مۇھىم ئامىللارنى تېز توپلاش يول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش
قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئەتراپتىكى ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭى ئېگىزلىك بەرپا قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى خەن چىنيەن، شۈ جيەن، بەي جىيۈ، مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: «ھازىر قارىغاندا بىزنىڭ قەشقەردە ماكانلىشىشنى تاللىغىنىمىز ئىنتايىن توغرا بوپتۇ» دېدى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى لىقمۇلىق مال قاچىلانغان چوڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىن تەرتىپلىك ھالدا كىرىپ - چىقىۋاتقانلىقىغا قاراپ قەشقەر رۇڭيۈەن خەلقئارا مال تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يۈەن چياڭ خۇشال بولغان ھالدا.
ئىگىلىشىمىزچە، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا نۆۋەتتە قەشقەر جۇڭچېڭ خەلقئارا مال تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق 21 چوڭ تىپتىكى ئەشيا ئوبوروتى كارخانىسى ماكانلاشقان بولۇپ، ئەشيا ئوبوروتىنى توپلاش ئېففېكتى تەدرىجىي روشەن كۆرۈنگەن.
«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، «بەش پورت سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىش، بىر يول ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، قەشقەر تەدرىجىي ھالدا دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار توپلىشىدىغان ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد - سودا ۋە كەسىپ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېگىزلىككە ئايلاندى.
«ھازىر، قەشقەر دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا بازارلىرىغا يۈزلەنگەن ئەشيا ئوبوروتىنى تارقىتىش مەركىزى، پىششىقلاپ ياساش مەركىزى ۋە سېتىش مۇلازىمىتى مەركىزىگە ئايلاندى» دېدى قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەي سەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، شېنجېن كەسىپلەر باغچىسى، لىنكۇڭ ئىقتىساد رايونى، باش ئىشتاب ئىقتىساد رايونى قاتارلىق كۆپلىگەن مۇھىم سۇپىدىن پايدىلىنىپ، غەربكە ئېچىۋېتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، زور بىر تۈركۈم ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ھەتتا ياۋروپا بازارلىرىغا يۈزلەنگەن ماشىنا - ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش، ئېلېكتىرونلۇق قۇراشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرىنى قەشقەرگە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا 241 كارخانا يېڭىدىن رويخەتكە ئالدۇرۇپ ماكانلاشقان بولۇپ، جەمئىي 3362گە يەتتى.
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كىيىم - كېچەك باش ئىشتاب بازىسى ۋە توقۇلما بۇيۇملار، كىيىم - كېچەك ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنىڭ ئورنى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 460تىن ئارتۇق توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىسى 73 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدى؛ ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرى پاختا يىپ ئېگىرىش، ئائىلىلەردە ئىشلىتىدىغان توقۇلما بۇيۇملار، كىيىم - كېچەك، كەسىپتە ئىشلىتىلىدىغان توقۇلما بۇيۇملار قاتارلىق 13 چوڭ تۈردىكى 180 نەچچە خىل مەھسۇلات تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 6 مىليارد 300 مىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن ئاشىدۇ.
2017- يىلى، قەشقەر ئاۋمېيشېڭ ئېنېرگىيە پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشتى. بۇ شىركەت ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا ئوتتۇرىغا چىقارغان بىر قاتار كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتلىرىدىن، بۇلتۇر قىرغىزىستان، تاجىكىستان ئىككى دۆلەتكە ئېكسپورت قىلغان توك چەينەكنىڭ سېتىلىش سوممىسىلا 16 مىليون يۈەندىن ئاشتى. «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ئېلېكتىر سايمانلىرى تۈرىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياج مىقدارى زور، بىزنىڭ قەشقەردە زاۋۇت قۇرۇشىمىز، دەل قەشقەرنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى كۆزدە تۇتقانلىقىمىزدا» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى لەي نەيشياڭ.
نۆۋەتتە، قەشقەرنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن يول تۇتاشتۇرۇش ئىقتىدارى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستاننى تۇتاشتۇرىدىغان جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان خەلقئارا تاشيولىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەشقەردىن ياۋروپاغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى يۈك پويىزى قۇرۇلۇشىمۇ پائال ئالغا سىلجىتىلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قەشقەر - كاراچى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ھۆددە ئايروپىلانىنىڭ قاتنىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ ھاۋا تىرانسپورت يولىنى ئاچماقتا؛ تاجىكىستان دەنجالا ئەركىن ئىقتىسادىي رايونى، قىرغىزىستان بىشكەك ئەركىن ئىقتىسادىي رايونى بىلەن بولغان چوڭقۇر ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتماقتا.