تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

«ئەر- خوتۇنلاردىكى پىكىرلەشمەسلىك كېسىلى» تۇرمۇشنى نابۇت قىلىدۇ (2)

  ئەر-خوتۇنلاردىكى پىكىرلەشمەسلىك كېسىلىنى قانداق ياخشىلاش كېرەك؟  تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئۇسۇلنى سىناپ باقساق بولىدۇ.

  1-ئۇسۇل: 10 مىنۇتلۇق باشقۇرۇش ئۇسۇلى. ئىلگىرىكى بىر تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى 10 مىنۇتى توينىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدىكەن. بەخت كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولغان تۇرمۇشتا، ئەر- خوتۇنلارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىللە تېلېۋىزور كۆرۈش، بىللە پاراڭلىشىش ئادىتى بولىدىكەن. مەيلى نېمە دېيىشىشىدىن قەتئىينەزەر، مۇھىمى ھەر قاچان پاراڭلىشالايدىكەن، ھەر كۈنى دەيدىغان گېپى بار كەيپىيات شەكىللىنىدىكەن. شۇڭا ، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئەر-خوتۇن مەخسۇس پاراڭلىشىشى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سۆزلىشىشى، تېلېفونغا قارىماسلىقى كېرەك. نېمىنى پاراڭلىشىش كېرەك؟ تەسىراتىڭىزنى كۆپرەك سۆزلەڭ، ئىشنىڭ ئۆزىنىلا دېمەڭ. ھەر كۈنى 10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىڭ، بۇ ئانچە تەس ئەمەس.

  2-ئۇسۇل : پاراڭلىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش. پاراڭلىشىشمۇ بىر خىل ئىقتىدار. ئۆزئارا تېخىمۇ كۆپ ئورتاق قىزىقىدىغان تېمىلارغا ئىگە بولۇپ، پاراڭلىشىشنى ياخشى كەيپىياتقا ئىگە قىلىپ، ئۆزئارا قارشى تەرەپنى چۈشىنىدىغان تۇيغۇ ئاتا قىلىش كېرەك. بۇنىڭغا مەشىق ئارقىلىق يەتكىلى بولىدۇ.

  3-ئۇسۇل: تۇرمۇشتىكى مۇراسىم تۇيغۇسى. بالىلىق بولغان تەقدىردىمۇ، ئەر-خوتۇنغا تەۋە بولغان ئايرىم دۇنيانى ياراتقىلى بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر مۇراسىم تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىش ناھايىتى تەس ئىش دەپ قارايدۇ ، پەقەت كۆڭۈل قويسىلا، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي. مەسىلەن: ھەمراھىڭىز ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ كەچ قايتقاندا، ئۇنىڭغا بىر چىراغ ياندۇرۇپ قويۇڭ، ئىشىك ئالدىغا ئۇنىڭ ئۈچۈن ساپما كەش تىزىپ قويۇڭ، بۇ كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇراسىم تۇيغۇسىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى