تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

«ئەر- خوتۇنلاردىكى پىكىرلەشمەسلىك كېسىلى» تۇرمۇشنى نابۇت قىلىدۇ (1)

    خەلق تورى خەۋىرى: «ئەر- خوتۇنلاردىكى پىكىرلەشمەسلىك كېسىلى»نىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ۋە ئالاھىدىلىكى مۇنداق ئۈچ خىل بولىدۇ : 

    مېنىڭ قارشى تەرەپكە دەيدىغان گېپىم يوق. توي قىلغاندىن كېيىن كۈندە دېگۈدەك ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرغاچقا، ئەر- خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ئەڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن ئاستا-ئاستا سۇسلىشىش مەزگىلىگە، ئەڭ ئاخىرىدا سۈركىلىش ھالىتىگە كىرىدۇ. مۇھەببەت تويدىن كېيىن ئاستا - ئاستا قويۇقلىشىدۇ، بۇ نورمال قانۇنىيەت. 

   ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، كۆپچىلىك كونكرېت ئىشلارنى دېيىشىدۇ، مەسىلەن: بالىنى قايسى ۋاقىتتا ئالغىلى بېرىش، بۈگۈن قايتىپ كېلىپ تاماق يېيىش ياكى يېمەسلىك، بۇ ئايلىق كىرىم-چىقىم ئەھۋالى دېگەندەك، بارا-بارا بىر-بىرىنىڭ تەسىراتىنى سۆزلەپ ئولتۇرمايدۇ. ھەتتا ھەمراھىغا بولغان دىققىتىمۇ بارغانسېرى ئازلاپ كېتىدۇ. شۇڭا ، تۇرمۇشتا « ئىشنىلا دېيىش، تەسىراتنى دېمەسلىك» ئەھۋاللىرى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ، پەقەت تۇرمۇشتىكى كۈندىلىك ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ ، ئاخىرىدا «سىزگە دەيدىغان گېپىم يوق» بولۇپ قالىدۇ.

    2. بىز ئاجراشمايمىز، لېكىن پاراڭلاشمايمىز . ئەگەر بەزى ئىشلارنى پاراڭلاشقىلى بولسا تېخى ياخشى، نۇرغۇن ئەر - خوتۇنلار ئەڭ ئاخىرىدا پاراڭلىشىشنى خالىمايدۇ. مېنىڭ تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن . تويدا سۆزلىمەسلىك كېسىلى ئەزەلدىن تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالمايدۇ ، بەلكى قايتا - قايتا پىكىر ئالماشتۇرۇش مەغلۇبىيىتىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئەگەر مۇناسىۋەتتە، يەنى تەنقىد قىلىش، كەمسىتىش، ئاقلاش، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى يۈز بېرىپ تۇرسا، قارشى تەرەپ چارچاپ، ئۈمىدسىزلىنىپ قالغاندا، تەبىئىي ھالدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا يالغۇز كىشىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ، ئىككىيلەن كۈندە كۆرۈشۈپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇلار پۈتۈنلەي بىر دۇنيادا ئەمەس.

    3. يېقىنلىق تۇيغۇسىنى يوقىتىپ قويۇش. ئىككى ئادەمنىڭ ئورتاق پىكىرىنىڭ يوقىلىشى، يېقىنلىق تۇيغۇسىنىڭ يوقالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ، بۇ تويدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئىش.

    ئەمەلىيەتتە ، نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلار « تۇرمۇشتا مۇراسىم تۇيغۇسى يوق» دەپ ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ ، مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتا ئۇچرىشىش، بىللە كىنو كۆرۈش، بىللە قىزىقارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ . توي قىلغاندىن كېيىنچۇ ؟ خالىغانچە بولۇپ قالىدۇ. ئاستا-ئاستا ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى كەمچىل، ئورتاق تېمىدا پاراڭلىشىشقىمۇ ھورۇنلۇق قىلىپ، ئاسانلا ئورتاق تىلنى يوقىتىپ قويىدۇ. توي بىر مەيدان ھەمكارلىق، توينى باشقۇرۇش بىر خىل ئىقتىدار، تويدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى بىلىش ھەقىقىي يېقىنلىقتۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى