تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

بايىنغولىن ئوبلاستى گۈزەل يېزا - كەنت يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى

«100 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ھەممە كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى

بايىنغولىن ئوبلاستى گۈزەل يېزا - كەنت يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شۈ چىڭگۇاڭ، شېن ياپىڭ، ۋاڭ يۈجاۋ خەۋەر قىلىدۇ: «ئىلگىرى بۇ يەر چەت، قالاق قىشلاق بولۇپ، يول، توك يوق ئىدى، ئۆيلەر بىلەن قوتانلار ئارىلاش جايلاشقان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى بەكلا ناچار ئىدى. ھازىر پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، قاراڭ، كەنتنىڭ ئاسفالت يوللىرى نېمىدېگەن پاكىز، يەنە چىرايلىق يول چىراغلىرىمۇ ئورنىتىلدى، ھەممە ئائىلىنىڭ تۇرمۇش رايونى، تېرىقچىلىق رايونى ۋە باقمىچىلىق رايونى ئايرىلغان بولۇپ، رەتلىك، پاكىز!»

8- ئاينىڭ 4- كۈنى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ شىگشىن بازىرى خوراتاغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ياڭ جىڭ مۇخبىرلارغا بۇ كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى تونۇشتۇرغاندا ناھايىتى ھاياجانلاندى. خوراتاغ كەنتىنىڭ كەنت قىياپىتىدە بۇنچە زور ئۆزگىرىش بولۇشنىڭ ئارقىسىدا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى بىلەن كۈچلۈك ھەرىكىتى بار.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستى گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، جېجياڭنىڭ «1000، 10 مىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، «100 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ھەممە كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى، ئادەم كۈچى، مەبلەغ سېلىنمىسى، خىزمەت ئۈنۈمىدىن ئىبارەت «تۆتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىدا، يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئىلمىي پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات، بىر كەنتتە بىر مەنزىرە بولۇش» تەرەققىيات پىكىر يولى بېكىتىپ، ناھىيە، يېزا - بازار، كەنت، ئائىلىدىن ئىبارەت «تۆت دەرىجە بىرلىشىپ بەرپا قىلىش»تا چىڭ تۇردى، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، كەسىپ تەرەققىياتى، كەنت - مەھەللىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، يەردىن پايدىلىنىش، ئۇل ئەسلىھە، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چۆرىدەپ، كەنت - مەھەللە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تەشكىللىدى، نۆۋەتتە پۈتۈن ئوبلاستتىكى بارلىق مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ يىرىك پىلان تۈزۈش بويىچە قاپلىنىش نىسبىتى %100كە يەتتى.

ھەممە ئائىلىدە پاكىز ھاجەتخانا بولۇش قاتارلىق ھويلا ئىچى، ھويلا سىرتىدىكى «ئالتە ئىش»نى تۇتقا قىلىپ، يېزا - كەنتلەردە ھويلا - ئارانلاردىكى تۇرمۇش رايونى، تېرىقچىلىق رايونى، باقمىچىلىق رايونىدىن ئىبارەت «ئۈچ رايوننى ئايرىش»نى يولغا قويۇپ، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى پەلەمپەيسىمان ئالغا سىلجىتىپ، 2020- يىلىغا بارغاندا پۈتۈن ئوبلاستتىكى 405 مەمۇرىي كەنتنىڭ «ھەممە كەنتنى تۈزەش» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىشىغا، 100 ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتىدە بەرپا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. مۇشۇ ئاساستا، 2022- يىلىغا بارغاندا 50تىن ئارتۇق سەرخىل كەنت بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم «پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى گۈزەل، كەنت قىياپىتى رەتلىك، پاكىز، مۇھىتى گۈزەل، ئىگىلىك تىكلىگەن، كىرىمى ئاشقان، تۇرمۇشى گۈزەل، يېزا ئىستىلى مەدەنىي، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە گۈزەل»بولغان گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇپ چىقىدۇ.

«كىمنىڭ ھويلا - ئارانلىرى پاكىز بولسا شۇ ئائىلىنى ماختايمىز» دېدى لوپنۇر ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى لى يەنفېڭ. گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇشتا، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى جايلار ئاشكارا باھالاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى. نۆۋەتتە، %86.6 مەمۇرىي كەنت يېزىلاردىكى ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى كەنت قائىدىسى، پۇقرالار ئەھدىنامىسىگە كىرگۈزدى، بارغانسېرى كۆپ دېھقان يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى.

ھازىرغىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى يېزا - بازار، كەنتلەردە ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل ھاجەتخانىدىن 185 مىڭ 300ى بولۇپ، يېزىلارنىڭ ئاممىۋى ھاجەتخانا بىلەن تولۇق قاپلىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ 258 مەمۇرىي كەنتتە ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپىسى تاماملاندى؛ 98 مەمۇرىي كەنتتە يۇندى ئۈنۈملۈك بىرتەرەپ قىلىندى؛ 132 يېزا مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش تۈرى 250 كەنتتىكى 279 مىڭ كىشىگە نەپ يەتكۈزدى.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2020- يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئوبلاست بويىچە يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %55تىن ئاشۇرۇلىدىكەن، %70تىن ئارتۇق كەنتتە تۇرمۇش ئەخلەتلىرى، يېزا يۇندىسىنى ئۈنۈملۈك تۈزەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

بۈگۈنكى كۈندە، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى يېزا - كەنتلەردە رەتلىك، پاكىز ئاسفالت يوللار كەنت، ئائىلىلەرگىچە تۇتاشتۇرۇلدى، يورۇق يول چىراغلىرى كەنتنىڭ ھەربىر كېچىسىنى يورۇتتى، مۇھىت تازىلىقىدا روشەن ئۆزگىرىش بولدى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ئۈنۈملۈك ياخشىلاندى، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش جەريانىدا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى