تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

«بىر بەلباغ، بىر يول» سودا راۋانلىقىنىڭ «ئىنچىكە سىزما رەسىمى»نى كۆڭۈل قويۇپ سىزىپ چىقتى

ئالاتاۋ:

«بىر بەلباغ، بىر يول» سودا راۋانلىقىنىڭ «ئىنچىكە سىزما رەسىمى»نى كۆڭۈل قويۇپ سىزىپ چىقتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

8- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئالاتاۋ پورتى دۆلەت دەرۋازىسى ئالدىدا، پورتقا كىرىپ - چىقىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى؛ يىراقتىكى رېلىستا جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى غۇيۇلداپ ئۆتۈپ تۇراتتى؛ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولغانىدى...

ئىلگىرىكى «يىلدا بىر بوران چىقسا، ئەتىيازدىن قىشقىچە داۋاملىشىدىغان» چۆل بوران جىلغىسى بىراقلا «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى تۆمۈريول، تاشيول، خام نېفىت تۇرۇبىسى، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىدىن ئىبارەت تۆت بىر گەۋدىلەشكەن «ئالتۇن» پورتقا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، ئالاتاۋ پورتى يول ئىقتىسادىدىن كەسىپ ئىقتىسادى ۋە ئۇنىۋېرسال پورت ئىقتىسادىغا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا راۋانلىقىنىڭ «ئىنچىكە سىزما رەسىمى»نى كۆڭۈل قويۇپ سىزىپ چىقتى.

 چۆل بوران جىلغىسىدىن «ئالتۇن» پورتقىچە

8- ئاينىڭ 5- كۈنى، مۇخبىر جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنغان بۇغداينىڭ ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا بىۋاسىتە كىرگۈزۈلۈپ ئۇن قىلىپ پىششىقلانغانلىقىنى كۆردى. ئىگىلىنىشىچە، ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئالاتاۋدا ئىشلەپچىقىرىلغان «ئەيجۈ ماركىلىق» ئىمپورت بۇغداي ئۇنىنىڭ بازىرى ئېچىلغان.

2011- يىلى تۇنجى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى − «چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا» نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ پورتىدىن يولغا چىققاندىن بۇيان، «جېڭجوۋ - شىنجاڭ - ياۋروپا» «ۋۇخەن - شىنجاڭ - ياۋروپا» قاتارلىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. ھازىرغىچە، ئالاتاۋ پورتىدىن يولغا چىقىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا، جۇڭگو - ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسى 61گە يېتىپ، چېگرا سىرتىدا ياۋروپا - ئاسىيادىكى 59 شەھەر بىلەن تۇتىشىپ، چېگرا ئىچىدە نۆۋەتچى پويىز قاتنايدىغان 54 شەھەر بىلەن ئۇدۇللىشىپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى يولىنىڭ تۈگۈنلۈك ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

«2017- يىلى 7- ئايدا، ئالاتاۋدا خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىز شىركىتى قۇرۇلۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يۈك تىرانسپورتىغا ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت قىلدى.» ئالاتاۋ شەھەرلىك پەن - تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، ئالاتاۋ شەھەرلىك سودا ۋە سانائەت، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى سۈن خۇڭۋېي مۇنداق بىلدۈردى: «مۇناسىۋەتلىك ئامباردا ساقلاش ئەشيا ئوبوروتى ھەمدە پىششىقلاش سودىسىمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى».

بۇ يىل 7- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى كىرىش - چىقىش رايونىنىڭ مال سودا قىممىتى 2 مىليارد 803 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2018- يىللىق پۈتۈن يىللىق يىغىندىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتتى. بۈگۈنكى ئالاتاۋنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسى يول ئىقتىسادىدىن ئۇنىۋېرسال پورت ئىقتىسادىغا ئۆزگەرمەكتە.

 يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش

قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئالاتاۋ پورت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پورتنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىغا كۈچىدى.

تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئالاتاۋ «چوڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش» ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەلگىلەنگەن پورت ئالاھىدە سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە، ئالاتاۋ پورتىنىڭ پۈتۈن ئاپتوموبىل، ئاشلىق، تىرىك چارۋا، ئۆسۈملۈك مايسىسى، گۆش تۈرى، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلارنى چېگرادىن كىرگۈزۈشتىكى بەلگىلەنگەن پورتلىق ۋە تۆمۈريول خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئالماشتۇرۇش پونكىتىلىق سالاھىيىتى تەستىقلاندى، توڭلىتىلغان يېڭى سۇ مەھسۇلاتلىرىنى چېگرادىن كىرگۈزۈشتىكى بەلگىلەنگەن پورتلىق سالاھىيىتىنىڭ يېقىندا تەستىقلىنىشىدىن ئۈمىد بار.

شۇ جايدىكى كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش سۈرئىتىمۇ تېزلەشمەكتە. جىنشاخې ئۇنچىلىقى، جېندې توقۇمىچىلىقى، ۋەنجيا داۋالاش كەسپى... ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا ماكانلاشقان تۈرلۈك كارخانا 500دىن كۆپرەككە يەتتى.

ئالاتاۋ ئەيجۈ چىنجياڭ يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خۇ شۈمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، شىركەت ئالاتاۋدا كۈنىگە 400 توننا ياغنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىنچىكە چەككىلەش - پىششىقلاش زاۋۇتى، كۈنىگە 500 توننا بۇغداينى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئۇن پىششىقلاش سېخى ھەم 50 مىڭ توننىلىق بۇغداي ئوبوروت ئامبىرى قۇرۇپ، ئالاتاۋنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تېز، قولاي بولۇش ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ساتىدۇ.

بۇ يىل، ئالاتاۋ پورتى «يەككە كۆزنەك»تە بىرلەشتۈرۈپ ئىلتىماس قىلىش، 24 سائەت ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، كېچىدە تەكشۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىمپورت - ئېكسپورت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

«نۆۋەتتە، بىز رىجاۋ پورتى، ساۋفېيديەن پورتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدۇق، مەقسەت چېگرا ھالقىغان تىرانسپورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈشىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، داليەن پورتى، ليەنيۈنگاڭ پورتى، نىڭبو پورتى، شاڭخەي پورتى قاتارلىق تۈگۈنلەر بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، ئالاتاۋ بىلەن دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈندۇر.» ئالاتاۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى پى لۈپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاتاۋنى جۇڭگو - قازاقىستان چېگراسىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

 ياشاشقا باب كېلىش، ئىگىلىك تىكلەشكە باب كېلىش كەسىپ بىلەن شەھەر يۇغۇرۇلۇش

8- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئالاتاۋ شەھىرىنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مەركىزىي شەھەر كۆرگەزمە سارىيى يەنە ئىچكىرى رايونلاردىن كەلگەن بىر تۈركۈم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاتاۋ شەھىرى چېگرا سودىسى مەدەنىيىتى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مەدەنىيىتى، قىزىل مەدەنىيەتنى تولۇق قېزىپ، مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى سىجىل زورايتىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، 280 مىڭغا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، ئالاتاۋ شەھىرىدىن ئىبارەت بۇ چېگرا رايوندىكى كىچىك شەھەر يېڭى قىياپەت بىلەن ئۆزىگە خاس ساياھەت مەنزىلگاھى ۋە يىغىلىش - تارقىلىش ئورنىغا ئايلانماقتا.

بۇ يىل 5- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايون ئالاتاۋنى قۇرۇقلۇق چېگرا پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قىلىشقا يوللىدى. يېقىندا، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى «ئالاتاۋنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى توققۇز تۈرلۈك تەدبىر»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادىي كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىشنى نىشان قىلىپ، خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول» كەسىپلەرنى تەشكىللەش مەركىزىنى يېتىشتۈرۈش تەلىپى بويىچە، ئاسىيا - ياۋروپا خەلقئارا تۈگۈن ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئالاتاۋنى پورت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى كۈچلۈك، ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىش سۈپەت - ئۈنۈمى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىچكى قۇرۇقلۇق چېگرا بويىدىكى ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىش يېڭى ئېگىزلىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

«كەلگۈسىدە، بىز <يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى> قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، پورت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىمىز، كېڭەيتىمىز؛ پورتنىڭ رايون ئورنى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون سىياسىتى گىرەلىشىش ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىش تەرەققىيات يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىمىز؛ ساياھەتچىلىكنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۈچەپ ئالاتاۋنى ئىقتىدارى مۇكەممەل، ئىگىلىك تىكلەشكە باب كېلىدىغان، ياشاشقا باب كېلىدىغان، كەسىپ بىلەن شەھەر يۇغۇرۇلغان زامانىۋى شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز» دېدى ئالاتاۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دى يۇڭجياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ