تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

40 ياشتىن كېيىنكى ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇش مۇنداق قوغداشقا موھتاج

 

 مەيلى يېڭى توي قىلغانلار بولسۇن، ياكى ئۇزۇن يىل بىرگە ياشىغان ئەر-خوتۇنلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ بەختلىك، ساغلام ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى ئاسان ئەمەس. بۇ ئەھۋال 40 ياشتىن كېيىن تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ، چۈنكى بۇ ياشتىكى ئەر-خوتۇنلار خىزمەتتىكى، ئائىلىدىكى  تېخىمۇ كۆپ خىرىسقا دۇچ كەلگەندە، ئەسلىدىنلا سۇسلىشىپ كەتكەن ھېسسىيات بالىلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇشى، ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىق مەسىلىسى، ئائىلىنىڭ مالىيە ئەھۋالى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە بېسىملارغا ئۇچراپ، ئاسانلا ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى ئىناقسىزلىققا سەۋەب بولىدۇ. تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەدبىر 40 ياشتىن كېيىنكى تۇرمۇشنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ.

  1. بىرگە بولغاندا كۆڭۈل بېرىش كېرەك. ئوخشاش بىر ئۆيدە تۇرۇش ئىككى قەلبنىڭ بىللە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر 40 ياشتىن كېيىنكى تۇرمۇشنى ياخشىلىماقچى بولسا، ئۆز ئارا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك، مەسىلەن، بىرلىكتە مەلۇم تېما ئۈستىدە مۇنازىرىلەشكەندە، بىر تەرەپتىن يانفونغا قاراپ، بىر تەرەپتىن ھەمراھىنىڭ سوئالىغا تاقابىل تۇرماسلىق كېرەك.

  2. قەلبىدىكى نارازىلىقنى يوشۇرماسلىق كېرەك. ئۇزۇن يىللىق ئەر- خوتۇنلۇق تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان خەۋپنىڭ مەنبەسى دائىم «مەن ناھايىتى ياخشى» ياكى «مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن» دېيىشتۇر، بۇ سىزنىڭ ئازراقمۇ ياخشى ئەمەسلىكىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتسا، پىكىر پەيدا بولغان تەقدىردىمۇ، يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە پايدىلىق. ھېسسىياتنى سەمىمىي ئىپادىلەش مەسىلىنى سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى.

  3. ئىختىلاپتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىق كېرەك. مۇھەببەتلىشىش جەريانىدىكى تالاش - تارتىش گەرچە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئىش بولمىسىمۇ، بىراق ساغلام تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىختىلاپلارنى دائىم ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىدىغانلارنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى ئىختىلاپلارنى پىشقان ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشنى ئۆگىنىۋالغانلاردىن يۇقىرى ئىكەن. ئۆزىنى قاچۇرماي، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەي، ئىختىلاپلارغا ئاقىلانە يۈزلەنگەنلەرنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى ئىناقلىققا چۆمۈپلا قالماي، تېنى ساغلام بولىدىكەن.

  4. قارشى تەرەپنى ماختاپ تۇرۇش كېرەك. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئېھتىياجى بولىدۇ، توي قىلغان ۋاقىت ئۇزارسىمۇ، بۇ نۇقتا يەنىلا مۇھىم. بولمىسا، بۇ سىزنىڭ قارشى تەرەپتىن زوقلانمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ، بۇ قارشى تەرەپنىڭ مۇھەببىتىنىڭ سۇسلاپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. 

  5. قارشى تەرەپنىڭ يۇمۇرىستىكلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك. سۆيگۈنىگە «خۇشامەت» قىلمىسىمۇ بولىدۇ، ياكى ئۇنىڭ ھەر بىر ئېغىز گېپىغا ساراڭدەك كۈلمىسىمۇ بولىدۇ. مۇھىمى، قارشى تەرەپ ئۆزىگە قىزىقارلىق تۇيۇلغان ئىشنى زوق - شوق بىلەن ئېيتىپ بەرگەندە، چوقۇم ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك.

  6. قارشى تەرەپكە شېرىن - شېكەر قىسقا ئۇچۇرلارنى يوللاپ تۇرۇش كېرەك. سېغىنىش ھېسسىياتى ئۆز - ئارا يۇقىدۇ، بەزىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ناھايىتى ياخشى. ئەمما بەك ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك، ئىككىيلەن ئۆزىنى راھەت، تەبىئىي ھېس قىلغان ياخشى.

  7. بالىلارچە قەلب بولۇشى كېرەك. مۇھەببەتلەشكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئىككىيلەن ھەر ھەپتىدە يېڭىدىن ئېچىلغان ئاشخانىلارغا بارىدۇ، ھەر يىلى يېڭى ساياھەت ئورنى ھەققىدە ئىزدىنىدۇ، بۇ دۇنياغا قىزىقىش بىلەن قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەر قانداق ياش باسقۇچىدا قىزىقىش بولۇشى كېرەك، بۇمۇ ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى يېڭى پېتى ساقلاشنىڭ ياخشى دورىسى.

  8. سەمىمىيلىكنى ساقلاش كېرەك. ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا يالغانچىلىق يۈز بەرسە، مەيلى چوڭ يالغانچىلىق بولسۇن ياكى كىچىك يالغانچىلىق بولسۇن، ئىشەنچ يوقاپ كېتىدۇ. يالغانچىلىق  ئىشەنچنىڭ يوقىلىشىغا، غەزەپلىنىشكە، ھەتتا ۋاپاسىزلىق قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ.

  9. باشقىلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن سېلىشتۇرماسلىق كېرەك. ئازاپ سېلىشتۇرۇشتىن پەيدا بولىدۇ. باشقىلارنىڭ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشىغا ھەسەت قىلىش بەختكە ئېرىشىشنى  ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. سېلىشتۇرۇشنى توختىتىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا چۆكسە، بەختكە بارغانسېرى يېقىنلىشىدۇ.

  10. باشقىلارنىڭ ئالدىدا جورىسىنى قوللاش كېرەك. باشقىلارنىڭ ئالدىدا، جورىسى ئۈچۈن گەپ قىلىش سادىقلىقنىڭ ئىپادىسى. ئەلۋەتتە، بۇ قوللاش ئەخلاققا خىلاپلىق قىلماسلىقنى شەرت قىلىش كېرەك. دائىم ئەمەلىيەتنىڭ كېسىم قىلغۇچىسى بولۇۋېلىش ھاجەتسىز، ئاندا-ساندا كىچىك خاتالىقلارنى قويۇپ بېرىپ، كۈلۈپ قويسا، ئىناق مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى