەيزى سۇ ئامبىرىدىن تارىم دەرياسىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى تېتىما كۆلىگىچە بولغان ئومۇمىي ئۇزۇنلۇق 360 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ لىنىيەدە ئەسلىدە دەريانى بويلاپ قويۇق ئۆسكەن توغراقلىق، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق يۇلغۇن ۋە سۆكسۆكلەر بار ئىدى. تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى ئۈزۈلۈپ قېلىپ نەچچە ئون يىلدىن كېيىن، بۇ ئۆسۈملۈكلەر خۇددى باتۇر قېرىسا كۈچىدىن قالغاندەك، تەلۋە قۇم - بوراننىڭ توختىماي ئىلگىرىلىشىنى توسۇشقا ئامالسىز قالدى.
تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى دەريا يولى ئەسلىدە ئىككى قۇملۇقنى ئايرىپ تۇراتتى. 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، قۇمتاغ قۇملۇقى قۇرۇپ كەتكەن دەريا يولىنى ھالقىپ ئۆتۈپ، غەربىي تەرەپتىكى قوشنىسى تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن بىرلىشىپ كەتتى.
كۆچمە قۇم بارخانىلىرى قەدەممۇ قەدەم قىستاپ كەلدى، يېزا - بازار، كەنت - مەھەللىلەرنى پۈتۈن گەۋدە بويىچە كۆچۈرۈش توغرىسىدىكى مىش - مىش گەپلەر ساراسىمىدە قالغان دېھقانلار ئارىسىدا تارقالدى. يىغىلىپ قالغان سۇمۇ تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، چارۋىچىلار ئامالسىز قولىدىكى قامچىسىنى ئوينىتىپ، قوي پادىلىرىنى شىمالغا قاراپ ھەيدەپ سۇ ئىزدىدى.
■ قۇملۇقتا دەريا يولى قېزىش
سىياسىي ساھە، ئىلىم ساھەسى، ئاخبارات ساھەسى... تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئېكولوگىيە مەسىلىسى كۆپ تەرەپنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
2001- يىلى 6- ئايدا، گوۋۇيۈەن «تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنى يېقىنقى مەزگىللىك ئۇنىۋېرسال تۈزەش يىرىك پىلانى دوكلاتى»غا رەسمىي تەستىقىي جاۋاب بېرىپ، تەخمىنەن 10 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى. بۇ تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال تۈزەشنىڭ ئاساسىي نىشانى تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئېكولوگىيەسىنىڭ سىجىل ناچارلىشىشىنى توسۇش ئىدى.
پىلانغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت مۇنداق ئىككى تەرەپتىن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا «سۇ ئىزدىدى»: بىر تەرەپتىن، نۇرغۇن قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۇنىۋېرسال تۈزىدى، مەسىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى پاختىكار دېھقانلارغا تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتتى ھەمدە دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى توپا ئۆستەڭنى سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ قىلىپ ئۆزگەرتتى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، قۇرۇلۇش خاراكتېردە بولمىغان تەدبىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر تۈر ئېقىن رايونى سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش، بۇ خىزمەتكە ئاساسەن شىنجاڭ تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇل بولدى.
تارىم دەرياسى ئېقىن رايونى شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتىكى نەچچە ئون ناھىيە، شەھەردىن ھالقىغان بولۇپ، مەنپەئەت سۇبيېكتىنىڭ شۇنچە كۆپ مەنبەلىك بولۇشى قۇرۇلۇش خاراكتېردە بولمىغان تەدبىرنىڭ يولغا قويۇلۇشتىكى قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭلۇقىنى بەلگىلىگەن.
«بەزى دېھقانلارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىدى، تۆۋەن ئېقىندا سۇ بولمىسا نېمە ئۈچۈن يۇقىرى ئېقىنغا چەك قويۇلىدۇ؟» جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر سۇچىلىق كادىرى مۇنداق دېدى: ھەرقايسى جايلاردا سۇ تالىشىپ ئېقىن رايونىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدىغان ئىشلار ئارىلاپ يۈزبېرىپ تۇراتتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، بۇنداق ئەھۋالدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولدى.
ئېقىن ئۈزۈلۈپ 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى دەريا يولىنى كۆچمە قۇم تىندۇرۇۋەتكەچكە، ھەتتا قىسمەن بۆلەكلىرى يوقاپ كەتكەچكە، سۇ 360 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تېتىما كۆلىگە ئېقىپ بارالمىدى.
«بىز قولدا ئېلىپ يۈرۈيدىغان GPS بىلەن دەريا يولىنى ئاز - ئازدىن ئىزدەپ تېپىپ، توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى، كۆرەكلىك ماشىنىغا قوماندانلىق قىلىپ قۇم دۆۋىلىرىنى قېزىپ، دەريا يولىنى راۋانلاشتۇردۇق.» تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئۆمەرجان ئوبۇل مۇنداق دېدى: تۆۋەن ئېقىندىكى بەزى دەريا يولىنى پۈتۈنلەي قۇملۇقتىن قېزىپ چىقتۇق.
يېقىندا، تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 2000- يىلىدىن بۇيانقى تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا 20- قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىشنى تەشكىللىدى، ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا، داشىخەيزى سۇ ئامبىرىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئېكولوگىيەلىك سۇنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 8 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدۇ.
■ يېشىل كارىدور قايتا نامايان بولۇش
ھەر يىلى 8- ئاينىڭ ئالدى - كەينى تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا سۇ كېلىدىغان ۋاقىت.
دەريا سۈيىنىڭ قۇرۇپ كەتكەن دەريا قىنىدىن ئېقىپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرگەن چارۋىچىلار ھاياجانلانغىنىدىن تەنتەنە قىلىشتى. مەمەتتۇردى ھەمىشە 2000- يىلى تۇنجى قېتىم دەرياغا سۇ كەلگىنىنى كۆرگەن چاغدىكى شۇ كۆرۈنۈشنى ئەسلەيدۇ، «دادام ھاياجانلانغان ھالدا ماڭا <ئاينىڭ 15ى قاراڭغۇ، 15ى يورۇق بولىدۇ، سۇ چوقۇم كېلىدۇ، دېگەنىدىمغۇ!> دېگەنىدى.»
ۋاڭ جيەنبېن ئولتۇرۇشلۇق كىچىك بازار ھازىر 218 دۆلەت يولىدىكى قاتناش مۇھىم بازىرى، سودىسى ئاۋات، مۇھىتى گۈزەل بولۇپ، ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان مېھمانلار قونۇپ ئارام ئېلىشتا ئالدىن تاللايدىغان جايىغا ئايلاندى.
سۇ ئېقىنى بارغانسېرى كۈچەيدى، شەپىسىمۇ بارغانسېرى چوڭايدى، تارىم دەرياسى ھەتتا دەريا يولىدىن تېشىپ چىقىپ، ئىككى قىرغاقتىكى يەر ئورنى تۆۋەن جايلاردىكى ياپيېشىل توغراقلىققا، سۆسۈن، قىزىل رەڭلىك گۈللەر بىلەن زىننەتلەنگەن چاتقاللىققا ئاقتى. دەريا قىرغىقى بويىدىكى چارۋىچىلار شۇنى بايقىدىكى، نۇرغۇن ئويمان يەرلەر سۇلۇق يەرگە، ھەتتا «بېلىق كۆلچىكى»گە ئايلانغانىدى.
ئاپتوموبىل ھەيدەپ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى دەريا يولىنى بويلاپ ماڭغاندا، ئادەم «يېشىل كارىدور»دىن ئۆتۈۋاتقاندەك تەسىراتقا ئىگە بولىدۇ. كەچكۈزدە، «يېشىل كارىدور» توردا ئالقىشلىنىپ، كىشىلەر بەس - بەستە بۇ يەرگە كېلىپ، ئالتۇنرەڭ توغراقلاردىن «ھۇزۇرلىنىدۇ». بەلكى ئۇزاققا قالماي، كىشىلەر پويىزغا ئولتۇرۇپ، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنى بويلاپ سەپەرگە چىقىپ مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلالايدۇ.
پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىش، ياخشىلىنىش كۆلىمى 2285 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتكەن، قۇملۇق يەر كۆلىمى 854 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايغان، ئۆسۈملۈك تۈرى 17 خىلدىن 46 خىلغا كۆپەيگەن.
«20 يىلغا يېقىن ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئارقىلىق، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئېقىن ئۈزۈلۈپ قالغان 360 كىلومېتىردىن ئارتۇق دەريا يولى پۈتۈنلەي تۇتاشتۇرۇلدى، ھالاكەتكە يۈزلەنگەن توغراقلار قۇتقۇزۇۋېلىنىپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئېكولوگىيە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، <يېشىل كارىدور> قوغداپ قېلىندى» دېدى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن يانىڭ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 8- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى)