تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى غەربىي رايون كۆزنەك تۈگۈنىنى تېز بەرپا قىلماقتا

شىنجاڭ ئىچىدىكى بىر سائەتلىك ئاۋىياتسىيە چەمبىرىكىدىن ئاسىيا - ياۋروپادىكى بەش سائەتلىك ئاۋىياتسىيە چەمبىرىكىگىچە

ئۈرۈمچى غەربىي رايون كۆزنەك تۈگۈنىنى تېز بەرپا قىلماقتا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭدا ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان نۆۋەتچى ئايروپىلانى 10 مىڭ نۆۋەت قېتىمدىن ئېشىپ، توشۇغان يولۇچى 2 مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشتى. شىنجاڭ ئىچىدىكى بىر سائەتلىك ئاۋىياتسىيە چەمبىرىكىدىن ئاسىيا - ياۋروپادىكى بەش سائەتلىك ئاۋىياتسىيە چەمبىرىكىگىچە، ئۈرۈمچى غەربىي رايون كۆزنەك تۈگۈن قۇرۇلۇشى بىلەن جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى تەڭ ئىلگىرىلىدى.

8- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئۈرۈمچى دىيوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى T3 ئاۋىياتسىيە بىناسى ئىچىدە ئادەملەر مىغ - مىغ ئىدى، 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، T3 ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە يولۇچىلار ئېقىم مىقدارى 30 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە تۈگۈن قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ھاۋا يولىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش ئۈچۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى بىر تەرەپتىن، ئايروپىلان ئەترىتىنى كېڭەيتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، بويىن 737 تىپلىق يۈرۈشلۈك ئايروپىلاننى ئاساسىي كۈچ، بويىن 787 تىپلىق كەڭ گەۋدىلىك ئايروپىلان تولۇقلىما قىلىنغان قوش ئايروپىلان ئەترىتى قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئايروپىلان تىپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئارىلىقتا توختايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى بىۋاسىتە ئۇچۇشقا ئۆزگەرتىش، خەلقئارا تېز سۈرئەتتە ئاۋىياتسىيە رايونىدىن ئۆتۈش رايونىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلقئارا يولۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۇلاپ ئۇچۇش ئايروپىلان ئالمىشىش ۋاقتىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40 مىنۇت قىسقارتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئايلىنىش مۇلازىمەت كاپالەت سەۋىيەسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى كۆتۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ئىچىدە چاتما ئۇچۇش ۋە ئايلىنىپ ئۇچۇش لىنىيەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، غۇلجىدىن قەشقەرگىچە، قەشقەردىن ئالتايغىچە، ئالتايدىن غۇلجىغىچە بولغان جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ ئارىلىقىدا ئوخشاش ئايروپىلاندا ئالمىشىش، شۇ كۈندە ئالمىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە نۇقتىلىرى تولۇق قاپلىغان شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرى ئارىسىدىكى چاتما ئۇچۇش لىنىيەسىنى ئېچىپ، شىنجاڭدا قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، غۇلجا، كورلىدىن ئىبارەت بەش چوڭ تېز لىنىيە سۈپەتلىك ماركىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى. ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان بىر سائەت ئەتراپىدىكى ئاۋىياتسىيە مۇساپىسى غۇلجا، ئالتاي، قاناس، نارات، كۆكتوقاي قاتارلىق نۇقتىلىق شەھەرلەر ۋە داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنى قاپلاپ، شىنجاڭ ئىچى ساياھەتچىلىكىنى تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئايلىنىپ ئۇچۇش ۋە چاتما ئۇچۇش لىنىيەلىرىمۇ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئىقتىساد - سودا، يېمەك - ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، قونالغۇ قاتارلىق كەسىپلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭ ئىچى ساياھەتچىلىكىگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.

2019- يىلى يازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدا ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 104 بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 20، دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 66، خەلقئارا ھەم رايون ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 18 بولۇپ، قاتناش نۇقتىسى 79غا يەتتى. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ بازىرىنى چۆرىدەپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېن، چېڭدۇ، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، ئىسلامئاباد، لاھور ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى يادرو قىلغان، دۆلەت ئىچىدىكى 43 شەھەر، شىنجاڭ ئىچىدىكى 19 شەھەر، ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى 16 خەلقئارا شەھەر، بىر رايون شەھىرى بىلەن ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى