تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

مالىيە ئەمەلىي كۈچى ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا كۈچلۈك مەدەت بولدى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولۇپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. مالىيە كىرىم سەۋىيەسىدىن قارىغاندا، 1952- يىلى شىنجاڭنىڭ مالىيە كىرىمى ئاران 74 مىليون يۈەن ئىدى، 2004- يىلى 15 مىليارد 570 مىليون يۈەنگە يەتتى. 2010- يىلىدىن بۇيان مالىيە كىرىمى سىجىل تېز ئېشىپ، 2018- يىلى 153 مىليارد 146 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىۋاتقان ئاپتونوم رايون مالىيەسى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا كۈچلۈك مەدەت بولۇپ، كارخانا، يېزا ئىگىلىكى، مال باھاسى، مائاش، ئاشلىق، تۇرالغۇ، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تۈرلۈك ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى قوللىدى، تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىغا ئاساسىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئاپپاراتلارنىڭ نورمال يۈرۈشۈشى، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسىم چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى