تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

قىزىلسۇ ئوبلاستى بەش يىلدا چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش تۈرىدىن 320نى يولغا قويدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى خې لىڭ، رېن خۇانىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق مىللەت - دىن ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بەش يىلدىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستى چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش تۈرىدىن جەمئىي 320نى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىشىغا ئۈنۈملۈك كۈچىگەن.

8- ئاينىڭ 7- كۈنى، مۇخبىرلار ئۇلۇغچات ناھىيەسى بايقۇرۇت يېزىسىنىڭ قىزىل ئېغىن كەنتى تورغات پورتى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ يېنىدا، بۇ ناھىيەنىڭ ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش دېھقانلار ئارامگاھى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. تۈر ئومۇمىي سېلىنمىسى 48 مىليون يۈەن بولۇپ، ئاساسلىقى قىرغىز مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە دېھقانلار ئارامگاھىدىن ئىككىسى، كىگىز ئۆيدىن بەشى قۇرۇلىدۇ، يەنە بېلىق كۆلچىكى، ياغاچ ئاسما يولى، باقمىچىلىق كىچىك رايونى قاتارلىق يانداشما ئەسلىھەلەر بار. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، 20 ئائىلىلىك نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى خىزمەتلەردىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، پۈتۈن ئوبلاستنىڭ كۈچى بىلەن چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى.

ئەمىن ئۆي سېلىش، ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى قىلىش، نامراتلارنى يۆلەش دېھقانلار ئارامگاھى قۇرۇش... قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مىللەت - دىن ئىشلىرى ئىدارىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە، قىزىلسۇ ئوبلاستى جەمئىي 296 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش تۈرىدىن 320نى يولغا قويغان. پەقەت بۇ يىلىلا، قىزىلسۇ ئوبلاستى چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش تۈرىدىن 27نى يولغا قويغان، جەمئىي سېلىنغان مەبلەغ 105 مىليون 880 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىزىلسۇ ئوبلاستى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، چېگرا رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت تەپەككۇر يولىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى. چېگرا قوغدىغۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى تۆۋەن كاپالەت سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ تاسادىپىي زەخىملىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلدى.

چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشلىرى، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشىنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى شەھەر - بازار ئاھالىلىرى ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 28 مىڭ 452 يۈەنگە يېتىپ، 2014- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %9.9 ئاشقان. 2018- يىلى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 8162 يۈەنگە يېتىپ، 2014- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %14.3 ئاشقان.

كېيىنكى قەدەمدە، قىزىلسۇ ئوبلاستى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش تۈرلىرىگە سېلىپ، چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، پۈتۈن ئوبلاستتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئورتاق قەدەم قويۇشىغا كۈچەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى