
توي قىلىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىدا بىر خىل پاسسىپلىق پەيدا بولىدۇ، ئىككى تەرەپ ھەرىكەت ۋە سۆزدە قارىماققا بىر-بىرىگە ئازار بەرمىگەندەك، زىيان يەتكۈزمىگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە مەلۇم دەرىجىدە دەز كېتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، ئائىلە مۇناسىۋىتى مۇتەخەسىسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۆۋەندىكى بەش خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، ئائىلە مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىدىكەن.
1. گەپ قىلغاندا ئادەمنى ئازابلايدىغان، ھەرىكەتتە چەكتىن ئاشىدىغان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. ئەر-خوتۇنلار ئۆز ئارا گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتتە دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى بۇ خىل سۆزلەر ئېغىزدىن چىققاندىن كېيىنلا قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئائىلە مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ھەرىكەتنىڭمۇ مۇۋاپىق دائىرىسى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: قارشى تەرەپنىڭ ئۇچۇرىنى ئوغرىلىقچە كۆرۈش، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئىش-ھەرىكەتلەر بولماسلىقى كېرەك. ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش، مۇئەييەن ئارىلىق ساقلاش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا قۇرۇلىدۇ، بۇ ساغلام ئائىلە تۇرمۇشىنى ساقلاشنىڭ مۇھىم تەرىپى.
2. قارشى تەرەپنىڭ ھېسسىيات ئېھتىياجىغا سەل قاراش. ئەر-خوتۇنلار ئالدىراش بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاسانلا ھېسسىياتقا سەل قارايدۇ. مەسىلەن: بىر كۈن خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئاياللار ئېرى بىلەن بىر كۈنلۈك كەچۈرمىشى توغرىسىدا پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن بەزى ئەرلەر دائىم چارچاپ كەتكەنلىكتىن يان تېلېفونغا قاراشنىلا ئويلايدۇ ياكى بېشىنى ئۆرۈپلا ئۇخلايدۇ. بۇ خىل سەل قارالغان ھېسسىيات ئاسانلا ئايالىنىڭ نارازىلىقى ۋە ئاداۋىتىگە ئايلىنىپ، تالاش-تارتىش ۋە ئۇرۇش پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، مەسىلە ئېغىرلىشىشتىن بۇرۇن، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش، دائىم سىردىشىش، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش، دائىم قارشى تەرەپنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىش، ئائىلىنى مەڭگۈ قەلبنىڭ تۆرى قىلىش كېرەك.
3. مۇۋاپىق بولمىغان چىراي ئىپادىسى. ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بەرگەندە، ئەگەر بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپتىن بىزار بولغان چىراي ئىپادىسىنى كۆرسەتسە، زىددىيەتنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. نامۇۋاپىق چىراي ئىپادىسى قارشى تەرەپكە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان، بۇ ئادەتنى تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ.
4. قارشى تەرەپنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇش. بەزىدە قارشى تەرەپ «مۇھەببەت» نامى بىلەن سىزنى ئۇنى -بۇنى قىلغۇزۇپ، كىم بىلەن ئارىلىشىش، ھەتتا قانداق كىيىنش قاتارلىقلارغىچە ئارىلىشىۋالسا، قارشى تەرەپنىڭ ھەرىكىتى سىزنى بىئارام قىلسا ياكى كەيپىياتىڭىزغا تەسىر يەتكۈزسە، ئۇنداقتا تويدىن كىيىنكى «كونترول قىلىش قىلمىشى»دىن ھوشيار بولۇش كېرەك. ۋەقەنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىرىنچى قەدەمدە ئۆزىنىڭ ئېھتىياجى ۋە پوزىتسىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قارشى تەرەپنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، قارشى تەرەپكىمۇ ئەركىنلىك بېرىش كېرەك.
5. ئەگەر ئەر-خوتۇن ئارىسىدا سوغۇق زوراۋانلىق يۈز بەرسە. مەسىلەن: دائىم باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھاقارەتلەش ياكى مەسخىرە قىلىش، سىز بىلەن ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى رەت قىلىش، دائىم سىزگە سەل قاراش، كەيپىياتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، سەۋەبسىز ھەسەت قىلىش، ئاچچىقلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار ئائىلىدە «سوغۇق مۇناسىۋەت»نىڭ پەيدا بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ كىشىلەرگە روشەن سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا تەڭشەش، مەسىلىنىڭ نەدىلىكىنى تونۇپ يېتىش، ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئەر-خوتۇننىڭ ھېسسىياتىنى قايتىدىن توغرا يولغا باشلاش كېرەك.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى