− خەلچىخان يۈسۈپنىڭ پېنسىيەگە چىقىپمۇ دەم ئالماي ئۈزۈم تىكىش تېخنىكىسىنى ھەقسىز ئۆگەتكەنلىكى توغرىسىدا
1968- يىلى، خەلچىخان يۈسۈپ شىنجاڭ 1- ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى (ھازىرقى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى)نى پۈتكۈزۈپ، تۇرپان ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتى (ھازىرقى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزى)غا كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، باشتىن - ئاخىر ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاپ، جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، جاپادىن ۋە تاپا - تەنىلەردىن قورقماي، ئۈزۈم تىكىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش - كېڭەيتىشكە 50 يىل ئۆزىنى بېغىشلىدى.
■ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۈزۈمنىڭ يېڭى سورتىنى يېتىشتۈرۈش
1988- يىلى، تۇرپاندىكى بىر قىسىم دېھقانلار ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتمىگەن دورا ئىشلەتكەچكە، تىككىنىگە ئۈچ يىل بولغان 532 مو ئۈزۈم تېلىدىن ھوسۇل ئالالماسلىق خەۋپىگە دۇچ كەلدى. خەلچىخان تاماقنىمۇ، ئۇيقۇنىمۇ ئۇنتۇپ، ئۈزۈملۈكتىن چىقماي، ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل، تەتقىق قىلىپ، تۆت تۈرلۈك قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۆيمۇئۆي كىرىپ، دېھقانلارغا قۇتقۇزۇش چارىسىنى ئۆگەتتى، ئاخىرىدا ئۈزۈملەر قۇتقۇزۇپ قېلىندى.
2003- يىلى، پېنسىيەگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان خەلچىخان يار بازىرى شەرقىي دەرۋازا كەنتىگە كەلدى، ئەمما ئۇ ئۈزۈم تىكىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشنى تاشلاپ قويماي، كەنتكە 50 مو قاقاسلىقنى ئۈزۈم تەجرىبە ئېتىزى قىلىشنى، 10 مىڭ موغا ئۈزۈم تېلى تىكىلگەن كەنتتە خالىس ئاگرانوم بولۇشنى ئىلتىماس قىلدى.
2011- يىلى، خەلچىخاننىڭ قىزى خۇرشىدەم مەمەت ئاپتوموبىل سېتىۋالماقچى بولدى، ئەمما 50 مىڭ يۈەن كەملەپ قالدى. خۇرشىدەم ئانىسىدىن پۇل سورىغاندا، خەلچىخان ئىنتايىن تەڭلىكتە قالدى. خەلچىخاننىڭ ئېرى بۇنى ئاڭلاپ، قىزىنى ئۆيگە باشلاپ كىرىپ، خەلچىخاننىڭ كىيىم ئىشكاپىنى قىزىغا كۆرسەتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە بىرەرمۇ يېڭى كىيىم يوق ئىدى. ئارقىدىن دادىسى قىزىنى ئۈزۈملۈككە باشلاپ كېلىپ قىزىغا مۇنداق دېدى: «ئۆيدىكى پۇللارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە، ئاناڭنىڭ يېڭى ئۈزۈم سورتىنى يېتىشتۈرۈشى ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل كېتىدۇ، سەن ئاناڭنى چۈشەنگىن».
■ دېھقانلارغا ئۈزۈم تىكىشنىڭ تەمىنى تېتىتىش
1979- يىلى، تۇرپان ناھىيەسى (ھازىرقى ئىدىقۇت رايونى) مەملىكەت بويىچە 1- تۈركۈمدىكى ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ بېكىتىلدى، خەلچىخان يار يېزىسى (ھازىرقى يار بازىرى)دا ئۈزۈم تىكىش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئەينى ۋاقىتتا، تۇرپاندا ئۈزۈم تىكىلگەن كۆلەم ئاران 40 مىڭ مودىن كۆپرەك ئىدى. ھۆكۈمەت ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنى ئۈزۈم تىكىشكە ئىلھاملاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن دېھقان تىكىشنى خالىمايتتى، چۈنكى ئۈزۈم تېلى تۆت - بەش يىلدا ئاران مېۋە بېرىپ پايدىسى كۆرۈلەتتى.
خەلچىخان بۇنىڭلىق بىلەن بوشىشىپ قالمىدى، ئۇ يار يېزىسىدا كىچىك ئۈلگە كۆرسىتىش بېغى قۇرۇپ، ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش - يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى سىناق قىلىپ، «ئىشلەپ كۆرسىتىپ قويۇش» ئۇسۇلى بىلەن يېڭى تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرماقچى بولدى.
ئالدىنقى ئىككى - ئۈچ يىلدا، خەلچىخاننىڭ نەق مەيداندا ئۆگىنىش كۇرسى ئېچىشى تەسكە چۈشتى. دېھقانلار قاتنىشىشنى خالىمىدى، كەلگەنلەرمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى. بىر قېتىم ئۇ يار يېزىسىدا تەشۋىقات يىغىنى ئاچقاندا ئاران 50 نەچچە ئادەم كەلدى. ئەمدىلا سۆزلىشىگە ئاڭلىغۇچىلار: «بىز ئۈزۈم تىكىدىغانلار تۇرساق، ئۇنىڭ تەجرىبىسى بىزنىڭكىدىن كۆپمىكەن؟ بولدى كەتتۇق!» دەپ توۋلاشتى.
خەلچىخان دەرسنى تولۇق سۆزلەپ بولۇپ، ئۆيىگە قايتقاندا كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلىۋەتتى. ئەمما ئۇ يېڭىلگىنىگە تەن بەرمىدى، شۇنىڭدىن كېيىن دائىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۈزۈملۈكىگە بېرىپ، دېھقانلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇنىڭ تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشى ئارقىلىق بىر مو يەرگە تىكىلىدىغان ئۈزۈم تېلى 30 تۈپتىن 90 تۈپكە كۆپەيتىلىپ، ئۈزۈم ھوسۇلى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى.
1984- يىلى، خەلچىخان ئۈزۈمچى دېھقان لىتىپ سىناق قىلىشقا بەرگەن ئۈزۈملۈكنى ئۈچ رايونغا ئايرىپ، ئوخشاش بولمىغان قويۇقلۇقتىكى دېھقانچىلىق دورىسى«920»نى چاچتى، ھوسۇل ئالغاندا ئۈزۈم ھوسۇلى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %40 ئېشىپ، بىردىنلا تۇرپاننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى. لىتىپ خەلچىخانغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «سىزنىڭ ئۇسۇلىڭىزنى قوللىنىۋېدۇق، ئۈزۈم بەك ئوخشىدى!»
ئۈزۈمچى دېھقانلار بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا، خەلچىخان بىر يۈرۈش پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتى، «مەن ئۇلارغا ئۈزۈمنى بالاڭلارنى باققاندەك بېقىڭلار، ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلساڭلار، ئۇمۇ سىلەرگە ياخشى جاۋاب قايتۇرىدۇ دېدىم، ئۇلار چۈشەندى.» بەزى ئۈزۈمچى دېھقانلار ئاز ئوغۇتلاپ، ۋاقتىدا سۇغارمىغاچقا، ھوسۇل ئازىيىىپ كەتتى. ئۇ دېھقانلارغا مۇنداق دېدى: «بالىدا ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە، ئاسانلا ئاغرىپ قالىدۇ، ئۈزۈممۇ ئوخشاش، شۇڭا ئۇنىمۇ ئوبدان ئوغۇتلاش، ۋاقتىدا سۇغىرىش كېرەك».
■ تېخىمۇ كۆپ «ئۈزۈمچى قىز»لارنى يېتىشتۈرۈش
ھازىر، خەلچىخان پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، يەنىلا دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرماقتا.
بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە، خەلچىخاننىڭ ئۈزۈملۈكىگە كېلىپ تېخنىكا ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، تەكنى ئېچىش، سۇغىرىشتىن تارتىپ ئارتۇق بىخلارنى ئۈزۈۋېتىش، ئوغۇتلاش، چاتاش قاتارلىق ھەربىر باسقۇچتا، خەلچىخان ئۆگەنگىلى كەلگەن دېھقانلارغا قولمۇقول ئۆگەتتى. ئۇ يەنە نەچچە شاگىرت قوبۇل قىلدى، ياز كۈنلىرى ئۈلگۈرەلمىگەندە، شاگىرتلارمۇ «ئۇستاز»غا ئايلاندى.
خەلچىخاننىڭ يېتەكلىشىدە، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىدىكى نۇرغۇن يېزا ئاياللىرى ئۆيىدىن چىقىپ ئۈزۈملۈكتە ئۈزۈم يېتىشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىپ كىرىمىنى ئاشۇردى، ئورنىنى ئۆستۈردى. خەلچىخان يەنە ئۈزۈم تىكىش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدىغان بىر «قىزىل ئاياللار قوشۇنى»نى يېتىشتۈردى.
نەچچە ئون يىل چىڭ تۇرۇش نەتىجىسىدە، خەلچىخان مەملىكەتلىك يېزىلاردا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار نەمۇنىچى شەخس، مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش باشلامچىسى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى. بۇ شەرەپلەر توغرىسىدا توختالغاندا خەلچىخان مۇنداق دېدى: «ئۈزۈم تىكىش ئۆمۈرلۈك سۆيگەن كەسپىم، قانچىلىك چوڭ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىشىمدىن قەتئىينەزەر، مەن چوقۇم قەتئىي داۋاملاشتۇرىمەن. مەن تېخنىكىلارنى تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارغا ھەقسىز ئۆگىتىپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنى بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن».