تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

ئۈچ ئەۋلادنىڭ «يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ئارزۇسى»

ئىستون سۆزى

ئائىلە ئەڭ كىچىك دۆلەت، دۆلەتتە مىليونلىغان ئائىلە بولىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئائىلىلەرگە كىردۇق: يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ماھىرلىرى ئائىلىسى، چېگرا قوغدىغۇچىلار ئائىلىسى، نېفىتچىلار ئائىلىسى، كۆپ مىللەتلىك ئائىلە... بۇ ئاددىي ئائىلىلەردىكى ھەربىر تەسىرلىك ھېكايىدىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىزكى: ھەربىر ئائىلىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى باشتىن - ئاخىر ئۇلۇغ ۋەتەن ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان. ئائىلىنى سۆيۈش بىلەن دۆلەتنى سۆيۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، تەڭ كۈچ چىقارغاندىلا، ئاندىن ئائىلە ئىناق، بەختلىك بولىدۇ، ئاندىن دۆلەت گۈللىنىدۇ، باي - قۇدرەتلىك بولىدۇ.

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرى بەي يۈنفېڭ

8- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 28 ياشلىق ۋاڭ بىنشاڭ ئۆزىنىڭ چوڭ تىپلىق كومبايىنىنى ھەيدەپ، كەڭ كەتكەن ئالتۇن رەڭ بۇغدايلىقتا چېپىپ، دانە - دانە بۇغداي دانلىرىنى يىغىپ «خالتا»غا قاچىلاۋاتاتتى. كۈن نۇرىدا، ئۇ ۋە ئۇنىڭ چوڭ تىپلىق كومبايىنى گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مولۇق بۇغداي دېڭىزىدىكى يارقىن مەنزىرىگە ئايلانغانىدى.

بۇ پەيتتە، ۋاڭ بىنشاڭنىڭ دادىسى ۋاڭ يۇڭسەي بۇغدايلىقنىڭ قىرىدا تۇرۇپ، ئۆزى چەكسىز پەخىرلىنىدىغان ئوغلىغا دىققەت بىلەن قاراپ تۇراتتى. 30 نەچچە يىل ئىلگىرى ۋاڭ يۇڭسەي دادىسىغا ئەگىشىپ تىراكتور ھەيدىگەنىدى؛ ئون يىل ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئوغلى ۋاڭ بىنشاڭمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن تىجارەت قىلدى، بوۋا - نەۋرە ئۈچ ئەۋلاد ھەممىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن تەقدىرى چوڭقۇر باغلانغانىدى.

بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن ۋاڭ يۇڭسەي گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ لوچىتەي بازىرى ئېرچى كەنتىدىن، كىچىكىدىن باشلاپ دادىسى ۋاڭ شۆجىغا ئەگىشىپ تىراكتور ئۈستىدە ئويناپ چوڭ بولغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن ھەپىلىشىۋاتقىنىغا 30 يىلدىن ئاشقانىدى. ئاتا - بوۋىسىنىڭ تەسىرىدە، ۋاڭ بىنشاڭنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا كۆزى پىشىپ، ياش تۇرۇپلا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدىن ئىبارەت بۇ كەسىپنى ياقتۇرۇپ قالدى. دادىسى ۋە بوۋىسىغا ئوخشاشلا، ھەرقانداق يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ئۇنىڭ قولىدا ناھايىتى «گەپ ئاڭلايدىغان» بولۇپ كېتەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ۋاڭ بىنشاڭمۇ ھەر خىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ مەشغۇلات قىلالايدىغان ئۇستا ماھىرغا ئايلىنىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئالدىنقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان يېڭى «نەتىجە»لەرنى ياراتتى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، 89 ياشلىق ۋاڭ شۆجى بوۋاي ھويلىسىدا ئولتۇرۇپ، ئوغلى ۋاڭ يۇڭسەي ۋە نەۋرىسى ۋاڭ بىنشاڭنىڭ «شەرق قىزاردى» ناملىق چوڭ ئات كۈچىلىك تىراكتورنىڭ ماي پومپىسىنى تەڭشەۋاتقانلىقىغا، ئاپتول قاچىلاۋاتقانلىقىغا، ھاۋا سۈزگۈچ ئورنىتىۋاتقانلىقىغا قاراپ، چېھرىدە رازىمەنلىك كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

ۋاڭ ئائىلىسىنىڭ قورۇسىدا، ھەر خىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى لىق تىزىلغان بولۇپ، كومبايىن، تىراكتور، سېيالكا، پىرقىرىما سوقا قاتارلىقلار بىر قاتار رەتلىك تىزىلغانىدى، ھەر خىل چوڭقۇر بوشىتىش، ئاشلىق تاسقاش، دان ئايرىش، يەر تۈزلەش قاتارلىق ماشىنىلار قوشۇلۇپ، جەمئىي چوڭ - كىچىك 20 نەچچە (يۈرۈش) يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرى بار ئىدى، ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، خۇددى «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇزېيى»غىلا ئوخشايتتى.

ۋاڭ شۆجى بوۋاينىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن كەنتتىكى 1- ئەۋلاد تىراكتورچى ئىكەن. 1958- يىلى، ئەينى ۋاقىتتىكى گۇچۇڭ ناھىيەسى قىزىل بايراق گۇڭشېسى بەخت چوڭ ئەترىتى (ھازىرقى گۇچۇڭ ناھىيەسى لوچىتەي بازىرى ئېرچى كەنتى)دە تىراكتور بىلەن يەر ھەيدەش ئەترىتى قۇرۇلۇپ، «شەرق قىزاردى» ماركىلىق ئىككى زەنجىرتاپان تىراكتور سېتىۋېلىنغان. ۋاڭ شۆجى ئىككى ئايدىن كۆپرەك تەربىيەلىنىپ، كەنتتىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى تىراكتورچى بولۇپ، شۇ ئىشلىگىنىچە 30 يىلدىن كۆپرەك ئىشلىگەن.

«ئىلگىرى يەر ئاغدۇرساق كالىغا تايىناتتۇق، تىراكتورنىڭ بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتۇق. ئەينى چاغدا تىراكتور ھەيدەش تولىمۇ شەرەپلىك ئىش ئىدى، تىراكتورچى بولۇپ تاللانغىنىمنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىمدىن نەچچە كۈنگىچە ئۇخلىيالمىغانىدىم. ھازىر دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرى ھەقىقەتەن ياخشى، ئائىلىمىز چوڭ - كىچىك 20 نەچچە يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى سېتىۋالدۇق، ئەينى چاغدىكى بىر گۇڭشېنىڭكىدىنمۇ تولۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلغارلىقىغا كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ» دېدى ۋاڭ شۆجى بوۋاي ھاياجانلانغان ھالدا.

دادىسىنىڭ تەسىرىدە، ۋاڭ يۇڭسەي ناھايىتى بۇرۇنلا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا قىزىقىپ قالغان بولۇپ، كېيىن دادىسىنىڭ ئىشىنى قولىغا ئالدى.

2004- يىلى، مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىدە يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلار، دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ئائىلىسى ۋە بىۋاسىتە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى سېتىۋالسا ۋە يېڭىلىسا بەلگىلىك تولۇقلىما بېرىلىدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ۋاڭ يۇڭسەيدە چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى يېڭىلاش ئويى تۇغۇلدى.

ۋاڭ يۇڭسەي مۇنۇلارنى ئويلىدى: گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى چوڭ، يەنە مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ ناھىيە، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئەگەر چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى سېتىۋېلىپ تېرىقچىلىق قىلساق، دېھقانلار چوقۇم قارشى ئالىدۇ، يەنە كېلىپ تولۇقلىما ئالغىلى بولىدۇ.

بۇنى كۆڭلىگە پۈككەن ۋاڭ يۇڭسەي قىلىمەن دەپلا ئىشنى باشلىدى، ئۇ كەنتتىكى بىر نەچچە دېھقان بىلەن بىللە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بازىرىغا بېرىپ، بىر نەچچە كۈن ئايلىنىپ، ئاخىر «شەرق قىزاردى» ماركىلىق چوڭ ئات كۈچىلىك بىر تىراكتورنى تاللىدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇنداق چوڭ ئات كۈچىلىك تىراكتورنى سېتىۋالسا دۆلەت 113 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرەتتى، ۋاڭ يۇڭسەي ۋە بىر نەچچە دېھقان 120 مىڭ يۈەن خەجلىدى. «يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى سېتىۋېلىشقا بىر قېتىمدا سېلىنىدىغان مەبلەغ بىرقەدەر كۆپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى تۆۋەن، سېتىۋېلىش كۈچى چەكلىك، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ بىزدەك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئائىلىسىگە ھەقىقەتەن چوڭ ياردىمى بولدى» دېدى ۋاڭ يۇڭسەي.

كېيىن، ئوغلى ۋاڭ بىنشاڭنىڭ قوشۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ۋاڭ يۇڭسەي يەنە بىر تۈركۈم زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن سېتىۋالدى. ئۇنىڭ ئائىلىسى شۇ يەردىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن تىجارەت قىلىدىغان داڭلىق چوڭ ئائىلىگە ئايلىنىپ، ھەر يىلى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تىجارىتىدىن قىلغان كىرىمى 200- 300 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

ۋاڭ بىنشاڭ دادىسى ۋاڭ يۇڭسەيگە كەنتتە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن تىجارەت قىلىدىغان ئائىلىلەرنى تەشكىللىسەك، ھەم ھەر قايسىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ، ھەم تەشكىللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، «يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى»دىن پايدىلىنىپ بېيىغىلى بولىدۇ، دەپ تەكلىپ بەردى. ۋاڭ بىنشاڭ مۇنداق دېدى: «ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئارقىلىق بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرغاندا، بىرتۇتاش تېخنىكا ئۆلچىمى قوللانغاندا، بىرتۇتاش ھەق ئېلىش باھاسىنى يولغا قويغاندا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، تەشكىللىنىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق».

ۋاڭ بىنشاڭ ئاللىقاچان ئۆز ئالدىغا ئىش قىلالايدىغان بولدى، ھازىر ئۇ ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى ۋە كەسپىي ئالاقىگە مەسئۇل. بۇلتۇر ئۇ ئۆزى يالغۇز كومبايىننى ھەيدەپ شىخەنزە، باركۆلگە بېرىپ، بىر ئادەم بىر يىلدا 20 مىڭ مو زىرائەت ئورۇشتەك رېكورتنى ياراتتى، ھازىر ئۇنىڭ نامى دادىسى ۋە بوۋىسىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.

«ھازىر دۆلەتنىڭ سىياسىتى شۇنچە ياخشى، مەن چوقۇم دادامنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇشىغا ياردەملىشىپ، بىز ئۈچ ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ <يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئارزۇسى>نى داۋاملاشتۇرىمەن.» ۋاڭ بىنشاڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر گۇچۇڭ ناھىيەسىدە ھەر خىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ئائىلىسىدىن 2100دىن كۆپرەكى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 181ى بار، بۇ جايدا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئائىلىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ