تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ، كۈرەش قىلغۇچىلار

بۇرچقا سادىق بولۇشتىن ئۆكۈنمەي، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەسلىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش

− جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرى يې شياڭفا توغرىسىدا

2017- يىلى 2- ئايدا، يې شياڭفا گۈزەل شىزى كۆلى بويىدىن تۆمۈر چوققىسى ئېتىكىگە كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇساپىسىنى باشلىدى. ئۈچ يىلغا يېقىن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، جېجياڭنىڭ ئۈچ چوڭ كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىدىكى تۈۋرۈكنىڭ بىرى بولغان نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇشتىكى «10 مىڭ مو ئېتىز، 100 مىليون يۈەن» كىرىمنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇساپىسىدە شانلىق سەھىپە ئاچتى.

 چېگرا رايونغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلاش

«مەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى بارىدىغان بولدۇم، پات ئارىدا ماڭىدىكەنمىز.» 2016- يىلى 8- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، يې شياڭفا ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن خوتۇنىغا مۇشۇنداق دېدى، بىراق خوتۇنى ئاڭلاپلا قەتئىي قارشى تۇردى. ئۇ يەنە 60 نەچچە يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە دادىسى بىلەن پاراڭلاشتى، «كومپارتىيە ئەزاسى ئاڭغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، قارار قىلغان ئىكەنسەن، ماڭغىن» دېدى بوۋاي. مېڭىش ئالدىدا، خوتۇنى يېڭىدىن سېتىۋالغان مامۇق چاپاننى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ: «ئۆيدە مەن بار، سىز شىنجاڭدا ئۆزىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ» دېدى. خوتۇنىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئوتتۇرا ياشقا بېرىپ قالغان يې شياڭفا يىغلىۋەتتى.

ئاقسۇغا كېلىشى بىلەنلا، ۋىلايەتلىك پەن - تېخنىكا ئىدارىسى يې شياڭفانى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىل تۈزۈمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى ۋە ئىلھامىنى تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. دەرستىن كېيىن، كۇرسانتلار يې شياڭفانى مېۋىلىك باغنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. يې شياڭفا ئېتىز باشلىرىغا مېۋىلىك دەرەخ شاخلىرىنىڭ توشۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى، ئۇزاق مەزگىل يېمەكلىك زەمبۇرۇغ پەن تەتقىقات تۈرىنى باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان يې شياڭفا بۇنىڭ غايەت زور خەزىنە ئىكەنلىكىنى سەزگۈرلۈك بىلەن تونۇپ يەتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە قۇرغاق رايونلاردىكى ئورمانلىقلاردا قارا مورنى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ ئايلانما ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دادىل تەسەۋۋۇرى پەيدا بولدى.

يې شياڭفا تېزدىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. ۋاھالەنكى، يېمەكلىك زەمبۇرۇغىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ھاۋانىڭ نەملىكىگە بولغان تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى ئىدى، ئاقسۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، ھاۋاسى قۇرغاق بولۇپ، قارا مور يېتىشتۈرۈشنىڭ خەتىرى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى. قۇرغاق رايونلاردا قارا مور زەمبۇرۇغ يىپچىسىنىڭ ئۆسۈش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش ۋە نەملىكنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش يې شياڭفانىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىر تېما بولۇپ قالدى.

 قارا مور يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تەتقىق قىلىش

يې شياڭفا ھە دېگەندىلا ئىشقا كىرىشىپ تەجرىبىنى باشلىۋەتتى. ئۇ كۆپ خىل مېۋىلىك دەرەخ شاخلىرىنى يىغىپ، جېجياڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېمەكلىك زەمبۇرۇغ مۇتەخەسسىسلىرىگە تېز يوللانما قىلىپ ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن قارا مور زەمبۇرۇغ تاياقچىسىنى يېتىشتۈرۈشكە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىماس قىلدى. يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، خۇش خەۋەر كەلدى، زەمبۇرۇغ يىپچىسىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولغانىدى، جېجياڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى دەرھال زەمبۇرۇغ تاياقچىسىنى ئاقسۇدا داۋاملىق سىناق قىلىشقا ئەۋەتتى.

ۋاقىت ۋە خىراجەتنى تېجەش ئۈچۈن، يې شياڭفا تەجرىبە مەيدانىنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى سۆگەت دەرىخى ئاستىغا ئورۇنلاشتۇردى. زەمبۇرۇغ يىپچىسى يېتىلىپ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ ھەر كۈنى ئون نەچچە سائەت خىزمەت قىلدى.

يې شياڭفا ئۇدا ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملىق سىناق قىلىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق سانلىق مەلۇمات ھاسىل قىلدى، 30 تەجرىبە زەمبۇرۇغ تاياقچىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تۇنجى يېڭى قارا مور بولۇپ ئۆسۈپ چىقتى، كۆرسەتكۈچ لايىھەدىكى نىشانغا يەتتى ياكى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن بولدى، ئۇ دەسلەپكى قەدەمدە قارا مورنى سۈنئىي ئۇسۇلدا يېتىشتۈرۈشنىڭ تېخنىكا يولى ۋە ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتى. قارا مورنى سۈنئىي ئۇسۇلدا يېتىشتۈرۈش ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە مەمۇرىي مەھكىمە تەرىپىدىن نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ قوشىدىغان «10 مىڭ مو ئېتىز، 100 مىليون يۈەن» كىرىمنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى قىلىپ بېكىتىلىپ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نۇقتىلىق يۆلەيدىغان مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا تۈرى قىلىش ئىلتىماس قىلىندى. ئاقسۇ ۋىلايىتى شىنجاڭ داشۆ پەن - تېخنىكا شۆيۈەنى ئاقسۇ مەكتەپ رايونىدا «10 مىڭ مو ئېتىز، 100 مىليون يۈەن» قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىق قىلىش - ئېچىش مەركىزىنى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات بىر گەۋدە قىلىنغان تېخنىكىنى تەتقىق قىلىش - ئېچىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

 ئومۇملاشتۇرۇش يولىنى ئېچىش

سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، يې شياڭفا ئومۇملاشتۇرۇش لىنىيەسىنى پىلانلاشقا باشلىدى. دېھقانلارغا ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان يېڭى شەيئىلەرنى سىناق قىلدۇرۇش ئاسان ئىش ئەمەس. يې شياڭفا نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئىككى ناھىيەنىڭ بارلىق يېزا - بازارلىرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، دېھقانلارغا تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى تەشۋىق قىلدى، بىراق ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ ئاڭلىغىنى«مەن يەنە ئويلىشىپ باقاي» «باشقىلار تېرىسا مەنمۇ تېرىيمەن» دېگەن سۆزلەر بولدى.

ئامالسىز قالغان يې شياڭفا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىن ياردەم سورىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ رەھبەرلىرى يې شياڭفا بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، بىر تۈركۈم زەمبۇرۇغ تاياقچىلىرىنى ھەقسىز تارقىتىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ ئومۇملاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشنى قارار قىلدى.

قاتناش ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئېغىر پالەچ بولۇپ قالغان، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىسى مۇتەللىپ تۇنجى نەپكە ئېرىشكۈچى بولدى. يې شياڭفانىڭ قولمۇقول يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن، 2017- يىلى يازدا، مۇتەللىپ 1700 زەمبۇرۇغ تاياقچىسىنى تېرىپ، ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 8500 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ، كەنتتە خېلى زور زىلزىلە پەيدا قىلدى. 2018- يىلى كۈزدە، قارا مور تېرىش تېخنىكىسى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلىپ، 100دىن ئارتۇق نامرات كەنتتىكى 5000 نامرات ئائىلىنى قاپلاپ، 30 مىڭغا يېقىن ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

تېخنىكا كېڭەيتىش جەريانىدا، چەت، يىراق يېزا - كەنتلەر يې شياڭفاغا «ماكان»، ئېتىز بېشى ئۇنىڭغا «ئىشخانا» بولدى، يې شياڭفا ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى سەككىز ناھىيە، بىر شەھەردىكى 100گە يېقىن كەنتنى ئايلىنىپ چىقتى، 400دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىدىكى 1800دىن ئارتۇق دېھقاننى زىيارەت قىلدى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەندىن بۇيان، يې شياڭفا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى كەسىپ قىلىپ، ئىش ئورنىنى بازا ئورنىدا ساقلاپ، ئۆزىنى بېغىشلاشنى ئۆز بۇرچى دەپ بىلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى